قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتوموبىلنىڭ ئەينەك سۈرتكۈچىگە ئالاقىدار ئىشلار

2017-10-10 13:03:56     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1.ئاپتوموبىل ئەينەك سۈرتكۈچى پاكىز بولمىسا، ئەينەكتە ماي پەردىسى بولىشى مۇمكىن
مۇبادا ئەينەك سۈرتكۈچ پاكىز سۈرتەلمىسە، ئەينەك سۈرتكۈچتە مەسىلە بولمىسا، ئۇنداقتا ئالدى شامال توسۇش ئەينىكىدىن مەسىلە چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئەينەك يۈزىدە ماي قەۋىتى بولۇشى مۇمكىن، ئەينەك يۈزىدە ماي پەردىسى بولسا، ماشىنا ئىگىسى ھەرقانچە سۈرتسىمۇ پاكىز سۈرتەلمەيدۇ. شۇڭا ئوخشىمىغان جايلىرىدا ماي پەردىسى بار يوقلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئەينەك يۈزىگە سۇ چېچىپ بېقىش كېرەك، ئەگەر ئەينەكتە دۇغ كۆرۈلسە ماي پەردىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئالدى شامال توسۇش ئەينىكىنى ئوبدان تازىلاش كېرەك!
2.ئەينەك سۈرتكۈچ پاكىز سۈرتەلمىسە، يامغۇر چوتكىسىنىڭ قېتىپ قالغان قالمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك
ئەينەك سۈرتكۈچ ئۇزۇن مەزگىل سىرتىدا تۇرسا، شامال ۋە ئاپتاپ تەسىرىدىن كونىراش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ئەينەك سۈرتكۈچ پاكىز سۈرتەلمىسە ئەينەك سۈرتكۈچنىڭ قېتىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكى، كونىرىغان كونىرىمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. بۇ چاغدا يېڭى ئەينەك سۈرتكۈچنى ئالماشتۇرساقلا بولىدۇ. ئەگەر ئەينەك سۈرتكۈچنى يەنىلا ئىشلەتكىلى بولسا، ئۈستىدە ھەم مەينەت نەرسىلەر بولسا، كۆپچىلىك دىتىمولىبدېنلىق سىلىقلىغۇچ بىلەن سىلىقلىسىلا بولىدۇ.
3.ئەينەك سۈرتكۈچنىڭ پاكىز سۈرتەلمەسلىكى يامغۇر چوتكىسى بۇلىڭىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن بولۇشى مۇمكىن. كۆپچىلىك تەڭشەش تاختىسىغا ئەينەك سۈرتكۈچنى قىستۇرۇپ، يېنىك دومىلىتىپ، تۈز بولغىچە تەڭشىسە بولىدۇ. ئەگەر يەنە بولمىسا، ئەينەك سۈرتكۈچنىڭ بېسىمى نىسبەتەن چوڭ بولۇپ كەتكەن بولۇپ، پورژېنىنىنى سەل بوشاتساق بولىدۇ.
ئەگەر ئەينەك سۈرتكۈچ بۇلۇڭ سەۋەبلىك پاكىز سۈرتەلمىسە، ماشىنا ئىگىسى تەڭشەپ قويسىلا بولىدۇ.
ئادەتتە ئەينەك سۈرتكۈچنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئاسراش كېرەك، بىر يىلنىڭ تۆت پەسلىدە لازىمى بولىدۇ، ئوخشىمىغان پەسىللەردە ئاسراش شەكلىدە ئازراق پەرق بار، ئادەتتە ماشىنا ئىگىسى يامغۇر چوتكىسىنى ئاسراشقا ئالاقىدار ئىشلارغا كۆپرەك دىققەت قىلىپ، ئەينەك سۈرتكۈچنى راۋان ئىشلىتىپ، سەپەرگە چىققاندا تېخىمۇ بىخەتەر يول يۈرۈشى كېرەك!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى