قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

«چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخسۇس تۈرلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈشىدە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى»نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باھالاش يىغىنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى

2017-10-01 13:33:10     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ دۆلەتنىڭ زور مەخسۇس تۈرلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە ئۈلگە كۆرسىتىش تۇنجى تۈرى بولغان «چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخسۇس تۈرلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈشىدە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى»نى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باھالاش يىغىنى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ تۈر مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشى ئارقىلىق دەسلەپكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشتىن ئۆتتى. چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنى دۆلەتنىڭ مۇھىم مەخسۇس ئۆلچەملەشتۈرىشىدە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى 2010- يىلى باشلانغان ئىدى، بۇ بىر قاتار ئۆلچەملەشتۈرۈشلەرنىڭ نەتىجىسى جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۈچ چوڭ تىپتىكى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە كۆپ جەھەتتىن ئۈنۈم ئېلىپ كىلىدۇ. جۇڭگونىڭ C919 تىپلىق سودا ئايرۇپىلانى چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى تۈرىدە «ئۆلچەملەشتۈرۈش +» ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىلىپ تولۇق ئۈچ ئۆلچەملىك لايىھە بويىچە قەغەزسىز لايىھىلەپ ياساش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، تەتقىق قىلىپ ياساش جەريانى ئاددىيلاشتۇرۇلدى، ياساش دەۋر قىسقاردى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئارقىلىق كىرگۈزۈلگەن چەت ئەللەرنىڭ ئىلغار ئۆلچەملىرى مەملىكەت ئىچىدىكى 16 ئايروپىلان كۈتىرىش سېستىمىسى ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورون، 38 ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچى ئورون، 64 ئۆلچەم ئەسۋاپىرى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئوروننىڭ خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەدە جۇڭگۇدا ئىشلەنگەن ئايروپىلانلارنىڭ كۆتىرىش سېستىمىسىنى، خام ماتىرىيالىنى ۋە ئۆلچەم ئەسۋاپلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش خىزمىتىگە مەدەت بىرىپ، جۇڭگۇنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈش كەسپىنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگۇ ئاۋىئاتسىيە كەسپى كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشىنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى