قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

چاپچال ناھىيەسىدىكى 176 مىڭ مو شالدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

2017-09-20 18:39:17     مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى   

تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: بىر يېڭى تىپتىكى تولۇق يىغار كومبايىن 17-سېنتەبىر شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى كان يېزىسىنىڭ گىرەم كەنتىدە ئېتىزلىقلاردىكى ئالتۇنرەڭ شاللارنى يىغماقتا. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى بۇ يىل 176 مىڭ مو يەرگە شال تېرىغان بولۇپ، ئالتۇن كۈزدە شاللاردىن مول ھوسۇل ئالدى، ئادەتتىكى شالنىڭ مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 600 كىلوگرامغا، ئەڭ ياخشىلىرىنىڭ 800 كىلوگرامغا يېتىشى مۆلچەرلەندى. نۆۋەتتە، چاپچال ناھىيەسىدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى تارماقلىرى مول ھوسۇل ئېلىنغان شالنىڭ ھەر دانىسىنىڭ ئامبارغا تولۇق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 400دىن ئارتۇق شال مەخسۇس كومبايىنىنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلدى، بىخەتەرلىك خىزمىتىگە مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى