قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

توقسۇن ناھىيەسدە چىلان ئۈزۈش ئالدىراشلىقى باشلاندى

2017-09-19 19:40:51     天山网   

ئۆز خەۋىرىمىز: كۈز مول ھوسۇلغا تولغان ئاسايىشىلىق پەسىل. نۆۋەتتە «جۇڭگودىكى بالدۇر پىشار چىلان يۇرتى» دەپ نام ئالغان توقسۇن ناھىيەسىدە قىپقىزىل چىلانلار مەي باغلاپ پىشىپ، دېھقانلار ئالدىراش چىلان ئۈزۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.
مۇخبىر 18-سېنتەبىر توقسۇن ناھىيەسى شيا يېزىسى بوغاز كەنت 1-كىچىك ئەترەتتىكى چىلانچى شى فامېينىڭ چىلانزارلىقىدا زىيارەتتە بولدى. چىلانلىقتا شى فامېي ھەر قايسى جايلاردىن چىلان ئۈزگىلى كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ ئەتراپتىكىلەرگە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: « 40 مودىن ئارتۇق چىلانلىق بېغىم بار، بۇلتۇر 20 توننىدىن ئارتۇق ھۆل چىلان ساتتىم، بۇ يىلقى مەھسۇلات مىقدارى بۇلتۇرقىدىنمۇ كۆپ ياخشى بولدى. يېقىندىن بۇيان ھەر كۈنى دېگۈدەك چىلان ئۈزگىلى كەلگەن نۇرغۇن مېھماننى كۈتۈۋالدىم. يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۈندىداردا چىلان زاكاز قىلدى، زاكاز قىلغانلارنىڭ ئىچىدە شەندۇڭ، سىچۈەن، گۇاڭجۇلۇق دوستلار بىر قەدەر كۆپ، مەن ئالدىراشلىقتا يېتىشىپ بولالماي قالدىم.»
توقسۇن ناھىيەسى تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن، تېمپېراتۇرا بىر قەدەر يۇقىرى. ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك مۇھىت ۋە ھاۋا كىلىماتى سەۋەبلىك، بۇ جايدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى بالدۇر پىشىدۇ، چىلان جەنۇبىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارغا قارىغاندا ئاز دېگەندىمۇ 20 نەچچە كۈن بالدۇر پىشىدىغان بولغاچقا، 2014-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىي ئورمان جەمئىيىتى تەرىپىدىن «جۇڭگودىكى بالدۇر پىشار چىلان يۇرتى» دەپ نام بېرىلگەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە توقسۇن ناھىيەسىنىڭ چىلانلىق كۆلىمى 118 مىڭ موغا، مېۋىگە كىرگەن كۆلەم 80 مىڭ موغا يېتىپ، چىلانچىلىق كەسپى بۇ جايدىكى بىر چوڭ ئۆزگىچە كەسىپ بولۇپ قالغان.
(لى چىڭخەي فوتوسى)

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى