قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قاراماي شەھىرى كەسپلەرنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرماقتا

2017-10-07 12:07:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
قاراماي شەھىرى نېفىت، نېفىت- خىمىيە كەسپ زەنجىرى مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، پۇل- مۇئامىلە، ئۇچۇر، ساياھەتچىلىك قاتارلىق كەسپلەرنىمۇ كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شەھەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرماقتا.
9- ئاينىڭ بېشىدا، 20 نەچچە دۆلەتنىڭ 300 دىن ئارتۇق كارخانىسى قارامايغا جەم بولۇپ، 2017- يىللىق جۇڭگو (قاراماي) خەلقئارا نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت- خىمىيە تېخنىكا- ئۈسكۈنە كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانىدىن 20 سى، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتتىن 42 سى بار. قىسقىغىنە 3 كۈنلۈك كۆرگەزمىدە، 41 تۈردە ھەمكارلىق ھاسىل قىلىنىپ، كېلىشىم سوممىسى 21 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى چېن شىنفا مۇنداق دەپ قارىدى: قاراماي شەھىرى جۇڭگونىڭ غەربىي قىسىمى، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى نېفىت ۋە نېفىت- خىمىيە كەسپ زەنجىرى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. نېفىت- گاز ئىشلەپچىقىرىش، نېفىت چەككىلەش خىمىيە سانائىتى، تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئۈسكىنە ياسىمىچىلىقى، نېفىت زاپىسى ۋە قۇرۇلۇش تەربىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىن مۇكەممەل كەسپ زەنجىرى شەكىللەندى.
مەملىكىتىمىزدىكى ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك شەھەرلەرنىڭ بىرى بولغان قاراماي شەھىرىنىڭ پۇل- مۇئامىلە كەسپىمۇ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلماقتا. نۆۋەتتە، قاراقۇرۇم بانكىسىنىڭ مال- مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 293 مىليارد 208 مىليون يۈەنگە يېتىپ، كەسپىنى بېيجىڭ، خېيلۇڭجياڭ، شەنشى، سىچۇەن قاتارلىق ئۆلكە- شەھەرلەر ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرگىچە كېڭەيتىپ، تىجارەت تور نۇقتىسىنى 80 نەچچىگە يەتكۈزدى. جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى قارمىقىدىكى مال- مۈلۈك سۇغۇرتا شىركىتى ئوڭۇشلۇق تەسىس قىلىندى ھەم كەسپىنى جەنۇبىي ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق رايونلارغىچە كېڭەيتتى. مۇشۇ ئاساستا، قاراماي شەھىرى بۇلۇت ھېسابلاشنى ئاساس قىلغان ئۇچۇر كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ يىل قاراماي شەھىرىنىڭ بۇلۇت ھېسابلاش كەسپى باغچىسى دۆلەت ئىچىدىكى 5 كىنو- تېلىۋىزىيە، كارتون فىلىم سۇپىسىنى ئەلا سۈپەتلىك بۇلۇت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. دۇنيا بويىچە ئالقىشقا ئېرىشكەن «شاھ باخۇبالى» ناملىق فىلىمنىڭ 2- قىسىمىنى دەل قاراماي «بۇلۇت رەڭ بېرىش شەھىرى» شىركىتى تېخنىكا جەھەتتىن قوللىغان. قاراماي شەھەرلىك بۇلۇت ھېسابلاش كەسپى باغچىسىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن كې مۇنداق دېدى: كىنو- تېلىۋىزىيە، كارتون فىلىم مۇلازىمېتېرىغا ئىشلىتىدىغان نۇقتا نۆۋەتتە 2600 گە يەتتى، مۆلچەرىمىزچە يىل ئاخىرىغىچە تەخمىنەن 5 مىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ كىنو- تېلىۋىزىيە رەڭ بېرىش بازىسى بولۇپ قالىدۇ.
 بۇنىڭدىن سىرت، ئەقلىي نېفىتلىك، ئەقلىي شەھەر، ئەقلىي تۇرمۇش، توردا يىراق مۇساپىلىق داۋالاش مۇلازىمىتى قاتارلىق تېخنىكىلاردىمۇ قاراماي شەھىرى روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە بولۇپ، ئۇچۇر كەسپىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئۇدا 3 يىل 20 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتتى.
 دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنى مەزگىلىدە، قاراماي شەھىرى ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتچلىكنىڭ كىچىك يۇقىرى دولقۇنىنى كۆتىۋالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى «چوڭ يېشىللاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى»، «كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى» نى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، شەھەرنىڭ يېشىللىق كۆلىمى، ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشى بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. قاراماي دەسلەپكى قەدەمدە نېفىت سانائىتى، گېئولوگىيەلىك يەر تۈزۈلۈشى ۋە شەھەر ئىستىراھىتى قاتارلىق ساياھەتچىلىك كەسپ ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. ھەيۋەتلىك قاراماي تېغى، سىرلىق ئالۋاستى شەھىرى، گۈزەل ئالتۇن يىپەك قاشتېشى قاتارلىقلار ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. بىر ساياھەتچى مۇنداق دېدى: تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ قۇدىرىتىدىن ھاسىل بولغان مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلاندۇق. بۇ بىر قانچە يىلدا زور ئۆزگىرىش بولدى، بولۇپمۇ باغچا ۋە شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدىغان دەريا ئۆزگىچە بىر مەنزىرە بولۇپ قالدى.
سانلىق مەلۇماتلاردىن تەرەققىياتقا نەزەر: نۆۋەتتە، قاراماي شەھىرىگە ماكانلاشقان نېفىت، نېفىت- خىمىيە ئۈسكۈنە ياسىمىچىلىقى كارخانىسى 21گە، يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 1 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يەتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ تەڭرىتاغ بۇلۇت پىلانىنىڭ يادرولۇق بازىسى بولغان قاراماي بۇلۇت ھېسابلاش كەسپى باغچا رايونى 20 مىڭ ئۈسكىنە قۇرۇلمىسى، 250 مىڭغا يېقىن مۇلازىمېتېرغا ئىگە بولۇپ، دۆلەت ئېلىكتىرونلۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى تاشقى تور غەربىي شىمال سانلىق مەلۇمات مەركىزى، جۇڭگو نېفىت سانلىق مەلۇمات مەركىزى، خۇاۋېي بۇلۇت مۇلازىمىتى سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق 70 نەچچە كارخانا ۋە تۈر ماكانلىشىپ، خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش مەبلىغى 700 مىليون يۈەندىن ئاشتى. بۇلتۇر، قاراماينىڭ ساياھەتچىلىكتە كۈتۈۋالغان ئادەم سانى 4 مىليون 68 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا، ساياھەتچىلىك كىرىمى 3 مىليارد 461 مىليون يۈەنگە يەتتى.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى