قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پەسل ئالمىشىدىغان مەزگىلدە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى تۇراقسىز بولۇپ، بۇ مەزگىلدە بەدەننىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك

2017-10-12 18:07:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ : ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىشلەر باش، مۈرە، قورساق، پۇت، تىز بوغۇمى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك، بولۇپمۇ پەسىل ئالمىشىدىغان ۋاقىتتا تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى تۇراقسىز بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىش كېرەك.
 كۈز، قىش پەسىللىرىدە سەھەردە چاچ يۇيۇش مۇۋاپىق ئەمەس؛ مۈرە بوغۇمى بىلەن ئەتراپتىكى تەشكىلىي بوغۇملار بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، تېمېپراتۇرا تۆۋەنلىگەندە، مۈرە ئەتراپى ياللۇغى كۆپ قوزغىلىدۇ، شۇڭا مۈرىنى ئىسسىق تۇتۇش كېرەك؛ ئاشقازان، ئۈچەي كېسىلى بار ئاغرىقلار قورساق قىسمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، كېسەللىكنىڭ قايتا قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.   مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېگەن: پۇت ئادەم بەدىنىنىڭ ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ يۈرەكتىن ئەڭ يىراق قىسمى بولغاچقا، پۇت مۇزلىسا، پۈتۈن بەدەن مۇزلاپ كېتىدۇ. بۇلۇپمۇ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاستا خاراكتېرلىك رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ھاۋا سوۋۇغان ۋاقىتتا پۇت قىسىمىنىمۇ ئىسسىق تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كىرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى