قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خۇشاللىق يېنىڭىزدىلا، ئەگەر سىز خۇشال بولۇشنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ئارزۇ قىلسڭىزلا خۇشاللىققا ئېرىشەلەيسىز

2017-10-12 19:33:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ناۋادا سىز مەغلۇپ بولغانلىقىڭىزدىن روھسىزلىنىپ قالغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭ: «نىشانغا يېتىش ئەمەلىيەتتە ئۇنچە مۇھىم ئەمەس». بىر كۈنى، ئىككى گۈدەك ئاكا- ئۇكا ئۆيىنىڭ ئارقىسىدىن بىر چوڭقۇر ئۆرەك كولاشقا تۇتۇش قىپتۇ. ئۇلار تازا قىزىپ ئىشلەۋاتقاندا، ئىككى چوڭ بالا كېلىپ بىر چەتتە تاماشا كۆرۈپ تۇرۇپتۇ. «نېمە قىلىۋاتىسىلەر؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇلادىن بېرى: «بىز بىر ئۆرەك كولاپ يەر شارىنى تېشىمىز!» دەپتۇ گۈدەك بالىلار سەمىيلىك بىلەن. چوڭ بالىلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ھەمدە ئۇلارغا يەر شارىنى تېشىشنىڭ مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتىپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن، گۈدەك ئاكا- ئۇكىلاردىن بىرى ئۆمۈچۈك، سازاڭ ھەم ھەر خىل قۇرتلار بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كونسىرىۋا  قۇتىسىنى ئېلىپ بېرىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى مازاق قىلغان ھېلىقى بالىلارغا كۆرسىتىپ، ئىشەنچ بىلەن:  «يەر شارىنىمۇ تېشەلمەيدىكەنمىز، لېكىن بىزنىڭ ئورەك قازغاندا تاپقان نەسىلىرىمىزگە قاراڭلار!» دەپتۇ.
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئۇلارنىڭ كۆزلىگەن نىشانى غەيرەت- شىجائىتىدىن ئېشىپ كەتكەن. ئەمما بۇ ئۇلارنىڭ يەرنى كولاشقا تۇتۇش قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. نىشان كۆزلەشنىڭ ئەھمىيىتى دەل مانا مۇشۇ يەردە. ئۇ بىزنىڭ بەلگىلەنگەن مەنزىلگە قاراپ ئالغا ئىلگىرلىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيقاندا، بىزنىڭ ھەقىقىي ھەرىكەتلىنىشىمىزگە تۈرتكە بولىدۇ. ھالبۇكى، ھەممىلا نىشان ئەمەلگە  ئېشىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا خىزمەت ئاقىۋەتتە  ئوتۇقلۇق بولىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا مۇناسىۋەت ئۇزاققىچە داۋاملشىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا  ئۈمىد رېئاللىققا  ئايلىنىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا تىرىشچانلىق مۇۋەپىقىيەتلىك بولىۋەرمەيدۇ. ھەممىلا ئارزۇ-ئارمان ئىشقا ئېشىۋەرمەيدۇ. كۆزلىگەن نىشانىڭىزغا يېتەلمىگەن چاغلاردا سىز ئۆزىڭىزگە «بوپتۇ، ھېچقىسى يوق، ئەمما مەن ئىزدىنىش جەريانىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقىدىم، تىرىشچانلىقىم ئارقىلىق تۇرمۇشىمنى بېيىتسام!» دەپ تەسەللى بەرسىڭىزمۇ  بولىۋېرىدۇ.ياشاش ئەمەلىيەتتە يەر كولىغانغا ئوخشايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەككى، ئاقىۋەتتە ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنىڭدىن ئېرىشكەن خوشاللىقتۇر.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى