قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بويتاق يىگىت

2017-09-21 17:21:05     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بىر بويتاق يىگىت بىر قىز بىلەن تېپىشماقچى بۇلۇپ، تانسىخانىغا كىلىپ بىر قىزنى تانسىغا تارتىپتۇدە، تانسا ئوينىغاچ قىزدىن سۇراپتۇ:
-قىزچاق توي قىلدىڭىزمۇ؟
قىز : ياق توي قىلمىدىم.
يىگىت: ئۇنداقتا بالىڭىز بارمۇ؟
قىز: نېمانداق غەلىتە گەپلەرنى قىلىدىغاندۇ ماۋۇ گومۇش...ئۆتەپ بېرىڭە سىز بىلەن تانسا ئويناپ مەنمۇ ساراڭ.
يىگىت: ۋيييى مەن نەنى خاتا قىلدىم دەيمىنا، توۋا توۋا....
ب قىز: ۋۇيتتتت يىگىت، نېما بۇ تاڭسىخانىدا غۇدۇڭشىپ يۈرۈيسىز، نېمە بولدى سىزگە؟
يىگىت: بىر قىز بىلەن تونۇشاي دەپ تاڭسىغا تاتىپ، توي قىلدىڭىزمۇ دىسەم ياق دەيدۇ، بالىڭىز بارمۇ دىسەم ساراڭ دەپ تىللاپلا كەتتى.
ب قىز: خاپا بولماڭ يىگىت، گەپنىڭ باش- ئاخىرىغا دېققەت قىلىڭ ،سىز بۇ سوزنىڭ باشتا دەيدىغىنىنى كىيىن،كىيىن دەيدىغىنىنى بۇرۇن دەپ قۇيۇپسىز، دىققەت قىلىڭ
يىگىت: ھە مۇنداقمىتتى، ماقۇل ھە يول كۆرسەتكىنىڭىزگە........ خەپ ئەمدى يەنە بىرنى تانسىغا تاتايچۇ....قىزچاق بىر قول تانسا ئوينايلىچۇ؟
قىز: ماقۇل.
يىگىت:بالىڭىز بارمۇ ؟
قىز : ئىككى بالام با.
يىگىت: ئۇنداقتا توي قىلدىڭىزمۇ؟
 قىز: ساراڭ !.....

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى