ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممەمگە ئېلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم بېرىمەن

2017-09-14 17:02:31     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

قەشقەر يېڭى شەھەر ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم ئەيساجان ئەخەت

 
 شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلق قان بىلەن گۆشتەك يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئۇيغۇر كادىرلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان بىر ئوچۇم مۇناپىقلارنىڭ غايە- ئېتىقادى تەۋرەندى، مىننەتدارلىق ئېڭى كەمچىل بولدى، ئۇلاردا ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى پەيدا بولدى، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ئۇلارنىڭ مەيدانى مۇستەھكەم بولمىدى، ئۇلار ھەتتا يامانغا يانتاياق بولدى. ئۇلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئالدىدا بىر خىل سۆزلەپ، ئاستىرتىن باشقىچە ئىش قىلىپ، ھەمىشە دېگىنىنىڭ ئەكسىنى قىلدى؛ ئۇلار پارتىيەگە سادىق، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان «ئۆز ئادىمىمىز» قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە ئىتتىپاقلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ، بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا ئىنتايىن زور توسالغۇ پەيدا قىلدى.
  پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قارىماققا ماركسىزم لېنىنىزمغا ئېتىقاد قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئاستىرتىن دىنغا ئېتىقاد قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ۋە ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدى، ھەتتا زوراۋان- تېررورچىلارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇلارنى قوللاپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە داغ تەگكۈزۈپ، جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىق تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئىشلىرىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى؛ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر ئالاھىدە سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىنى خالىغانچە بۇرمىلاپ، دۆلەتنىڭ ئورتاق قوللىنىلىدىغان تىل- يېزىقىنى قەستەن چەتكە قېقىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى، «پانتۈركىزم» ۋە «پانئىسلامىزم» ئىدىيەسىنى ھەدەپ تارقىتىپ، رەزىل نىيىتى ئارقىلىق كىشىلەرنى چوڭقۇر زەھەرلەپ، خەلق ئوقۇتقۇچىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي ئەخلاقنى يوقاتتى؛ سىياسىي- قانۇن قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ زىيىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە، ئۇلار دۆلەت گېربى تاقالغان شەپكىنى كىيىپ تۇرۇپ قانۇن ئىجرا قىلغىنى بىلەن، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى كۆزگە ئىلمىدى، ھەتتا دەپسەندە قىلدى، ئۇلار ۋىجدانىغا ساتقۇنلۇق قىلىپ، پۇل ئېلىپ جىنايەتچىلەرنى قاماقتىن چىقىرىۋېلىشقا ئۇرۇندى، ھەتتا زوراۋان- تېررورچىلارنى قەستەن قانات ئاستىغا ئېلىپ، دېلو يىپ ئۇچىنى قەستەن يوشۇرۇپ، خەلق ئارىسىدا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى؛ دىنىي زاتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قارىماققا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلغاندەك قىلغىنى بىلەن، كۆڭلىدە دىنىي قائىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارىدى. ئۇلار قانۇنلۇق سالاھىيىتى ۋە قانۇنلۇق سورۇندىن پايدىلىنىپ كۆز بويامچىلىق قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، زوراۋان- تېررورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ بىر ئېقىندا ئاقتى، بەزىلىرى ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق شايكىلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى ۋە غوللۇق كاتتىبېشى بولۇپ، بىگۇناھ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىدىيەسىنى زەھەرلىدى؛ ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكىلەرنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە تايىنىپ بېيىغان تۇرۇقلۇق، ئاستىرتىن سودا ئارقىلىق تېررورلۇقنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، «پانتۈركىزم» ۋە «پانئىسلامىزم» ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلدى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى سېتىشتا «مۇسۇلمانچە» بەلگىسىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، زوراۋان- تېررورچىلارنى تېخىمۇ كۈشكۈرتۈپ، ئۇلارنى سورۇن، مەبلەغ قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مالىيە مەنبەسى ۋە قولچومىقىغا ئايلاندى.
  ئۇيغۇرلار ۋەتەنپەرۋەر، ئەمگەكچان، باتۇر، ئاق كۆڭۈل، ئىتتىپاق مىللەت، نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇرلار جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشتى. چوڭ- كىچىك غوجىلار توپىلىڭىنى تىنجىتتى، زو زۇڭتاڭنىڭ ياقۇپ بەگنىڭ تاجاۋۇزچى كۈچىنى يوقىتىشىغا ياردەم بەردى، چار رۇسىيە ۋە ئەنگلىيە جاھانگىرلىرىنىڭ شىنجاڭغا قىلغان تاجاۋۇزىغا قارشى تۇردى، بولۇپمۇ ۋەتىنىمىزنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۈشكۈل مەزگىلىدە 2300دىن ئارتۇق ئۇيغۇر قېرىنداش خەتەرلىك پەيتتە چاقىرىققا بىنائەن چوڭ كارۋان تەشكىللەپ، كۆتۈرۈش، يۈدۈش، ئات- تۆگىگە ئارتىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا قىپقىزىل قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان «ھاياتلىق يولى»نى ئاچتى. تۈنۈگۈنكى تارىخ ئۇيغۇر ئاممىنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان ئاددىي- ساددا ھېسسىياتىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۈگۈنكى كۈندە بىز تېخىمۇ سادىقلىق، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىش ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئۇيغۇر كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى يېپيېڭى تارىخىنى يارىتىشىمىز كېرەك.
  مەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بىر ئاددىي كادىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن پارتىيە ئەزاسى بولغان دادامنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلدىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىدە مەن قەدەممۇ قەدەم رەھبەرلىك ئورنىغا چىقىپ ھاكىم بولدۇم ھەم جىڭگاڭشەندىكى كادىرلار مەكتىپىگە بېرىپ قىزىل تەربىيەنى قوبۇل قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر يولىنى قايتا بېسىش، قىزىل ئارمىيە تامىقىنى قايتا يېيىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم؛ قەشقەر كوناشەھەر رايونىنى قوغداش بويىچە ئۇنىۋېرسال تۈزەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ، قەشقەر كوناشەھەر رايونىنىڭ «پاسكىنا سۇ پارلىنىپ تۈگەيدىغان، ئەخلەت شامالدا ئۇچۇپ يوقايدىغان» خەتەرلىك رايوندىن 5A دەرىجىلىك تارىخىي، فىلولوگىيە مەنزىرە رايونىغا ئايلانغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، قەشقەرنىڭ نامرات، قالاق، ئېشەك ھارۋىسىنى قاتناش ۋاسىتىسى قىلىدىغان دەۋردىن بۈگۈنكى ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرگەن زامانىۋى شەھەر دەۋرىگە ئۆتكەنلىكىگە شاھىت بولدۇم. چېگرا رايوننىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولۇش، تەرەققىي قىلىشتەك دەۋر ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىش جەريانىدا، مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىككى قېتىم سەمىمىي قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇم، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەربىيەسى ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ مېنى ھەر ۋاقىت ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلۇغ پارتىيە، قۇدرەتلىك ۋەتەن بولمىغان بولسا، مەندەك ئۆسۈپ يېتىلگەن مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان پارتىيەلىك ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىر بولمىغان بولاتتى، بىز دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلىشتەك ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتۇق. پارتىيەنىڭ ھىممىتىگە، ۋەتەننىڭ چاقىرىقىغا، خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ئالدىدا، بىز مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماي، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىگە قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئاتلىنىپ، بارلىق «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن ئۆزىمىزنى بېغىشلاشتىن ئىبارەت جاراڭلىق قەسىمىمىزنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.
  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولمىغان <ئىككى يۈزلىمىچى>لەر پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا زور زىيان يەتكۈزىدۇ، ئۇلارنى دەل ۋاقتىدا پەرق ئېتىشىمىز، تازىلىشىمىز كېرەك». «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قوشۇنىمىزدىكى «زەھەرلىك ئۆسمە»، ئەسەبىي ئىدىيە ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى «گۇپپاڭچىلىرى»، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ مەنبەسى. ئۇلار ھەقىقەتنى بۇرمىلاپ، ھەق- ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلدى، ھەتتا دۆلەتتىن مائاش ئېلىپ تۇرۇپ، زوراۋان- تېررورچىلارنى قوللاپ، كىشىنى چۆچۈتىدىغان تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلدى، ئۇلار شىنجاڭغا «خەتەرلىك جاي» دېگەن تامغىنى بېسىپ، ئۇيغۇرلارغا «زوراۋان»، «تېررورچى» دېگەن بەلگىنى چاپلاپ، ھەققانىي، ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى ھاقارەتلىدى. ئادالەتسىزلىكنى كۆرگەن ئادەم شەمشەرنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، بىز تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە مەسئۇلىيەتنى قورقماي زىممىمىزگە ئېلىش، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش روھى، قەيسىرانە ئىستىل بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»كە، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، تولۇق غەلىبە قىلمىغۇچە ھەرگىز چېكىنمەسلىكىمىز كېرەك.
  «پۇرچاق ھەر قانچە سەكرىسىمۇ قازاننى تېشىۋېتەلمەيدۇ» دەيدىغان ماقال- تەمسىل بار. قۇدرەتلىك ۋەتەن ۋە خەلق ئالدىدا بارلىق دۈشمەن كۈچ ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر يوشۇرۇنغۇدەك جاي تاپالمايدۇ، چوقۇم ئۆزىنى ھالاك قىلىدۇ. پارتىيەلىك ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ھەر ۋاقىت سىياسىيدا سەگەك، ھەرىكەتتە ئاڭلىق بولۇپ، دادىل زىممىمىزگە ئېلىش جاسارىتىمىز ۋە ئىرادىمىز بىلەن تارىخىي ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە باتۇرلۇق بىلەن ئېلىپ، ئەتراپىمىزغا يوشۇرۇنغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىشىمىز، تازىلىشىمىز، قېزىپ پاكىزلىشىمىز، زەربە بېرىپ يوقىتىشىمىز؛ مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ تىنچلىقىنى، مەڭگۈ مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز؛ تولۇپ تاشقان شىجائىتىمىز بىلەن ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك!

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى