قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۈنلىرىمىز بالدەك شېرىن ئۆتمەكتە

2017-10-12 18:03:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«بىزنىڭ ھەسىلىمىز بەك تاتلىق جۇمۇ!»-، كۈلۈپ تۇرۇپ ھەسىلىنى ماختاۋاتقان بۇ ھەدىمىزنىڭ ئىسمى تاڭ چۈنيەن. بۇ يىل 29 ياشقا كىرگەن تاڭ چۈنيەن چوڭچىڭ شەھىرى كەيجۇ رايونى مەنيۆ يېزىسى شۇاڭپىڭ كەنتىدىن بولۇپ، بەش يىل ئىلگىرى 8 مېتىر ئىگىزلىكتىكى ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ ئېغىر يارىلانغان ئىدى. «ئەينى ۋاقىتتا دوختۇرلارنىڭ ئۇنىڭ ئىككى پۇتىدا سېزىم يوق، دېگىنىنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالغان ئىدىم» دېدى تاڭ چۈنيەننىڭ يولدىشى خې جېڭمۇ. ئۇ شۇ چاغدا ئۆيىدە يىغىپ قويغان بارلىق ئىقتىسادىنى ئېلىپ چىقىپ ئايالىنىڭ دەسلەپكى تەكشۈرتۈشى، داۋالىنىشىغا سەرپ قىلغان بولۇپ، ئاتا- ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، بالىلارنى ئوقۇتۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ زىممىسىدە بولغاچقا، بىر نەچچە يىل ئىچىدە بىر مۇنچە قەرزگە بوغۇلۇپلا قالماي، ئۆزىمۇ كېسەلچان بولۇپ كەتكەن ئىدى.2015- يىلى تاڭ چۈنيەننىڭ ئائىلىسى «ئېغىر كېسەل، ئوقۇشسىز قالغان، مېيىپ» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن نامرات ئائىلىلەر قاتارىدا ئەنگە ئېلىنغان ئىدى.
  تاڭ چۈنيەن تۇرۇشلۇق شۇاڭپىڭ كەنتى مەنيۆ يېزىسى بويىچە ئۈچ نامرات كەنتنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يەردە كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىش ئەھۋالى بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىدى. «مەن مەسئۇل بولۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان بىر نەچچە ئائىلىدىكى كىشىلەر ئاساسەن دېگۈدەك ئاستا خارەكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت، ئىزچىل تۈردە داۋالىنىشقا مۇھتاج، داۋالىنىشقا پۇل خەجلەپ تۇرمىسا بولمايدىغان ئائىلىلەر ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ، قايتا نامراتلىشىشنى شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى كەنت پارتىيە ياچىيكىسىنىڭ 1- شۇجىسى.
2015- يىلى دۆلىتىمىزدە چوڭ كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ سۇغۇرتىنىڭ شەھەر يېزىلاردىكى قاپلىنىش نىسبىتى %50 تىن ئاشتى. «شەھەر يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار چوڭ كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسىغا ئۆزلىكىدىن كىرىپ كېتىدىغان بولۇپ، بىر قېتىملىق داۋالىنىش راسخودى 3 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلار يەنە قۇتقۇزۇش پۇلىدىنمۇ بەھرىمەن بولىدۇ» دېدى كەيجۇ رايونلۇق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تونۇشتۇرۇپ. نۆۋەتتە بۇ رايوندا نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش- قۇتقۇزۇش فوندى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قىزىل كرېست جەمئىيىتىنىڭ يۆلەش، داۋالاش ياردىمى ۋە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش مەبلىغى قاتارلىق داۋالاش- قۇتقۇزۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بارلىق كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىدىغان ئائىلىلەردىكى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار بىردەك داۋالىنىش ياردىمى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.
 - «بۇلتۇر مەھەللە شىپاخانىسىدا داۋالانغان پۇللىرىمنىڭ ھەممىسىنى كۆتۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر رايونلۇق دوختۇرخانىلارغا بارساق ئاۋال داۋالىنىپ ئاندىن پۇل تۆلىسەك بولىدىغان بولدى، ھېچنىمىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇق» دېدى ئىلگىرى مېڭىسىگە قان چۈشكەن نامرات دېھقان ۋاڭ خوشىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ياردىمى توغرىسىدا سۆيۈنگەن ھالدا: «ناۋادا بۇ ياخشى سىياسەتلەر بولمىغان بولسا ئانام، بالىلىرىم ئىقتىسادتىن قىينىلىپ ئېغىر كۈنلەرگە قالار ئىدى». «مېنىڭ بۇ داۋالىنىشىمنى دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈندى، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، بەلكى تەن دوختۇرخانا باشلىقى ئۆزى ئۆيۈمگە كېلىپ مېنى فىزىكىلىق داۋالىدى». تاڭ چۈنيەن دەۋاتقان تەن دوختۇرخانا باشلىقى جۇڭگو تىبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، تاڭ چۈنيەن دوختۇرخانا باشلىقىنىڭ يۆلەش ئوبيېكتى ھەم ئائىلە دوختۇرى ئىدى. «بۇ يىل كەيجۇ رايونىدا ئومومىيۈزلۈك ھالدا ئائىلە دوختۇرى توختام مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىلىپ، نامرات ئائىلىلەرگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ، كارتا بىجىرىلدى، پىلانلىق تۇغۇتتىكى ئالاھىدە ئائىلىلەرنى توختام مۇلازىمىتى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى دوختۇرخانا باشلىقى تونۇشتۇرۇپ، توختام مۇلازىمەت ئىشلىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن كەنتتىكى ھەر بىر نامرات ئائىلىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئائىلە دوختۇرى بار بولدى.
   «دۆلىتىمىزنىڭ بۇنچە كۆپ ئەۋزەل سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولدۇق، مەن ئەمدى ئۆزۈمنى تېخىمۇ ئالدىراش قىلمىسام بولمايدۇ، بولمىسا بۇ پۇتۇم ھەقىقىي مېيىپ بولۇپ قالىدۇ» دېدى تاڭ چۈنيەن ئوڭ پۇتىنى سىلاپ تۇرۇپ. ئۇنىڭ سول پۇتى بارا بارا ياخشىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئېچىۋالغان كىچىك دۇكىنىدا ئالدىراش كىرىپ- چىقىپ يۈرۈۋاتاتتى. «چۈن يەننىڭ پۇتى يەنە ئازراق ياخشى بولۇپ قالسا مەن يەنە ئائىلىمىزنىڭ دېھقانلار شاتلىقى ئارامگاھىنى ئېچىشنى ئويلاۋاتىمەن، قىلىپ كېتەلەمدىم- يوق، ھازىرچە بىر نەرسە دېيەلمەيمەن» دېدى خې جېڭمۇ قولىنى ئۇۋۇلاپ تۇرۇپ جاڭ شياۋخۇاغا. «موشۇنداق ئىرادىڭىز بولسىلا، پىلانىڭىز ياخشى بولسا ھۆكۈمەت چوقۇم سىزنى قوللايدۇ» دېدى جاڭ شياۋخۇا رىغبەتلەندۈرۈپ.
  ئېتىز تەرەپتىن بىر نەچچە ھەسەل ھەرىسى ئۇۋىسىغا قايتتى، بۇ يەردە قاتار قىلىپ قويۇلغان تاڭ چۈنيەن ئائىلىسى ساقلاپ قويغان «تاتلىق كومزەكلەر» بار ئىدى. 2012- يىلى خې جېڭمۇ سىرتتىن ئېلىپ كەلگەن ئىككى ساندۇق ھەسەل ھەرىسى ھازىر كۆپىيىپ 50 نەچچە ساندۇققا يەتكەن بولۇپ، پەقەت بۇ ھەسەللەرنى سېتىش ئارقىلىقلا ئون نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ. ئەتراپنى قويۇق ھەسەل ھېدى قاپلىدى. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىمۇ خۇددى ھەسەلگە ئوخشاش كۈندىن كۈنگە تاتلىق بولغۇسى!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى