قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھايات مەسئۇلىيەتتۇر

2017-10-11 18:51:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ھايات مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر. كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە ئالغان مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقى- ھاياتتۇر.
كىشى ھاياتىدا بەلگىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ئىقتىدارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ، مەسئۇلىيەتمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. خارەكتېرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، مەسئۇلىيەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش دەرىجىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسئۇلىيەتچان كىشىلەر كەسىپنى قىزغىن سۆيىدۇ، خىزمىتىنى بەجاندىل ئورۇنلايدۇ، ئىشىنى كەم- كۈتسىز، مۇكەممەل ئىشلەشكە تىرىشىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىشىدا كىچىككىنە سەۋەنلىكنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدۇ، ئۇنى تاكى ئۆزى رازى بولغانغا، كۆڭلى ئەمىن تاپقانغا قەدەر مۇكەممەل ئىشلەيدۇ. مەسئۇلىيەتسىز كىشىلەر خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىشلارنىلا قىلىدۇ، ئارتۇقچە ئىشلارغا ئارلاشمايدۇ، ھەتتا ئۆزى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئىشلەيدۇ. مەسئۇلىيەتنى ھە دېسىلا باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويىدۇ.تۇرمۇشىمىزدا ئەنە شۇنداق مەسئۇلىيەتچان كىىشلەرنىمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىمىز، ئۇلارنىڭ ئۆز مەسئۇلىيىتىنى مىننەتسىز ھالدا تىرىشىپ ئادا قىلىۋاتقانلىقى، تۆكۈلىۋاتقان بىھىساپ قان- تەرى بەدىلىگە ھاياتنى چەكسىز مېھىر- مۇھەببەت ۋە گۈزەللىككە تولدۇرۇۋاتقانلىقى، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قەدەممۇ- قەدەم ئالغا سىلجىتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، چەكسىز ھاياجان ۋە سۆيۈنۈشتىن ۋۇجۇدىمىز لەرزىگە كېلىدۇ، ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق تەبەسسۇمىمىز ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، چۈنكى ھايات مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى