قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەگلىكى پاكار ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش تۇيغۇسى چوقۇم تەگلىكى ئېگىز ئاپتوموبىللارنى ھەيدەش تۇيغۇسىدىن ياخشى بولامدۇ؟

2017-10-12 19:37:36     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 نەزەرىيە جەھەتتىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇ. تەگلىك تۆۋەنلىدى دېگەنلىك ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىمۇ تۆۋەنلىگەنلىك بىلەن باراۋەر بولىدۇ. بۇنداق بولغان ئىكەن، ئاپتوموبىلنىڭ يانغا تايىنىشى تېخىمۇ كىچىكلىگەنلىكى ئۈچۈن كونتروللىقىمۇ ياخشىلىنىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئاپتوموبىلنىڭ كونتروللىقىنى يوقىتىش چېكىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ھەيدىگەندىكى مۇقىملىقى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن خېلىلا كاللا قاتۇرىدۇ.
  لېكىن تەگلىكى تۆۋەن ئاپتوموبىللارنىڭ بىر يېتەرسىزلىكى نېمە دېگەندە، ئولتۇرۇش ئېگىزلىكىمۇ تۆۋەنلەپ كېتىدىغان بولغاچقا، كۆرۈش دائىرىسىگە تەسىر يېتىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ھازىر كۆپىنچە كىشىلەر SUV سېتىۋېلىۋاتقاچقا، كېچىلىرى ئاپتوموبىللارنىڭ چىراغ نۇرى ئۇدۇل تەگلىكى تۆۋەن ئاپتوموبىللارنىڭ شوپۇرلىرىغا چۈشىدۇ.
  ئوخشاشلا كۆپلىگەن شوپۇرلار ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە ئېگىزرەك ئولتۇرۇشنى، يىراقلارغا نەزەر تاشلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما بۇنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلى بولسا ئاپتوموبىلنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى ئۆرلەپ كېتىدۇ، شامال قارشىلىقى ئۆرلەيدۇ، بۇ دەل نۆۋەتتىكى SUVلاردىكى ئەڭ چوڭ نۇقسان ھېسابلىنىدۇ.
  ئەمما بەزى بىر قىسىم SUV لار بۇ نۇقتىنى تۇتقۇ قىلىپ تۇرۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ تىرىگۈچ، تەگلىك، ئايلىنىش خۇسۇسىيىتىنى توختىماستىن تەڭشەش ۋە ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بۇخىل كونتروللۇق تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ. بۇ ئارقىلىقمۇ بىر ئاپتوموبىل كارخانىسىنىڭ ئاپتوموبىل ئۈچۈن قانچىلىك ئەجىر قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
  شۇڭا ئەڭ ئاخىرقى يەكۈندە بۇنى ئاپتوموبىلنىڭ خۇسۇسىيىتى، بازارغا بولغان ئومۇمىي نىشانى قاتارلىقلار بەلگىلەيدۇ. نېمە ئۈچۈن مازدانىڭ CX-5 بولسۇن ياكى CX-4 بولسۇن كونتروللۇقنى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇۋالىدۇ؟ چۈنكى تويوتا ۋە خوندالار بىلەن مازدا راھەتلىك بولۇش ۋە ياكى سۈپەت جەھەتتە بەسلىشىپ بولالمايدۇ. شۇڭا بۇ بازاردىكى SUV غا ۋە ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئامراق كىشىلەرنىڭ بازىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن ئاپتوموبىللىرىنى بىرقەدەر ھەرىكەتچان قىلىپ ئىشلەيدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى