قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

قىش پەسلىدە ئاپتوموبىلنىڭ بالونىنى قانداق ئاسراش كېرەك؟

2017-10-11 13:03:52     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. يەل بېسىمىغا كاپالەتلىك قىلىش
قىش پەسلىدە تېمپىراتۇرا تۆۋەن بولغاچقا، «ئىسسىقتىن كېڭىيىپ سوغۇقتىن تارىيىش» قائىدىسىگە ئاساسەن، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى قىش پەسلىدە بالوننىڭ يەل بېسىمىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىپ، بالوننىڭ سۈركىلىپ ئۇپراش سەرپىياتىنى ئازايتىشى كېرەك، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر يول يۈزىدە مۇز تۇتۇپ تېيىلغاق بولۇپ كەتكەن شارائىت ئاستىدا، بالوننىڭ يەل بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە بالوننىڭ يەرگە تېگىشىش كۈچىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، سوغۇق قىش پەسلىدە بىز ئۆلچەملىك ھاۋا بېسىمىدىن %10تىن %15كىچە يۇقىرى بولغان يەل بېرىش بېسىمىنى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، لېكىن مەھسۇلات قوللانمىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ چوڭ يەل بېسىمىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى سوغۇق قىش پەسلىدە بالوننىڭ يەل بېسىمى ئەھۋالىنى دائىم تەكشۈرۈپ تۇرۇشى لازىم، بالوننىڭ يەل بېسىمى يېتەرلىك بولمىغاندا ۋاقتىدا تولۇقلاپ تۇرۇش كېرەك.
2. يۈرۈش سۈرئىتىنى كونترول قىلىش
سوغۇق قىش پەسلىدە، ئەگەر ئاپتوموبىلنى توختاتقاندىن كېيىن قايتا قوزغىتىلسا، بالون ئازراق قېتىشىۋالىدىغان بولغاچقا، ئاپتوموبىل قوزغىتىلغاندىن كېيىن چوقۇم مەلۇم ۋاقىتقىچە تۆۋەن سۈرئەتتە يول يۈرۈش، ئاندىن ئادەتتىكى سۈرئەت بويىچە يۈرۈش كېرەك. ئەلۋەتتە، قىش پەسلىدە بىخەتەر يول يۈرۈشتە ئەڭ مۇھىمى يۈرۈش سۈرئىتىنى كونترول قىلىشتىن ئىبارەت. بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، سۈرئەتنى كونترول قىلىشقا دىققەت قىلىش، جىددىي سۈرئەت ئاشۇرۇشتىن ۋە تېز تورمۇز قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، شۇندىلا ئاندىن زىمىستان پەسىلدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى، ئامراق ئاپتوموبىل ۋە بالوننى ئۈنۈملۈك ئاسرىغىلى، شۇنىڭ بىلەن قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولىدۇ.
3.پاكىز تازىلاپ ئاسراشنى كۈچەيتىش
سوغۇق قىش پەسلىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن بالوننى تازىلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاپتوموبىل ھەيدەشتىن بۇرۇن، بالوننىڭ گۈللۈك ئېرىقچىلىرىدا قار- مۇزلار بىلەن تولغان- تولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك، ئەگەر قار- مۇزلار بىلەن تولۇپ كەتكەن بولسا پاكىز تازىلاش كېرەك. ئەگەر گۈللۈك ئېرىقچىلىرى ئارىسىدىكى مۇز بەك قاتتىق بولسا مەجبۇرىي قومۇرۇشقا بولمايدۇ، بالون يۈزىگە قايناق سۇ قۇيۇشقىمۇ بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىلىق سۇنى بالوننىڭ گۈللۈك ئېرىقچىلىرىنىڭ ئۈستىگە قۇيساقلا بولىدۇ، ئاندىن ئامراق ئاپتوموبىلنى قوزغىتىپ تۆۋەن سۈرئەتتە يول يۈرگەندىن كېيىن ئادەتتىكى سۈرئەت بويىچە يۈرۈش كېرەك. ئاپتوموبىلنى توختاتقاندىن كېيىن بالوننى تەكشۈرۈش، بالون ئىچىدە تاش، تۆمۈر پارچىسى ياكى مىخ قاتارلىق قاتتىق نەرسىلەر بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش، ئەگەر بار بولسا دەرھال پاكىز تازىلىۋېتىش كېرەك.
4. ئۇپراش بەلگىسىگە دىققەت قىلىپ تۇرۇش
يېڭى ۋە كونا بالونلارنىڭ سۆرەش كۈچى بىلەن يەر بىلەن تېگىشىش كۈچى جەھەتتىكى پەرقى ناھايىتى چوڭ. زىيادە ئۇپراپ كەتكەن بالونلار، ھەتتا قىشلىق بالونلارمۇ قار- مۇزلۇق يولدارولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ. شۇڭا بالوننىڭ ئۇپراش ئەھۋالىغا ئاساسەن ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش كېرەك. بارلىق بالونلارنىڭ گۈللۈك ئېرىقچىسى ئىچىدىكى 1.6 مىللىمېتىرلىق جايدا ئۇپراش بەلگىسى بار، ئومۇمەن ئۇپراش بەلگىسى بار بولغانلىكى جايدا كىچىك بىر بۆرتمە جاي بار، بۇ بۆرتمە جاي «بالون يۈزىنىڭ ئۇپراش بەلگىسى» دېيىلىدۇ، بۆرتمە جاينىڭ يېنىدا  «بالون يۈزىنىڭ ئۇپراش بەلگىسى»نىڭ ئىنگلىزچە قىسقارتىلمىسى بولغان «TWI» دېگەن ھەرپلەر بار. نورمال ئىشلىتىلىش شەرتى ئاستىدا، بالوننىڭ ئۇپرىشى مۇشۇ بۆرتمە جايغا كەلگەندە بالون ئالماشتۇرۇش لازىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
5. بالوننىڭ يەل بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە بولمايدۇ
ياز پەسلىدە نۇرغۇن ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بالوننىڭ ئېتىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بالوننىڭ يەل بېسىمىغا دىققەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمەلىيەتتە قىش كۈنلىرىدىمۇ بالوننىڭ يەل بېسىمىغا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. لېكىن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، بالوننىڭ يەل بېسىمى تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىدۇ، قىشتا بالوننىڭ يەل بېسىمىنى ئۆلچىگەندە ئاپتوموبىل بىر مەزگىل يول يۈرۈپ بولغاندىن كېيىن بالون سوۋۇغاندا ئاندىن ئۆلچەش، شۇنداقلا ئەڭ ياخشىسى ئۆي ئىچى تېمپېراتۇرىسى ھالىتى ئاستىدا ئۆلچەش كېرەك. قىش پەسلىدە بالوننىڭ يەل بېسىمىنى مۇۋاپىق ھالدا ئاشۇرۇش (بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە كونترول قىلىش) كېرەك. ئىسسىقتىن كېڭىيىپ، سوغۇقتىن تارىيىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئۈچۈن، قىش پەسلىدە بالوننىڭ يەل بېسىمىمۇ تۆۋەنلەيدۇ، ئەگەر بالوننىڭ يەل بېسىمى مۇۋاپىق ئاشۇرۇلمىسا، پەقەت ئاپتوموبىلنىڭ ماي سەرپىياتىنى ئاشۇرۇۋېتىپلا قالماستىن، يەنە ئاپتوموبىل بالونىنىڭ سۈركىلىپ ئۇپراش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، لېكىن يەل بېسىمى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە بالوننىڭ يەرگە تېگىشىش كۈچىگە ۋە ئاپتوموبىلنى كونترول قىلىشقا تەسىر كۆرسىتىشىدىن، بولۇپمۇ تورمۇزلاشقا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك.
6. بالوننىڭ گۈللۈك ئېرىقچىسى ئىچىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى دائىم تازىلاپ تۇرۇش
كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاش بەك ئاددى بولۇپ قالدى، بالون ئەمەلىيەتتە ساختا UGG ماركىسىدىكى ئۆتۈك كېيىۋالغاندا ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇششاق تاش تەك نەرسىلەر بولۇپ قالسا يول ماڭغاندا بىئارام بولىدىغانلىقىمۇ ئوخشايدۇ، شۇڭا بالوننىڭ گۈللۈك ئېرىقچىسى ئىچىدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى دائىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر بالوننىڭ گۈللۈك ئېرىقچىسى ئىچىدە كېرەكسىز نەرسىلەر بولۇپ قالسا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە چوقۇم سىلكىنىپ مېڭىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالونغىمۇ ناھايىتى زور زىيان يەتكۈزىدۇ، بولۇپمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئەستايىدىللىق بىلەن تېخىمۇ پاكىز تازىلاپ بولغاندىن كېيىن يولغا چىقىش كېرەك، چۈنكى بالوننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ئېتىلىپ كېتىشى ھەرگىزمۇ ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس، سىزنى مىنۇت ئىچىدىلا ئۇ ئالەمگە يولغا سېلىۋېتىشى مۇمكىن.
7. ياخشى ھەيدەش ئادىتى يېتىلدۈرۈش
ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتىدىن ئىبارەت بۇ نەرسە ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، قوزغالغاندا شىددەت بىلەن قوزغىلىش، بىردىنلا بۇرۇلۇش، جىددىي تورمۇزلاش، يول ئەھۋالى ياخشى بولمىغان يەر بۆلىكىدە يۇقىرى سۈرئەتتە يول يۈرۈش، دائىم يول قىرىدىكى تاشقا چىقىپ چۈشۈش ۋە ئاپتوموبىل توختاتقاندا بالوننىڭ توسالغۇ بۇيۇملارغا سۈركىلىپ كېتىشى قاتارلىقلار بالوننىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۇپراپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولىدۇ، بۇلار تېخى نۇرغۇن ئايال شوپۇرلارنىڭ دائىم قىلىدىغان ئىشى. بىز بۇ يەردە ئارال شوپۇرلارنى كەمسىتمەكچى ئەمەس، پەقەت ئاپتور ھازىرغا قەدەر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئۆزىنى خاتىرجەم قىلىدىغان ئايال شوپۇرنى ئۇچرىتىپ باقمىدى. ياخشى بولغان ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، مانا بۇ دەل بالوننى ئاسراشتىكى ئەڭ بىۋاسىتە ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇل.
8. توغرا ئۇپرىسا نورمال بولغان بولىدۇ
بەزىلەر ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئازراق بىنورماللىق ھېس قىلسىلا ئۆز ئورنىدا رولنى چۆرۈيدۇ، بۇ ناچار ئادەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئۆز ئورنىدا رولنى چۆرۈگەندە ئۇپراشنىڭ تېخىمۇ ئاسانلا بىر تېگىشىش يۈزىگە مەركەزلىشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ دەل قىسمەن جايلىرى ئېغىر ئۇپراش ئەھۋالىدۇر. بىز بۇنىڭدىن ساقلىنىشىمىز ئۈچۈن بالون دومىلاۋاتقاندا رولنى چۆرۈشىمىز كېرەك، ئومۇميۈزلۈك تەكشى ئۇپراشلا ئاندىن نورمال ھېسابلىنىدۇ، بولۇپمۇ قىيپاش ئۇپراش، بالون غاجاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەسلىكى كېرەك، ئەگەر بۇلار بايقالغان ھامان تۆت چاقنى تەڭشىتىش كېرەك، بولمىسا بالون ناھايىتى تېزلا كېرەكتىن چىقىدۇ.
9. يول ياقىسى ۋە ئازگال- ئورەكلەردىن ساقلىنىش
بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئۇسۇلى بىر قەدەر ئاشۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاپتوموبىلىنى يول ياقىسىغا دەسسىتىپ توختىتىشقا ئامراق. ئەمەلىيەتتە، ئاپتوموبىللار يول ياقىسىغا چىقىش جەريانىدا بالون قىسىلىشقا ئۇچرايدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا بالوننىڭ يان تەرەپىدىكى پەردە يىپىنىڭ ئۈزۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالوننىڭ تومپىيىپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يولدىكى ئازگال-ئورەكلەردىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىش كېرەك. بالون ئازگال-ئورەكلەرنى بېسىپ ئۆتكەندە، شۇ بالون قىسىلىشقا ئۇچرايدۇ. ئازگال-ئورەكلەر قانچە چوڭ، سۈرئەت قانچە يۇقىرى بولسا، بالون ئۇچرايدىغان قىسىلىش بېسىمىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، بۇمۇ بالوننىڭ تومپىيىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئەلۋەتتە بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، پەقەت ئۇزۇن ۋاقىت يول ياقىسىنى بېسىپ تۇرۇش ياكى دائىم ناچار يوللاردا يۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمىگەندە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە بالون دىۋارى قانچە قېلىن بولسا زەربىگە ئۇچراش ۋە تەۋرىنىشنى يەڭگىللىتىش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ.
10. ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ توختاتقاندا بالون دىۋارىغا بىر نەرسە تەگكۈزۈۋەتمەسلىك
بەزىدە بالون دىۋارىغا بىر نەرسە تېگىپ كېتىش ئەھۋاللىرى ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ توختاتقان چاغدا مەقسەتسىزلا كېلىپ چىققان، بۇنى ئانچە دىققەت قىلماسلىقتىن كېلىپ چىققان دەپ پەرەز قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە بالوننىڭ يان تەرىپى بالوننىڭ ئاجىز قىسىمىغا تەۋە، ئېغىر دەرىجىدە ئۇپراپ كەتكەن بولسا ئۇمۇ ئاسانلا بالوننىڭ تومپىيىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇنداقتا تېخىمۇ ئاسان ئېتىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئاپتوموبىلنى چەتكە تارتىپ توختاتقاندا ئاپتوموبىلنىڭ يول ياقىسى بىلەن بولغان ئارىلىقىغا كۆپلەپ دىققەت قىلىش ۋە بالون دىۋارىنىڭ سۈركىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى بالون زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىمىسۇن ياكى باشقا بىرەر نەرسە كىرىپ كەتمىسۇن، بولمىسا بۇلارنىڭ ھەممىسى بالوننىڭ ئېتىلىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. ئاپتوموبىلنى يىراقراق توختىتىش ئۇنچىۋالا تەسمۇ ئەمەس، شۇڭا ئاپتوموبىل توختاتقاندا ئۇنداق كۈچەپ كېتىشنى ھاجىتى يوق، بۇنداق بولغاندا يەنە تېخى ئاپتوموبىل بۇلىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن خالىي بولغىلى بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى