ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېتىقادىمىزنى مۇستەھكەملەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز

2017-09-14 17:01:43     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئاپتونوم رايونلۇق مىللەت- دىن ئىشلىرى كومىتېتى (دىن ئىشلىرى ئىدارىسى) پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئىسلام دىنى جەمئىيىتى شۆبە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى ما يەنلىن

 
 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت»، «دىن»نى دەستەك قىلىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيزم ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇقنى تەرغىب قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىگە ئىنتايىن زور زىيان يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ خاتىرجەم، كۆڭۈللۈك تۇرمۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ھازىرقى دىنىي ساھەدىكى بەزى مەسىلىلەرنى چوڭقۇر ئويلىنىش ئارقىلىق كادىرلار قوشۇنى ۋە دىنىي ساھەگە يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ زىيىنىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى، جەزمەن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەسكىن تەدبىر قوللىنىپ، ئۇلارنى تازىلاپ چىقىشىمىز كېرەكلىكىنى بارغانسېرى ھېس قىلدىم. دىنىي زاتلار قوشۇنىغا، مەسچىتنى دېموكراتىك باشقۇرۇش تەشكىلاتى ئەزالىرى ۋە ئېتىقادچى ئامما ئارىسىغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىدىن، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يارىتىپ بەرگەن بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولۇپ تۇرۇپ، ئېشىنى يەپ قازىنىنى چاقىدىغان، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان قۇۋلۇق- شۇملۇقلارنى قىلىۋاتىدۇ. ئايرىم دىنىي زاتلار قارىماققا پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلغاندەك تۇرغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىۋاتىدۇ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئالدىدا بىر خىل، ئېتىقادچى ئامما ئالدىدا يەنە بىر خىل سۆزلەۋاتىدۇ؛ مەسچىت ئىچىدە بىر خىل، مەسچىت سىرتىدا يەنە بىر خىل سۆزلەۋاتىدۇ. «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر رەزىل، نومۇسسىز بولۇپ، كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە قېلىۋاتىدۇ! بىز ئۇلارنىڭ بىر كۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا، تەستە قولغا كەلگەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا تەسىر يەتكۈزۈشىگە، ھەر مىللەت خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتى ۋە ئىناق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى يوقاتمىساق، شىنجاڭدا مەڭگۈ خاتىرجەملىك بولمايدۇ. ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما ئاكتىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، ھەرىكەتكە كېلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى باتۇرلۇق بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ بارلىق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەپ، باشلامچىلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بۇرچىغا سادىق، دادىل بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «يېڭى ۋەزىيەتتىكى دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، دىننى ماركسىزملىق مەيدان، قاراش، ئۇسۇل ئارقىلىق تونۇش ۋە ئۇنىڭغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىن ۋە دىن خىزمىتى قانۇنىيىتىگە بويسۇنۇپ، دىن ساھەسىدىكى تۈرلۈك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئېلىمىزدە دىننىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشى ۋە دىن خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دىن نەزەرىيەسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇنى ئېلىمىزنىڭ دىن خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى يېتەكچىلىك قىلىدىغان قىلىشىمىز كېرەك». مىللەت- دىن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ھەر مىللەت پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللەت- دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن سىياسىتىنى ئەستايىدىل ئىگىلەپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشتىكى ئىدىيەۋى قورال قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەت- دىن خىزمىتىنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىز دىن ساھەسىنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك.
  بىرىنچىدىن، تىرىشىپ سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم ئۈلگىلەردىن بولۇش كېرەك. سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولۇش − پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئاساسىي ساپاسى، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بولغاندىلا، ئەمەل تۇتۇپ مەمۇرىيەت يۈرگۈزگەندە ھاماقەتلىك قىلمايمىز، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشتە يول راۋان بولىدۇ. سىياسىي جەھەتتە ئاقىل بولۇپ، سىياسىي ئىرادىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئېتىقادنى ئۆزگەرتمەي، سىياسىي مەيداندا تەۋرەنمەي، سىياسىي يۆنىلىشتىن ئازماي، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئىدىيە جەھەتتە يادرونى چوڭقۇر تونۇپ، سىياسىي جەھەتتە يادرونى قەتئىي قوغداپ، تەشكىل جەھەتتە يادروغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ھەرىكەت جەھەتتە يادروغا قەتئىي ئەگىشىپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى كۈرەشتە باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشتىن- ئاخىر بايراق روشەن، مەيدان مۇستەھكەم بولۇشى كېرەك.
  ئىككىنچىدىن، تىرىشىپ پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. پارتىيەگە سادىق بولۇش − پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پارتىيەۋىلىكىگە قويۇلىدىغان ئاساسىي تەلەپ، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلاردا بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي پەزىلەت. پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش، بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش − پارتىيەلىك كادىرلار، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. «ئادەتتىكى چاغلاردا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان، ھالقىلىق پەيتتە ھۇجۇمغا ئۆتەلەيدىغان، خەتەرلىك پەيتتە جېنىنى تىكەلەيدىغان بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، باش نىشان ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىش كېرەك.
  ئۈچىنچىدىن، تىرىشىپ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ بۇ باش نىشانى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئورنىنى ئىلمىي بېكىتىش ئاساسىدا بېكىتكەن نىشان، ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
  تۆتىنچىدىن، تىرىشىپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش نەمۇنىچىلىرىدىن بولۇش كېرەك. جەزمەن «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسى ۋە «بەشنى تونۇش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش ھەم ئۇنى ئىچكى جەھەتتە ئىدىيەگە سىڭدۈرۈش، تاشقى جەھەتتە ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك. ئاز سانلىق مىللەت پارتىيەلىك كادىرلار پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋىتىنى ساقلاشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىدە سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇپ، باشلامچىلىق رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تارىخىي بۇرچىمىزنى ياخشى ئادا قىلىپ، سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، باشلامچىلىق رولىمىزنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى ئۆزىمىزدىن، ئائىلىمىزدىكىلەرنى، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىزنى، دوستلىرىمىزنى، خىزمەتداشلىرىمىزنى تەربىيەلەشتىن باشلاپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى باشتىن- ئاخىر كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشقا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك.
  بەشىنچىدىن، مىللەت- دىن خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك. باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مىللەت- دىن خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ ئىسلام دىنى ساھەسىدىكى بارلىق زاتلار ۋە ئېتىقادچى ئاممىغا دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا پائال تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى شۇ بويىچە يېتەكلەپ، ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ دىننى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا ۋە ياخشى ئىشلەپ، دىنىي زاتلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى ۋە «ئۆگىنىش، ياخشىلاش، ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مىللەت- دىن خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى