قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلارنى ئەمەلىيەتكە يېقىن تەربىيەلەيلى

2017-10-08 19:53:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھەر قانداق ئاتا -ئانا پەرزەنتلىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە رازى بولغاچقا، ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، تەلىپىمۇ ھەسسىلەپ يۇقىرىلاپ، بالىلىرىنىڭ ئەقىللىق بولۇشى، ئۆگىنىشتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيەدە ئەقىلنى ئېچىش، قىزىقىشىنى تەشەببۇس قىلىش، قويۇلغان مەسىلىنى جاۋابتىنمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەكلىكى بىلەن ئانچە ھېسابلاشمايدۇ.
ئاتا - ئانا بالىلارنىڭ ئۈلگىسى. بالىلار چوڭلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى دوراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىراق، بالىلار نوقۇل چوڭلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلىمىسە، ئۇلارنىڭ ئېسىدە قالىدىغىنى تولىمۇ يۈزەكى نەرسە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بالىلارنى كىچىكىدىن مەيلى نېمە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ لاي قونچاق ياسامدۇ ياكى لاتا - پۇرۇچتىن قونچاق تىكەمدۇ ۋە ياكى تەپكۈچ ياسامدۇ؟ ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەشكە دەۋەت قىلىش لازىم. مۇشۇ ئاساستا بالىلاردا بىر ئىشنى قىلسا يېرىم يولدا توختاپ قالمايدىغان، باش - ئاخىرى يوق ئىشنى قىلمايدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ.
ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلارغا ئۇلۇغۋار غايىنى سىڭدۈرۈشى خاتا ئەمەس. ئەمما، غايە ئۇلۇغۋارلىشىپ ئەمەلىيەتتىن يىراقلاشقاندىن كېيىن بەزىدە سەل كاۋاكلىشىپ، بۇلۇتقا ئوخشاش لەيلەپ قالىدۇ. كىچىكىمىزدە «ئالىم، يازغۇچى بولىمەن» دېگەننى ساۋاقداشلارنىڭ ئاغزىدىن كۆپ ئاڭلايتتۇق. گەرچە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان غايە كىچىك بولسىمۇ، ئەمما ئاشۇ كىچىك غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچىۋالا ئاسانغا توختىمايدۇ. شۇڭا بالىلارغا ئۇلۇغۋار غايىلارنى نىشان قىلىپ، ئۇلارغا بېسىم قىلساق، ئېھتىمال ئۇلارغا ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قۇيۇشىمىز مۇمكىن.
بىر ئادەم روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ گۈللىكىدە سەيلى قىلىۋېتىپ، پەلسەپەگە ئائىت كىتاب كۆرۈۋاتقان بىر ياشنى ئۇچرىتىپتۇ. قارىماققا ئۇنىڭ يۈرۈش - تۇرۇشى تولىمۇ نورمال بولۇپ، باشقا ئاغرىقلارغا زادى ئوخشىمايدىكەن.
 ـ بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ -دەپ سوراپتۇ ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن.
ھېلىقى ياش بۇ ئادەمنى كۆرۈپ سەل ئىككىلىنىپتۇ ۋە ئۇنىڭ دوختۇر ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۇرگەندىن كېيىن مۇنداق دەپتۇ:
- مېنىڭ دادام داڭلىق ئادۋوكات، ئۇ مېنى ئۆزىگە ئوخشاش ئادەم بولۇپ چىقىسەن، دەيدۇ. چوڭ زەردار تاغام ئۆزىنى ئۈلگە قىلىشىمنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاپام مېنىڭ ئۆزىنىڭ قەدىرلىك دادىسىدەك شەھەر باشلىقى بولۇپ چىقىشىمنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئاچام دائىم ماڭا ئۆز ئېرىنى ئۇتۇق قازانغان ئەرلەرنىڭ ئۈلگىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىدۇ. ئاكام مېنى ئۆزىگە ئوخشاش مۇنەۋۋەر تەنھەرىكەتچى بولۇپ چىقىسەن، دەيدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار مەكتەپتىمۇ يۈز بەرگەن. بۇ ئىشلار ماڭا بەك ئېغىر كېلىپ، مۇشۇ يەردە داۋالىنىشقا مەجبۇر بولدۇم.
مانا بۇ قىسقا ھېكايىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، بالىلارنىڭ ئۆز قابىلىيىتىدىن ئاشۇرۇپ، ھەتتا ئۇلار كۆتۈرەلمەيدىغان ئارزۇ - غايىلارنى ئۇلارغا تېڭىپ قويۇش بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ھازىر نۇرغۇن ئائىلىنىڭ بىردىن ياكى ئىككىدىن پەرزەنتى بار. بۇنداق يالغۇز چوڭ بولغان بالىلارنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىچە بولىدۇ. جاھىللىق ھەم شەخسىيەتچىلىك خاراكتېرى ئاسانلا يېتىلىپ قالىدۇ. بالىلار يامان  ئىللەتلىرىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىۋالسا بىر ئۆمۈر ئازابتا ئۆتىدۇ. شۇڭا مىننەتدار بولۇشنى ئۆگىتىش، ھېسداشلىق تۇيغۇسىنى قوزغۇتۇپ بىلىم ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن يېتەكلەش كېرەك.
مۇشۇنداق قىلغاندا، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا تەبىئىي ھالدا ياخشى خۇلق، ئېسىل مىجەزنى ئۆزىگە سىڭدۈرىدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ. شۇڭا بالىنى نەتىجەڭ ياخشى ئەمەس، سەن ئويۇنغا بېرىلىپ كەتتىڭ دېگەندەك ئەيىبلەۋېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇلارنى ماختاپ، ئىجابىي ئىشلارنى قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش زۆرۈردۇر. چۈنكى ئاتا- ئانىنىڭ تەربىيە قارىشى بالىنى ئەڭ ئاسان ئۆزگەرتەلەيدىغان ۋاسىتىدۇر. ئاتا- ئانا بالىنى ياخشى تۇرمۇش قارىشى تىكلەشكە يېتەكلىشى، بالىنى ئېسىل خاراكتېر تەربىيەسىگە ئىگە قىلىشى، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى پۇل تېپىپ باي بولۇش ياكى ئەمەلدار بولۇپ چوڭ ھوقۇق تۇتۇش بولماستىن، بەلكى جەمئىيەتكە كېرەكلىك، كەڭ قورساق، مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۇرۇش كېرەك. مۇشۇنداق ياخشى ئائىلە تەربىيەسىدە بالىلىرىمىز ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى