قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتىدىكى شەھەر - يېزا ئېشىنچە ئەمگەك كۈچلىرىنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق داۋاملاشماقتا

2017-10-06 13:16:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چېگرا ئېغىزلىرىنىڭ سىياسەت ۋە ئورۇن قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى غايەت زور كۈچكە ئايلاندى. 
  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، قورغاس ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى چىڭسىخوزا يۈرۈشلەشكەن كەسپلەر باغچىسىدا، ئىككى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىر پارچە ئاق يەرنى تۈزلەۋاتقان بولۇپ، بۇ يەردە قورغاس مۇخې يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 300 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان خۇشپۇراقلىق گۈمبەمەدەك كەسپى تۈرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقانىدى. شىركەتنىڭ باش مۇدىرى يەن جىنخۇا مۇنداق دېدى: قورغاس ھەمكارلىق رايونىنىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. بىز قورغاسنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدا زور ئىشەنچكە تولدۇق.
  سىياسەت، ئورۇن، تەرەققىيات قاتارلىق بىرىكمە ئەۋزەللىكلەرنىڭ جەلپ قىلىشى نەتىجىسىدە، بۇ يىل 1- ئايدىن 8- ئايغىچە، قورغاس ئىقتىساد تەرەققىيات رايونىدا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 6 مىڭ 967گە يېتىپ، بۇلتۇرقىنىڭ 9 ھەسسىسىدىن كۆپرەككە توغرا كەلدى. قورغاس شەھىرى بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسى مەمۇرىي جەھەتتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن چېن مۇنداق دېدى: مەملىكەت دائىرىسىدىن ئېيتقاندا، قورغاستىكى ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنىڭ ئېتىبارلىق دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانىلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشماقتا.
  تۆمۈر يول، تاشيول، خام نېفىت تورۇبا لىنىيەسى بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەتلىك 1- دەرىجىلىك چېگرا ئېغىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالاتاۋ چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق چېگرىدىن كىرىپ- چىقىدىغان جۇڭگو- ياۋرۇپا، جۇڭگو- ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى-- ئالاتاۋنىڭ سودا ۋە ئەشيا ئوبوروتىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 8 ئېيىدا، ئالاتاۋ تاموژنىسى جۇڭگو- ياۋرۇپا، جۇڭگو- ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزىدىن 12نى يەنى 1 مىڭ 189 ۋاگوننى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلدى. بۇ-- بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.1 ئاشتى. ئالاتاۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ئاشلىق ئىمپورتىدىكى بېكىتىلگەن چېگرا ئېغىزى، ئاپتوموبىل ئىمپورتىدىكى بېكىتىلگەن چېگرا ئېغىزى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، سودا سومىسى ۋە مال ئۆتۈش مىقدارى يىلىغا %50 لىك سۈرئەت بىلەن ئاشتى. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئالاتاۋ تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدۇ.   ھازىرغىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا تىزىمغا ئالدۇرغان سودا- سانائەت كارخانىسىنىڭ سانى 31گە يېتىپ، ئىمپورت- ئېكىسپورت سودا سوممىسى 35 مىليون 480 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. نۆۋەتتە، باجدىن خالىي رايون ئىچىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا بازىرىغا يۈزلەنگەن ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى يەتكۈزۈپ بېرىش مەركىزى تۈرىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا كېڭەش ئېلىپ بېرىلماقتا. قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەي سەن مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا مەركەزلەشتۈرگەندىن باشقا، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ياسىمىچىلىق كەسپىنى توپلاشتۇرىۋاتىمىز. كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشتىكى چوڭ فاڭجىن- سىياسەتلىرى ۋە باش نىشانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە قارىتا ئېچىۋېتىش ئىستىراتېگىيەسى شۇنداقلا دۆلەتنىڭ قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىغا قويغان تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز؛ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالىمىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى