قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئون بىر يىللىق توي خاتىرىسى

2017-09-18 17:01:57     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەتلى ئايالى ھۆسنىرەگە دەپتۇ:
-ئون بىر يىلدا بىر دەرەخ ئۆسۈپ، مىۋە بېرىدۇ……ئون بىر يىلدا، بىر بالا تۇغۇلۇپ، چوڭ بولۇپ، باشلانغۇچنىڭ تۆت ،بەشىنچى يىللىقىغىمۇ چىقىپ قالىدۇ، ئون بىر يىلدا بىر قوزىمۇ تۇغۇلۇپ، قېرىپ، ھالىدىن كىتەيلا دەپ قالىدۇ……ئون بىر يىلدا بىر ئاسلانمۇ تۇغۇلۇپ، قېرىپ ھالىدىن كىتەيلا دەپ قالىدۇ……ئون بىر يىلدا بىر كۈچۈك…
-)چاڭ چۇڭ)ئا.......... نىمە تىلىڭىزنى چاينايسىز، تۈزۈك گەپ قىلىڭ!
-ماقۇل ھۆسنىرە، ماقۇل……ئون بىر يىل جەريانىدا، بىز ئىككى قېتىم دۇنيا پۇتبول مۇسابقىسىنى، ئىككى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى،ئىككى قېتىم ئاسىيا پۇتبول مۇسابقىسىنى، ئىككى قېتىم ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابقىسى، ئون بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقى……
)قاس قۇس)- نىمە دەپ بىلجىرلاۋاتىسىز ئەتتىگەندە، تېخى قولۇڭىزدىكى تەشتەكنىمۇ؟
-ھوي، قېنى بۇنىڭ ئۈستىدىكى گۈل ……ئەستا……قاراڭ ھۆسنىرە، مانداقتى……ئون بىر بىر خاسىيەتلىك سان، مەسىلەن، ئىككى تال چوكىنى ئۆرە قويساق ئون بىر بولىدۇ~قايسى قېتىم ئىككى پۇتۇمنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانتىڭىز، ئىككى ھاسا تاياققا يۆلىنىۋالغانتىم، مەنمۇ 11غا ئوخشاپ قالغان ،ھى ھى ھى ياق ،111كەن راست……
)-پاس پۇس~(نىمە دىمەكچى زادى سىز
-ھۆسنىرە، توي خاتىرە كۈنىمىزگە مۇبارەك بولسۇن~ئون بىر يىلنىڭ ياقى مىنىڭ بىشىمى سىلاپ )ئەمەلىيەتتە چىچىمنى يۇلغانتىڭىز(ياق ، مىنى يېقىندىن يۆلەپ)ئەمەلىيەتتە ئۇرۇپ تۇرالماس قىپ قويغانتىڭىز، مىنىڭ كىرىمنى يۇيۇپ )ئەمەلىيەتتە مىنى كىرئالغۇغا پۈتۈنلا تىقىۋەتكەن(،تامىقىمنى ئېتىپ )ئەمەلىيەتتە قاچىنى بېشىمغا ئاتقان(، جاپايىمنى تارتقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت، توي خاتىرە كۈنىمىزگە مۇبارەك بولسۇن! ھاھاھاھاھا،چاقچاقوي، ئىشقىلىپ مۇشۇ ئون بىر يىل جەريانىدا، مۇشۇ خوشاللىق، خاپىلىقلاردا بىللە ئۆتتۇق ~ئەڭ خوشاللىق كۈنلەرنى، ئەڭ قايغۇلۇق كۈنلەرنى بىر بىرىمىزگە ھەمراھ بولۇپ ئۆتكۈزدۇق……
ئەڭ ئاۋۋال مۇشۇ بەختىيار دەۋرىمىزگە، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا، ئىككىلىمىزنىڭ ئاتا ئانىمىزغا، ئاندىن ئوماق پەرزەنتىمىزگە،  ئاندىن قالسا، ماڭا ھەرۋاقىت يار يۆلەك بولىۋاتقان سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!بۇنداق 11يىلدىن بەش، ئالتىسنى ئۆتكۈزۈش نېسىپ بولسۇن، خاپا بولماي، بۈگۈن ماڭا 100سوم بېرىڭە.........

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى