قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 347 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشتى

2017-10-11 12:08:11     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئۆكتەبىر ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 1 مىليون 347 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە،10- ئاينىڭ 1- كۈنى توشۇلغان يولۇچى مىقدارى 173 مىڭ 600 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، يەككە كۈندىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى جەھەتتە رىكورت ياراتتى. ئۆكتەبىر ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكىدىكى تۆمۈر يولدا يولۇچى توشۇش خىزمىتى9- ئاينىڭ28- كۈنىدىن 10- ئاينىڭ 8- كۈنىگىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار، ئارام ئېلىش ساياھىتىگە چىققانلار، تۇغقان يوقلاشقا ماڭغانلارنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ۋە قىسقا مۇساپىلىك يولۇچى توشۇش ئاساس قىلىندى. يولۇچى توشۇشتىكى بېسىق مەزگىل 10- ئاينىڭ1-كۈنى ۋە8-كۈنىگە مەركەزلەشتى. يولۇچىلارنىڭ بايرام مەزگىلىدىكى سەپەر ئىھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى يول يۈرۈش خەرىتىسىدە بېكىتىلگەن نۆۋەتچى پويىزلارغا ۋاگون قوشۇش، تېز پويىزلارنى قايتا گۇرۇپپىلاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، بايرام مەزگىلىدىكى توشۇش كۈچىنى ئاشۇردى. ئومۇمىي قوشۇلغان ۋاگون سانى 396گە، قايتا گۇرۇپپىلانغان تېز پويىز 50 قېتىمغا يەتتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى