قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاتا- ئانىلار پەرەزنت تەربىيەسىدە دېققەت قىلىدىغان ئىشلار

2017-10-06 14:43:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بالىلارنى دائىم ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇش.
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ياخشى ئوقۇغان، شان-شەرەپلەرگە ئېرىشكەن، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈنگەن، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان بالىلارنى كۆرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭمۇ ئاشۇ بالىلاردەك ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ جەھەتتە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە بولىدۇ، بۇنى ھەرگىزمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ، بىراق بۇنداق ئۇسۇل دائىم تەكرارلىنىۋەرسە ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ بالىلار ئۆزىگە ئىشەنمەيدىغان، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقنى كۆرەلمەيدىغان، ئۆزىنى كەمسىتىدىغان، تىرىشقۇسى كەلمەيدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ. ئۆز بالىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇشنى ئاساس قىلىپ باشقىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلى، تەجىرىبىسىنى سۆزلەپ ئۇنى ئۆرنەك قىلىشقا مەدەت بېرىشى، ھە دېسىلا يېتەرسىزلىكنى كۆپ سۆزلەپ روھىي بېسىمغا دۇچار قىلماسلىقى كېرەك . قىسقىسى بالىلار ئۆزئارا سېلىشتۇرۇشنى ياقتۇرمايدۇ.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار يەنە ئۆزلىرىنى زىيادە بىلەرمەن چاغلايدۇ.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار دائىم بالىلىرىغا تەربىيە بەرگەندە «مەن سەندەك ۋاقتىمدا ئۇنداق قىلاتتىم، مۇنداق قىلاتتىم، سېنىڭ قولۇڭدىن ئىش كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىپ بالىلىرىنى قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلايدۇ، تەلەپنى ھەددىدىن ئارتۇق قاتتىق قويىدۇ، نەتىجىدە بالىلار نېمە قىلىشنى، قانداق ئۆگىنىشنى بىلمەيدۇ. بالىلارغا قاتتىق تەلەپ قويغان توغرا، لېكىن بېسىم ئاستىدا ياشىغان بالىلاردا كۆڭۈل ئازادىلىكى، ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، ئائىلىگە بولغان مېھرىبانلىق كەمچىل بولىدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىنى ئائىلە باشلىقلىق ئورنىدا قويۇپ بالىلىرىغا قوپال مۇئامىلىدە بولماسلىقى، قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشى، بالىلار بىلەن يېقىن دوستانە مۇئامىلىدە بولىشى، بالىلاردىن ئۆزىنى ئۈستۈن ئورونغا قويۇۋالماسلىقى كېرەك. ئاتا-ئانىلار مەن بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، مەن نېمە دېسەم بولىدۇ، بالىلار شۇ بويىچە ئىش قىلىش كېرەك دەپ قارىغان بىلەن، بالىلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە باشلىقلىق كىبىرىنى ياقتۇرمايدۇ.
بالىلارنىڭ بىرەر قېتىملىق خاتالىقىنى تۇتۇۋېلىپ توختىماي تاپا-تەنە قىلىشمۇ پەرزەنىت تەربىيەسىدىكى خاتا ئۇسۇللارنىڭ بىرى.
بالىلار ئادەتتە شوخ، جۇشقۇن، تېتىك، ھېسىياتچان، ھەممە ئىشقا قىزىقىش نەزىرى بىلەن قارايدىغان مىجەزلىك بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق شوخلۇق تۈپەيلىدىن دائىم دېگۈدەك يا ئۇنداق يا بۇنداق سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمايدۇ، ھەتتا بۇنداق سەۋەنلىكلەرنى كۈندە سادىر قىلىپ تۇرىدىغان بالىلارمۇ بولىدۇ، نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇ خىل خاراكتېرىنى كۆڭلىگە سىغدۇرالمايدۇ، توختىماي تاپا-تەنە قىلىدۇ، ئۆزىچە بۇنى تەربىيە قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە تاپا-تەنىنى ھەرگىزمۇ تەربىيە شەكلى دېگىلى بولمايدۇ، بالىلار بىرەر سەۋەنلىك سادىر قىلسا ئاتا-ئانىلار بالىلار بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ سەمىمىيلىك بىلەن تەربىيە ئىشلىشى، بالىلار شوخ، جۇشقۇنلۇقنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان بىر قىسىم مەسىللەرنىمۇ سەگەكلىك بىلەن ئالدىن بىشارەت بېرىپ بالىنى ئېھتىيات قىلىشقا ئۈندىشى، ھە دېگەندە ئۆتكەن ئىشلارنى تاپا-تەنە قىلماسلىق كېرەك.
بىر قىسىم ئاتا-ئانىلاردا بالىلارنىڭ دوست تۇتۇشىنى چەكلەيدىغان ئىشلارمۇ بار.
بالىلار ھېسىياتچان بولغاچقا، ئۆز ئارا ناھايىتى ئاسان چىقىشىپ كىتىدۇ. بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بالىلارغا تەربىيە بەردىم دەپ پالانىنىڭ بالىسى بىلەن دوست بولما، پۇستانىنىڭ بالىسى بىلەن ئارىلاشما، مەن ئۇ ئائىلىنى ياقتۇرمايمەن . . . دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىپ بالىلارنىڭ باشقىلار بىلەن ئارلىشىشىنى توسايدۇ. يەنە بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ يات جىنىسلىقلار بىلەن ئارىلىشىشىنى چەكلەيدۇ، بۇنى بالدۇر مۇھەببەتكە بېرىلىپ كەتكەنلىكى دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنى توغرا تەربىيە ئۇسۇلى دېگىلى بولمايدۇ، ھىچ بولمىغاندا بۇنى بىر تەرەپلىمىلىك ئۇسۇل دېيىش كېرەك، بالىلارنىڭ دوست تۇتۇشىدا ئۆزلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى بالىلارغا تاڭسا ياكى پەرزەنتلىرىگە ئىشەنمەي ھەممە ئىشنى زىغىرلاپ تۇرىۋالسا بالىلاردا باشقىلارغا نىسبەتەن روھىي توسالغۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ، بالىلارنىڭ دوست تۇتۇش مەسىلىسىدە ئاتا-ئانىلار ھەرگىزمۇ بالىلارنىڭ قەلبىنى جاراھەتلەندۈرىدىغان سۆزلەرنى قىلماسلىقى كېرەك.
بالىنىڭ ھەممە ئىشىغا چات كېرىۋالىدىغان ئات- ئانىلارمۇ يوق ئەمەس.
بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش ۋە قىزىقىش دائىرىسى بەك كەڭ، بىر قىسىم بالىلار ئادەم تەسەۋۋۇر قىلمىغان، ئويلاپ يەتمىگەن ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەتىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىگە ئۇنداق ئىشنى قىلما، بۇنداق ئىشقا ئارىلاشما، يولدا مۇنداق ئىشقا دىققەت قىل، ئۇنى يىمە، بۇنى قىلما دەپ جىكىلەپ تۇرىدۇ، بۇنى تەربىيىدىكى ئەستايىدىللىق دەپ قارايدۇ، لېكىن بۇنداق تەربىيە شەكلىنى كۆپىنچە بالىلار ياقتۇرمايدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىۋېلىش خاھىشى بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىسىز، بۇ بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىشىغا يول قويۇش كېرەك دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت بالىلارغا روھىي جەھەتتە ئەركىنلىك بېرىش دېگەنلىك. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بەزى ئىشلىرىنى ئەسكەرتىپ تۇرغىنى ياخشى، ئەمما بۇنداق ئەسكەرتىش چەكلەش خاراكتېرىنى ئەمەس، يېتەكلەش خاراكتېرىنى ئېلىشى كېرەك. بالىلارنىڭ ھەممە ئىشقا چات كېرىۋېلىپ ئۇلارنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆز، ھەربىر قەدەم، ھەربىر ھەرىكىتىگە چەك بەلگىلەپ بەرسە بالىنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارى يوقايدۇ، ئاكتىپچانلىقى بوغۇلىدۇ، ئىجادچانلىق خاراكتېرى يېتىلمەيدۇ .
ئەمەلىيەتتە بارلىق ئائىلىدە شۇ ئائىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس ھالدا تەربىيە ئۇسۇلى ۋە شەكلى بولىدۇ، بىر ئائىلىنىڭ تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ يەنە بىر ئائىلىگە تامامەن ماس كېلىشى ناتايىن. بالىلار تەربىيەسىدە تەربىيەنىڭ سۈپىتىنى شۇ ئائىلىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارسا بولىدۇ، لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئاتا-ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە قوپال تەربىيە ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ، يەنە كېلىپ نۇرغۇن ئەنئەنىۋى تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ۋاقتى ئۆتتى، ھازىرقى زامان پەرزەنتلىرىنىڭ ئېڭىنى ئۇنداق ئاددىي چاغلاشقا بولمايدۇ.
شۇڭا ئاتا-ئانىلار بالىلار تەربىيەسىدە ياخشى ئۈنۈم بېرىدىغان توغرا، ئىلمىي بولغان بالىلار تەربىيە ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىشقا تىرىشىشى، قوپال، ناچار تەربىيە ئۇسۇللىرىدىن ۋاز كېچىشى، تەربىيەنىڭ ئۈنۈمىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى