قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ساياھەت ئومۇمىي ئىستىمالى 11 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يېڭى يۇقىرى نوقتا يارىتىلدى

2017-10-10 13:00:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكەت ئىچىدىن 8 مىليون 477 مىڭ ئادەم- قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان بولۇپ، ساياھەت ئومۇمىي ئىستىمالى 11 مىليارد 260 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يېڭى يۇقىرى نوقتا يارىتىلدى.
بۇ يىل «ئۆكتەبىر» بايرىمىلىق ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكى تاۋۇز چاغىنىغا توغرا كەلدى. 8 كۈنلۈك دەم ئېلىش جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى ساياھەتكە چىقىشقا قىزىقتۇردى. تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى، كۆكتوقاي، قاناس، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق ئاپتونوم رايونىمىزدىكى داڭلىق مەنزىرە رايونلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆرۈنەرلىك ئاشتى. تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى كۈز پەسلى بىلەن قىش پەسلىنى ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، ساپ ھاۋا، گۈزەل كۈز مەنزىرىسى ئارقىلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. شەنشىلىك ساياھەتچى لېي باۋرۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يەرنىڭ سۇلىرى سۈزۈك، ھاۋاسى ساپ، تاغ - دەريا ۋە كۆللەرنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن يەنە گۈل- گىياھلار ئادەمنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن.
گەرچە بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى ئىككى كۈنىدە تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلىدە ھۆل- يىغىن بولسىمۇ ئەمما ساياھەتچىلەرنىڭ قىزغىنلىقى ناھايىتى يۇقىرى بولدى، «ئۆكتەبىر» بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەنزىرە رايونىدا 60 مىڭ ئادەم -قېتىمدىن كۆپرەك ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلىكتىن قىلىنغان ئىقتىسادىي كىرىم 36 مىليون يۈەنگە يىتىپ، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 كە يېقىن ئاشتى. ئوخشاشلا، ئاتەش ماكان تۇرپانمۇ ساياھەتچىلىكتىكى يۇقىرى پەللىنى كۈتۈۋالدى. يارغول قەدىمىي شەھىرى، كارىز، يالقۇنتاغنىڭ ھەممىلا يېرىدا ساياھەتچىلەر بولۇپ، ئادەم ناھايىتى كۆپ ئىدى. تۇرپان تۇڭيى ساياھەتچىلىك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ ئاساسىي باشقۇرغۇچىسى تاجىگۈل ئوسمان مۇنداق دېدى: «ئۆكتەبىر» بايراملىق 8 كۈنلۈك دەم ئېلىشتا، بىزنىڭ سىستىمىمىزدىكى ساياھەت رايونلىرىدا 210 مىڭ ئادەم -قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تارقاق ساياھەتچى %71 ى ئىگىلەيدۇ. بىز يەنە ئاپتونوم رايونىمىز سىرتىدىن يەنى خېنەن، ئىچكى مۇڭغۇل، چىڭداۋ قاتارلىق جايلاردىن مەخسۇس پويىزغا ئولتۇرۇپ كەلگەن 3 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدۇق. بۇ 8 كۈنلۈك دەم ئېلىشتا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانى ئالدىنقى يىلى كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدىن زور دەرىجىدە ئاشتى.
بۇ يىللىق دەم ئېلىشتا ئارام ئالغاچ كۆڭۈل ئېچىش، ساغلاملىق ـ كۈتۈنۈش ساياھەتچىلىكى كىشىلەرنى بەكرەك جەلپ قىلدى. جايلار ساياھەتچىلىك ئۈچۈن كۆپ تىرىشىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكى ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى ھەمدە شۇ جاينىڭ دەم ئېلىش كۈنىدىكى ساياھەت ئىستېمالىنى يۇقىرى كۆتۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى خې خانىم ئالايىتەن ئۇچتۇرپان ناھىيىسى سۇ ئۇستى بوستانلىق دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا باردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دوستلار ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن بىرگە كەلگەن ئىدۇق. بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى بەك چىرايلىق ئىكەن، بەك ياقتۇرۇپ قالدىم. دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى ما گوخۇي مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى، ھەر كۈنى بىر مىڭ 500 دىن ئارتۇق ساياھەتچى كېلىدۇ. ھازىر كۈنلۈك كىرىمىمىز 10 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
جايلاردىكى ساياھەت تارماقلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم مەنزىرە ساياھەتچىلىكى، سەھرا ساياھەتچىلىكى، ئېكولوگىيە ساياھەتچىلىكى، شەخسىي ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، شەھەر ئەتراپى ساياھەتچىلىكى قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت بازىرىنى مول تۈرلەر بىلەن تەمىنلىدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن نۇرغۇن ساياھەتچى ئايروپىلان ياكى پويىزغا ئولتۇرۇپ شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىپ ئۆزى ھەيدەپ ساياھەت قىلدى. سەنشىلىك ساياھەتچى سۈن ئەپەندى دوستى بىلەن ئالايىتەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ بۇرچىنغا قىزىل يوپۇرماقلىق ئورمانغا گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىشقا باردى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا كېلىپ چوڭقۇرغا باردىم. بۇ قىزىل يوپۇرماقلىق ئورماننى كۆردۈم. مەن بۇ رەڭگارەڭ دۇنيانى كۆرۈپ بەك ھەيران بولدۇم. مەن چوقۇم ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىمنى بۇ يەرگە باشلاپ كېلىپ، تەبىئەت ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندۇرىمەن.

تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى