قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

 16- نۆۋەتلىك جۇڭگو ۋۇچياۋ خەلقئارا سېرىك سەنئىتى بايرىمى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە باشلاندى

2017-10-01 13:33:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىلەن خېبېي ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 16- نۆۋەتلىك جۇڭگو ۋۇچياۋ خەلقئارا سېرىك سەنئىتى بايرىمى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى كەچتە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە باشلاندى، 18 دۆلەت ۋە رايوندىن قاتناشتۇرۇلغان 31 نومۇر 9- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە ئورتاق ھالدا «ئالتۇن شىر»نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدۇ. بۇ نۆۋەتلىك سېرىك سەنئەت كۆرىكىدە ئورونلانغان نومۇرلارنى ئۆتكەن قېتىملاردا ئورۇنلانغان سېرك سەنئەت كۆرىكى نومۇرلىرى بىلەن سىلىشتۇرغاندا ۋەكىللىك خاراكتېرى ناھايىتى كۈچلۈك. 31 نومۇر ئىچىدە چەتئەللەرنىڭ 25 نۇمۇرى بار. «شەرق سېرك مۇسابىقە مەيدانى» دەپ نام ئالغان جۇڭگو ۋۇچياۋ خەلقئارا سېرك سەنئەت كۆرىكى 1987- يىلىدىن باشلاپ ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بولوپ، جۇڭگودىكى ئۆتكۈزۈلۈش تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تەسىر دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان خەلقئارالىق سېرك سەنئەت كۆرىكى ھىساپلىنىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى