قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

باشقىلارغا ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ

2017-10-08 19:32:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ۋاڭ جۈەنجۈەن

بىر سودىگەر كىيىملىرى جۇل- جۇل، كوچىلاردا قېرىنداش ساتىدىغان بىر كىشىنى ئۇچرىتىپ قاپتۇ. بۇ سودىگەر ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ بىر تال تەڭگە پۇلنى ئۇنىڭ ئىستاكانىغا تاشلاپلا ئۆرۈلۈپ مېڭىپتۇ، بىراق تۇيۇقسىز بۇ قىلغىنىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئىنستاكاندىن بىر دانە قېرىنداشنى ئېلىپ، قېرىنداش ساتقۇچىغا كۈلۈپ تۇرۇپ: «بىز ھەممىمىز سودىگەر، سىز ساتماقچى بولغان نەرسە دەل مەن ئالماقچى بولغان نەرسە بولۇشى مۈمكىن» دەپتۇ ۋە ئاستا كېتىپ قاپتۇ.
   بىر يىلدىن كېيىن بۇ سودىگەر تاۋارلىرىنى سېتىپ چىقىرالماي بېشى قېتىپ يۈرگەن كۈنلەردە، بىر قېتىملىق يەرمەنكىدە بىر ياش يىگىت ئۇنىڭ يايمىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئەستايىدىللىق بىلەن: «بەلكىم، سىز مېنى ئۇنتۇپ قالغانسىز، لېكىن مەن سىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم. بىر يىل ئىلگىرى سىز مەندىن بىر تال قېرىنداش ئالغان، شۇ ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنى سودىگەر دېگەن ئىدىڭىز» دەپتۇ. ئارقىدىنلا بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ سېتىشتىكى  كارامىتىنى كۆرسىتىپ، سودىگەرنىڭ تاۋارلىرىنى سېتىشىپ بېرىپتۇ، بۇنىڭ بىلەن سودىگەر خېلى كۆپ پايدىغا ئېرىشىپتۇ.
  بەلكىم، سودىگەر شۇ قېتىمقى مەقسەتسىز قىلغان ياخشى ئىشىنىڭ بۇ يىگىتنىڭ ھاياتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان بولۇشى مۈمكىن. ئۇ ئۈمىدسىزلەنگەن بىرەيلەنگە ياردەم قولىنى سۇنغان، كېيىن ئۇمۇ كۈتۈلمىگەن جاۋاپقا ئېرىشكەن.
   دېمەك باشقىلارغا ياردەم قىلغانلىق  ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق، باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغانلىق دەل ئۆزىگە ياخشىلىق قىلغانلىق.   ھاياتلىق مۇساپىسى بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن داۋام قىلىدۇ. ياخشىلىق يەردە قالمايدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى