ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش

2017-10-12 13:28:34     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۇلىنى چىڭىتىش» دېگەن ماۋزۇدىكى ئاخبارات بايانى
بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋزۇ چاغىنىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىتات خىزمىتى ئىشخانىسى ئورگان پارتكومىنىڭ ئەزاسى، سىياسەت ۋە قانۇن باشقارمىسىنىڭ باشلىقى چېن خۇڭشېڭ ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسى بۇلۇڭكۆۋرۈك كەنتىگە بېرىپ، قوشماق تۇغقىنى تۇرسۇنگۈل توخنىيازنى يوقلىدى.
ھال - ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن، چېن خۇڭشېڭ سومكىسىنى قويۇپ، تۇرسۇنگۈل توخنىيازنىڭ دۇكان تازىلىشىغا ياردەم بەرگەچ، تۇرسۇنگۈل توخنىيازنىڭ ئىككى قىزىنىڭ ئوقۇش ئەھۋالىنى سورىدى.
تۇرسۇنگۈل توخنىيازنىڭ يولدىشى 8 يىل ئىلگىرى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچراپ قازا قىلغان بولغاچقا، تۇرسۇنگۈل توخنىياز ئۆزى يالغۇز ئىككى قىزىنى بېقىۋاتاتتى. بۇلتۇر 11- ئايدا، ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، چېن خۇڭشېڭ بىلەن تۇرسۇنگۈل توخنىياز قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. كىچكىدىلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىككى قىزچاق چېن خۇڭشېڭنى دادىسىدەك كۆردى. تۇرسۇنگۈل توخنىيازنىڭ چوڭ قىزى ئەقىدە رېھىم مۇنداق دېدى: ئۇ بىزگە يېڭى سومكا، دەپتەر- قەلەم ئېلىپ بەردى ھەمدە دەرسلىرىمىزگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇنىڭغا ئوخشاش ياراملىق ئادەم بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
بۇلتۇر 10- ئاينىڭ 16- كۈنى، ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ۋە «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق كادىر ۋە ئىشچى- خىزمەتچى ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدى. پائالىيەتنىڭ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى بىر ئۆمۈر سىرتقا چىقىپ باقمىغان كىشىلەر قوشماق تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئۈرۈمچىگە كەلدى. ئىلگىرى يۈز كۆرۈشۈپمۇ باقمىغان ناتۇنۇش كىشىلەر قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولمىغان تۇغقانلاردىن بولۇپ قالدى. بىر ئىدارىدە ئىشلىسىمۇ، ئادەتتە ئالاقە قىلىشمايدىغان خىزمەتداشلارنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنلاشتى.
بۇ يىللىق دۆلەت بايرىمى ۋە تاۋزۇ چاغىنىدىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق يىغىن زالىدا، ھەر قايسى باشقارما - ئىشخانىلاردىكى پارتىيەلىك كادىرلار بۇ يەرگە يىغىلىپ، بىرلىكتە ناخشا ئېيىتتى، ئۇسسۇل ئوينىدى. تەشۋىقات ئۇچۇر مەركىزىنىڭ كادىرى ئەسەت ئىسمائىل ئىنىسى ما چىن بىلەن بىرلىكتە سەھنىگە چىقىپ، مەشرەپكە چۈشتى. بۇ ئىككەيلەن بۇلتۇرقى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش» پائالىيىتىدە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانىدى. ئەسەت ئىسمائىل مۇنداق دېدى: ئۇ دائىم ماڭا ياردەملىشىپ ماتىرىياللارنى رەتلەيدۇ. خەنزۇ تىلى جەھەتتە ياردەم بېرىدۇ. قۇربان ھېيتتا، ئۇنى ئۆيىمىزگە تەكلىپ قىلدىم. چاغاندا، ئۇنىڭ ئۆيىگە باردىم. بىز قوشماق تۇغقان بولۇپلا قالماي، ئاياللىرىمىزمۇ يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى.
 ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۈەن لياڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ھەر مىللەت كادىر- ئاممىسىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئارقىلىق، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشى؛ كۆپ قاتلام ۋە كۆپ خىل شەكىلدە ئۆز- ئارا بېرىش- كېلىش قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى؛ ئۆز- ئارا تىل ئۆگىنىشى - ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشنى نىشان قىلدى. بۇ-- باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭ خىزمىتىدىكى باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر.
2014- يىلى 4- ئاينىڭ 28- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيەسى توققۇزاق بازىرى مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىدى. بۇ جەرياندا، يولداش شى جىنپىڭ: «ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا قارىتىلغان قوش تىل مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. چۈنكى، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىش-- كەلگۈسىدە جەمئىيەتتە خىزمەت تېپىشقا پايدىلىق. تېخىمۇ مۇھىمى-- مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. بۇ سىلەرنىڭ شەرەپلىك بۇرچۇڭلار» دېگەن ئىدى.
 ئاپتونوم رايون يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىشنى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، قوش تىل مائارىپى ۋە ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز- ئارا تىل ئۆگىنىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ بىر نىيەت- بىر مەقسەدتە ئىتتىپاقلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار يېزا- كەنتلەردە، سۈپىتى يۇقىرى، مۇھىتى ياخشى، مۇئەسسەسەلىرى تولۇق بولغان قوش تىللىق يەسلىدىن جەمئىي 4 مىڭ 408 نى يېڭىدىن سالدى ۋە ئۆزگەرتىپ سالدى. بۇ يەسلىلەر 9- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئىلگىرى پۈتۈنلەي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى يەسلى يېشىغا يەتكەن 1 مىليون 128 مىڭ 900 بالا ئەلا سۈپەتلىك يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇش شارائىتىغا ئېرىشتى. ئاپتونوم رايون ساپاسى يۇقىرى ۋە مۇقىم يېزا- كەنت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ئۇدا ئىككى يىل جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنى نىشان قىلغان ھالدا، كادىرلارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش پىلانىنى يولغا قويدى. مائارىپقا ياردەم بېرىشكە قاتناشقان بۇ كادىرلار ئۆزلىرىنىڭ زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.
شىنجاڭ تىببىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماگىستىر ئاسپىرانتلارنىڭ مائارىپقا ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى ما شاۋۋىي مۇنداق دېدى: بۇ بالىلارنى ئۆز بالامدەك كۆرىمەن. يېشىم چوڭ بولمىسىمۇ، پۈتۈن زىھنىم بىلەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن.
  ئاقسۇ ۋىلايىتى تارىم ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىدىن مائارىپقا ياردەم بېرىشكە بارغان ما لىپىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر، بىر قىسىم بالىلار بىز بىلەن دۆلەت تىلى ئارقىلىق پىكىرلىشەلەيدىغان، ھەتتا ئۆيگە قايتىپ بارغاندىن كېيىن، ئاتا- ئانىلىرىغا دۆلەت تىلى ئۆگىتەلەيدىغان بولدى. ئۇلار مۇشۇ خىل شەكىل ئارقىلىق، ۋەتەنگە، خەلققە بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلىمەكتە. 
ئاپتونوم رايون ئۆز ئارا كىرىشمە شەكلىدىكى ئىجتىمائىي قۇرۇلما ۋە ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشنى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىسى ئىناق- ئىتتىپاق بولۇش، ئۆز- ئارا ياردەم بېرىشتەك جانلىق ھالەتنى شەكىللەندۈردى. خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۈيزۇ، زاڭزۇ، موڭغۇل، تۇجيازۇ قاتارلىق 10 مىللەتتىن بولغان ئاھالىلار خوتەن ناھىيەسىدىكى ئۆز ئارا كىرىشمە شەكلىدە قۇرۇلغان ئىناقلىق يېڭى كەنتى، بىرىكىش يېڭى كەنتى ۋە ئامانلىق يېڭى كەنتىگە ماكانلاشتى.
تاۋزۇ چاغىنى كۈنى، بىرىكىش يېڭى كەنتىدىكى رىزۋان قاسىم ئېرى بىلەن بىللە قوشنىسى خې تيەندۇڭغا ئىككى قاپ ئايتوقاچ ئاپىرىپ بەردى ھەمدە ئۇنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
 بۇلتۇر 5- ئايدا، رىزۋان قاسىم ئائىلىسىدىكى 5 كىشى خوتەن ناھىيەسى خانئېرىق يېزىسى رەمبال كەنتىدىن بىرىكىش يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. شۇ يىلى، خې تيەندۇڭ ئائىلىسىدىكى 4 كىشىمۇ سىچۈەن باجۇڭدىن كۆچۈپ كېلىپ، رىزۋان قاسىم بىلەن ئۇدۇل قوشنا بولدى. ئەڭ دەسلەپكى كۆرۈشكەندىكى كۈلۈمسىرەشتىن تارتىپ ئۆز ئارا بېرىش- كېلىش قىلىش ۋە تىل ئۆگىنىشكىچە... ئىككى ئائىلە كىشىلىرى ئۆز ئارا ياردەم بېرىش جەريانىدا تەڭ ئىلگىرلىدى. ھازىر، رىزۋان قاسىم ئائىلىسىدىكى 4 كىشى خې تيەندۇڭنىڭ قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتىدۇ. خې تيەندۇڭ مۇنداق دېدى: بىز ئەسلىدىنلا قوشنا ئىدۇق. مانا ئەمدى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇق. ئۇلار بېيىسا، بىزمۇ شەرەپ ھېس قىلىمىز.
 قۇمۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى قارادۆۋە بازىرى بوستان كەنتىدىكى يۈ شۆرەن ئائىلىسىنىڭ ھويلىسىدىن يەنە مۇقام ئاۋازى ياڭرىدى. يۈ شۆرەن قۇمۇل مۇقامى ئېيتىۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر يۇرتداشلار ئۇنىڭغا تەڭكەش قىلىپ، ساز چېلىۋاتقانىدى. يۈ شۆرەننىڭ ئۆيىدە بۇنداق ئىشلار دائىم بولۇپ تۇراتتى.
1957- يىلى، ئەمدىلا 5 ياشقا كىرگەن يۈ شۆرەن دادىسى يۈ فۇيۈنگە ئەگىشىپ، خېبىي ئۆلكىسىدىن بۇ يەرگە كەلگەنىدى. ھازىر، يۈ شۆرەن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يىمەك- ئىچمەك ۋە تۇرمۇش ئادىتى ئەتراپتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ كەتتى. يۈ شۆرەن مۇنداق دېدى: بىز خۇددىي بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك، ئۇرۇق- تۇغقانلاردەك ئۆتىمىز.
شىنجاڭدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت شەرەپلىك ئەنئەنە ئۇزاق تارىخقا ئىگە. قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىشى؛ يۇ لياڭيىڭنىڭ 10 نەچچە يىلنى بىر كۈندەك بىلىپ، ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىشى؛ زامانىمىزدىكى «ھايات لىي فېڭ» جۇاڭ شىخۇانىڭ ھەر مىللەت ئاممىسىنى كېسەل ئازابىدىن خالاس قىلىشى؛ «جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 10 شەخس» نىڭ بىرى ھەنىپە ئانىنىڭ 4 مىللەتتىن بولغان 10 نەچچە بالىنى بېقىۋالغانلىقىغا ئوخشاش ھىكايىلەر ناھايىتى كۆپ.
تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئىناق- ئىتتىپاق ئۆتۈش، ئۆز- ئارا ياردەم بېرىشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە. مول- ھوسولغا تولغان ئالتۇن كۈزدە، ئانارلار قىزىرىپ پىشتى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، خۇددىي ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشماقتا. تەرجىمان: مىھرىئاي ئوسمان

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى