قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

فۇ چۈنلى ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، قىزغىنلىقى بىلەن چېگرا رايوننى ئىللىتتى

2017-10-07 12:07:19     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرگۈچىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى فۇ چۈنلىنى مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز، مەيلى تومۇز ئىسسىق ياكى قەھرىتان سوغۇق بولسۇن، قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەردە ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇ ئۇ ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، قىزغىنلىقى بىلەن چېگرا رايوننى ئىللىتىپ، تېخىمۇ ياخشى تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە 1- قول ماتېرىيالغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، دائىم چەت- يىراق تاغلىق رايونلاردا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدۇ.
يېقىندىن بۇيان، فۇ چۈنلى ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەلرايىنى ئىگىلەپ، 19- قۇرۇلتايغا پۇختا تەييارلىق قىلدى. فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: مەن بىر ئاددىي كومپارتىيە ئەزاسى، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سيلانغىنىم تەشكىلنىڭ خىزمىتىمنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكى. مەن خىزمەت ئورنۇمدا ئۈلگىلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيمەن.
فۇ چۈنلى كەسپىي ھاياتىدا مەكتەپ، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت قاتارلىق ئورۇنلاردا، كېيىن يېزىدا ئىشلىدى. مەيلى قايسى خىزمەت ئورنىدا بولسۇن، ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەشكە تىرىشتى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى چاپچال بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى بولغاندىن بۇيان، ئۇ نامراتلارنى يۆلەشتە ئاۋۋال ئەقلىي جەھەتتە يۆلەشتە چىڭ تۇرۇپ، 104 نامرات ئاھالىنى سىرتقا چىقىپ مۇقىم ئىشلەشكە يېتەكلىدى؛ ئاز سانلىق مىللەتتىكى 41 ئايالنى ئۆز جايىدا ياكى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىقا دەۋەت قىلدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، ھازىر بازاردىكى 624 ئائىلىلىك نامرات ئاھالە پۈتۈنلەي نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئەتىر چوڭقىباي فۇ چۈنلىنىڭ بىرگە بىر ياردەم بېرىشى بىلەن ناھىيەلىك كەشتىچىلىك زاۋۇتىنىڭ ماھىر ئىشچىسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ يولدىشىمۇ فۇ چۈنلىنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ناھىيەلىك سىمونت زاۋۇتىدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ، ھازىر ئەر- خوتۇن ئىككىيلەننىڭ ئايلىق كىرىمى 8 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. ئەتىر چوڭقىباي مۇنداق دېدى: مەن پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇنۇپ، پارتىيەگە كىرىش ئاكتىپلىرىدىن بولۇپ قالدىم. مەنمۇ فۇ چۈنلى ھەدەمدىن ئۆگىنىپ، ياخشى پارتىيە ئەزاسى بولۇپ، قولۇم- قوشنىلار ۋە دوستلىرىمغا ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
 فۇ چۈنلى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، 70 نەچچە پارچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەكلىپ- پىكىر سۇندى. 2016- يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» دا، فۇچۈنلى تولۇق تەييارلىق بىلەن سۇنغان «ئۈرۈمچى- قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى ياساش» توغرىسىدىكى تەكلىپ قوبۇل قىلىندى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان فۇ چۈنلى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلىنىش ماڭا نىسبەتەن زور شەرەپ ھەم مەسئۇلىيەت، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم. شۇڭا، مەن چوقۇم جان- دىل بىلەن ياخشى ۋەكىل بولۇپ، ۋەكىللىك بۇرچۇم ۋە مەسئۇلىيىتىمنى ياخشى ئادا قىلىشقا تىرىشمەن.

تەرجىمان: نازىم

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى