قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 2- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى

2017-10-21 18:57:49     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)
    قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى ليۇ يۈنشەن 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. يىغىندا 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى (تۈزىتىلمە)» توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)نى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇش ماقۇللاندى؛ 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا قويۇش ماقۇللاندى؛ قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى
  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 20- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا 2- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى.
  يولداش شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
  قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى ليۇ يۈنشەن 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
  يىغىندا 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىلمە)» توغرىسىدىكى قارار (لايىھە)نى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ مۇزاكىرىسىگە قويۇش ماقۇللاندى.
  يىغىندا 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرى، كاندىدات ئەزالىرى ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتى تەييارلىق نامزاتىنىڭ تەكلىپ ئىسىملىكىنى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىغا قويۇش ماقۇللاندى.
  يىغىندا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىدىن ئۆتكەن قۇرۇلتاينىڭ سايلام چارىسى ماقۇللاندى. يىغىندا يەنە بېلەت نازارەتچىسى، باش بېلەت نازارەتچىسىنىڭ ئىسىملىكى ماقۇللاندى، بۇ ئىسىملىك رەسمىي سايلام باشلانغاندا قۇرۇلتاينىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدۇ.

 جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قېتىملىق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2- قېتىملىق يىغىن ئۆتكۈزدى. شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

 
   

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى