قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھامبۇرگ بولكىسى ئېلىش ئۈچۈن

2017-09-22 17:51:29     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

پازىل ئىسىملىك بىرەيلەن ئۆيگە سەي ئالماقچى بولۇپ بىر دۇكانغا كىرىپ دەپتۇ، دۇكاندار ئايال پازىلنى كۆرۈپلا ئورنىدىن تۇرۇپتۇ:
- ھەدە، بىر باش بەسەي بېرىڭە.
- ئۇكام، يېڭى ئاشپەز ئوخشىمامسىز؟
- سەي ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم يېڭى ئاشپەز بولۇش كېرەكما ھە؟ ئەگەر مەن پۇتبول ئايىغى سېتىۋالسام چوقۇم پۇتبول ئوينىشىم كېرەكما؟
- ياق!
- ئەمىسە ئىتالىيە چۆپى ئالسام چوقۇم ئىتالىيەلىك بولۇشۇم كېرەكما؟
- ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس
- ئەمىسە ھامبۇرگ بولكىسى ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئامېرىكىلىق بولۇش كېرەكما؟
- نېمانداق قىلىدىغاندۇ بۇ ئادەم، ۋاي ياق! چىقە دۇكاندىن ئاداش!
- توختاڭ! گېپىم تېخى تۈگىمىدى، ئەجەبا مەن دورا ئېلىش ئۈچۈن چوقۇم ئاغرىق بولۇشۇم كېرەكمۇ ھە؟
- ياق دېدىمغۇ رودۇپاي، قولۇمدىكى ماۋۇ كالتەكنى كۆردىڭىزما چىقىڭە بولدى، چىقىڭ!
- ئەجەبا مەن تەنھەرىكەت كىيىمى ئالسام تەنھەرىكەتچى بولامدىم؟
- ۋاي ياق. قۇتقۇزۇڭلار!!!!!
- ھەممىسىگە ياق بولسا ئەمىسە نېمىشقا بەسەي دېسەم يېڭى ئاشپەزما دەيسىز؟
- بۇ دېگەن ئېلېكتىر سايمانلىرى دۇكىنى تۇرسا...

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى