قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياپونىيەدىكى قۇببىسىمان ئۆگزىلىك مېھمانساراي

2017-09-14 18:46:15     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاۋغۇست خەۋىرى: ياپونىيەنىڭ ساياھەت رايونى ئاسو دېھقانچىلىق مەيدانىدا پولىستىرېن كۆپۈكىدە ياسالغان قۇببىسىمان ئۆگزىلىك مېھمانسارايلار بولۇپ، قارىماققا جەلپكار بولۇپلا قالماي، يەنە يەر تەۋرەشكە چىدامچان ئىكەن.
ئاسو دېھقانچىلىق مەيدانى ياپونىيەنىڭ كيۇشيۇ ئارىلىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1800 ئېنگلىزچىسى (تەخمىنەن 549 مېتىر) كېلىدۇ. 2016-يىلى ئاپرېلدا ئاسو دېھقانچىلىق مەيدانى كيۇشيۇ ئەتراپىدىكى 7 بال يەر تەۋرەشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىق ھالدا ساقلانغان بولسىمۇ، قايتا قۇرۇش ئىشلىرى ئۈچۈن دېھقانچىلىق مەيدانى 4 ئاي تاقالغان. شۇ يىلى ئاۋغۇستتا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇ دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئوخشىمىغان باش تېمىلىق 480 تۇرالغۇ ھازىرلانغان.
ئىگىلىنىشىچە، قۇببىسىمان ئۆگزىلىك مېھمانخانىنىڭ بىر كېچىلىك ھەققى 75 فوندسىتېرلىڭ (تەخمىنەن 667 يۈەن) دىن 136 فوندسىتېرلىڭ (تەخمىنەن 1209 يۈەن) غىچە ئىكەن.

 

 

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى