ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

  چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى، شۆھرەت زاكىر يىغىندا سۆز قىلدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا قاتناشتى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2017-09-23 22:33:45     xjbs   

   ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايون 9–ئاينىڭ 22–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن پەن–تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹26–ئىيۇل››دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۆھپە قوشقان خادىملار ۋە نەتىجىلەرنى تەقدىرلىدى، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1–شۇجىسى، 1–سىياسىي كومىسسار چېن چۈەنگو يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىندا سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىشلەپچىقىرىش–قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۇن ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، لى شۆجۈن، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 – يىللىق پەن – تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پەن–تېخنىكا نەتىجىلىرى ۋە گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خادىملارنى مۇكاپاتلاش توغرىسىدىكى قارارى››نى ئوقۇدى.
    چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ قاتارلىق رەھبەرلەر ئايرىم–ئايرىم ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ 2016–يىللىق پەن–تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن لى خۇڭ، جاۋ چى، رەنا قاسىم، ساۋ لى، ئىسراپىل ئەبەي، شۇنداقلا 1–ۋە 2–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرىگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.
    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن – تېخنىكا خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرما، يوليورۇق ۋە تەلىپىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋيۈەننىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سىياسەت–فاڭجېنلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹13–بەش يىل››لىق پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشىمىز كېرەك. بىرىنچىدىن، باش نىشاننى پۇختا تۇرغۇزۇپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بىخەتەرلىك، مۇقىملىقنى قوغداش ساھەسىدە تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە ئىشلىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، پەن–تېخنىكا بىلەن خەلققە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىدىن ئومۇميۈزلۈك مەنپەئەتلىنىپ ۋە ئورتاق بەھرىلىنىپ، پەن–تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، پەن–تېخنىكا ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى بىرىكتۈرۈپ، پەرقلىق ئالدىن يولغا قويۇش ۋە ئالدىن سىناق قىلىش سىياسەت سىستېمىسى ئورنىتىش، ئىختىساسلىقلار ئالاھىدە رايونى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىمكانقەدەر تېز ماھىيەتلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنى ماكانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى ئەۋزەل يېڭىلىق يارىتىش بايلىقلىرىنى جەلپ قىلىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ تېزلىتىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، پەن–تېخنىكا ئاساسىنى پۇختىلاپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بىلەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىشىشقلاش تېخنىكىسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېڭى كەسىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ۋە كەسىپلەشكەن ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بەرپا قىلىپ، پەن–تېخنىكا بىلەن ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، پەن–تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ئىككى چاقنى تەڭ ئايلاندۇرۇپ، پەن–تېخنىكا ساھەسىدە ‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تەڭرىتاغ ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش ھەرىكىتى››نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللايدىغان يانداشما سىياسەتلەرنى تېزدىن مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك يېڭىلىق يارىتىش سۇبيېكتلىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش كېرەك. بەشىنچىدىن، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىدىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەللىككە ۋە خاسلىققا ئىگە نۇقتىلىق پەن ساھەسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يۆنىلىشىنى كۆزلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىجادچان ئىختىساسلىقلارنى بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ياخشى ئىشلىتىپ، كۆپ مەنبەلىك، سىغدۇرۇشچان، ياخشى رىقابەتلىشىدىغان يېڭىلىق يارىتىش مەدەنىيىتىنى پائال بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىجادچان ئىختىساسلىقلار جۇش ئۇرۇپ يېتىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئارقا – ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجادچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىكى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك.
    سۈن جىنلۇڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ پەن–تېخنىكا مۇكاپاتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدىن چىقىش قىلىپ، پەن–تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى پىلانلىشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. پەن–تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى ئۈلگە قىلىپ، پەن–تېخنىكا چوققىسىغا باتۇرلۇق بىلەن چىقىشتەك پىداكارلىق روھى، تېخىمۇ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك خىزمەت ئىستىلى بىلەن، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دەۋرگە مۇناسىپ نەتىجىلەرنى تىرىشىپ يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىغا سوۋغا تەقدىم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    يىغىندا رەنا قاسىم، شاۋ گاڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
    ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۈەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايون (مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى، ئىقتىساد–تېخنىكا تەرەققىيات رايونى، يېزا ئىگىلىك پەن–تېخنىكا رايونىنىڭ قىسمەن مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى