ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يىلتىز تارتقۇزۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

2017-10-21 19:19:24     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

  10- ئاينىڭ 19- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەردىن فۇ چۈنلى، خەي جۈ، لى يۈەنمىن، ما شۈدۇڭ (سولدىن ئوڭغا) يىغىن ئارىلىقىدا تەسىراتلىرى ھەققىدە پىكىرلەشمەكتە. (مۇخبىرىمىز لۇ مىنيى فوتوسى)
  يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىنى باشلىدى. يېڭى بۇرچنى زىممىگە قانداق ئېلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قانداق قولغا كەلتۈرۈش − پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللىرى قىزغىن مۇزاكىرە قىلىدىغان تېمىغا ئايلاندى. ۋەكىللەر بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، جاسارەتلىك، ياراملىق بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمىز.
    بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەيمىز
  ۋەكىل دۇ ۋەنگۈي مۇنداق دېدى: دوكلاتتا دىققەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپتۇ. بۇ دەۋردە تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، ئادەمنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا تېخىمۇ تېز يېقىنلىشىمىز، بۇ بىر ئۇلۇغ دەۋر. بىز بۇ دەۋرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ، بۇ دەۋرگە مۇناسىپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.
  ۋەكىل ما شۈدۇڭ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بۇرچنى دادىل زىممىگە ئېلىش ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. دوكلاتتا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى تەلىپى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئۈمىدى نامايان قىلىنغان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرگەنلىكى توغرىسىدا زور ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈم چىقىرىلغان، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، دوكلات جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىدە ئىستراتېگىيە قاتلىمىدىن يىراق كەلگۈسى كۆزلەنگەن، تاكتىكا قاتلىمىدىن كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان، ئۇ ھەم ئومۇمىي پىلان، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە، ھەم ئۇسۇل، يول، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرما. بىز قەتئىي تەۋرەنمەي، بەلنى چىڭ باغلاپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشىمىز كېرەك.
  ۋەكىل لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قەتئىي مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۈنۈملۈك، ئەمەلىي، ئەسقاتىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا ئالاقىدار تۈرلۈك ئىشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك مۇقىملىقىنى ساقلىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار ساغلام راۋاجلىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات- ئۆزگىرىشلەر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دانا، توغرىلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى تولۇق دەلىللىدى.
  ۋەكىل جاۋ ۋېنچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈم باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نەتىجىسى. بىز ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى، ئاپتونوم رايوننىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
    خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىمىز
  ۋەكىل فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: بىز ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇش، بېيىش نىشانىغا يەتتۇق، خەلق كىيىنىش- تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل قىلىنغاندىن كېيىن، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى بولغۇدەك كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىت، تېخىمۇ مول مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا ئىنتىلدى، ماددىي مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىكى تەلەپ تېخىمۇ يۇقىرىلاپلا قالماي، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەلىپىمۇ كۈنسېرى ئېشىپ باردى. دوكلاتتىكى جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھۆكۈم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. دوكلاتتا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى كۈرەش نىشانى قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇنىڭدا ئوخشاشلا روشەن خەلقچىل مەيدان ئەكس ئەتكەن، خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت مۇجەسسەملەنگەن، ئامما بۇنىڭدىن چىن قەلبىدىن ئىللىقلىق ھېس قىلدى.
  ۋەكىل فۇ چۈنلى مۇنداق دېدى: دوكلاتتا خەلقنىڭ ساغلاملىقى مىللەتنىڭ گۈللەنگەنلىكى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تاپقانلىقىنىڭ مۇھىم بەلگىسى، پۇقرالار ساغلاملىقى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنى ئەتراپلىق، تولۇق دەۋرىيلىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. مېنىڭچە، ئاپتونوم رايوننىڭ توققۇز چوڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىدىكى داۋالاش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ساغلام جۇڭگو ئىستراتېگىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. ھەر قېتىم پۇقرالارغا ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشكە قاتنىشىشنى ئۇقتۇرغىنىمدا، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدىن، قىلغان سۆزلىرىدىن ئاپتونوم رايون يولغا قويغان بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ھەقىقەتەن قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن.
  ۋەكىل لى نىڭپىڭ مۇنداق دېدى: دوكلاتتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇلۇغ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، دەپ كۆرسىتىلدى. قەشقەر ۋىلايىتى بۇ يىلدىن باشلاپ «قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئۈچ يىللىق پىلانى (2017- يىلىدىن 2019- يىلىغىچە)»ياخشى يولغا قويۇپلا قالماي، ئىچكى قىسىمدىن ئىش ئورنى تېپىش بىلەن سىرتقا چىقىرىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە بىر تۈركۈمىنى ئەۋەتىش، يەرلىك كارخانىلار بىر تۈركۈمىنى قوبۇل قىلىش، بىر تۈركۈمى قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە قاتنىشىش، شىنجاڭنىڭ جاي- جايلىرىدىكى كارخانىلارغا بىر تۈركۈمىنى چىقىرىش، مالىيە ياردىمى ئارقىلىق بىر تۈركۈمىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش قاتارلىق بەش خىل يول ئارقىلىق ھازىرغىچە 94 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردۇق. ۋەكىل لى نىڭپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قەشقەر ۋىلايىتى بۇنىڭدىن كېيىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ۋە مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەمگەكچىلەرنىڭ مۇقىم بولۇشى، تۇرۇپ قېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى تېپىپ، بولۇپمۇ ھەمراھ زاۋۇت قاتارلىق ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كارخانىلارنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ يېقىن ئەتراپتا تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
  ۋەكىل گۈلزىنات توقۇن مۇنداق دېدى: دوكلاتتا شەھەر- يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش، يەسلى مائارىپى، ئالاھىدە مائارىپ ۋە تور مائارىپىنى ياخشى يولغا قويۇش، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش، تىرىشىپ ھەر بىر بالىنى ئادىل، سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم نىشانغا شىنجاڭ ئاللىبۇرۇن يەتتى! جەنۇبىي شىنجاڭدا ئومۇميۈزلۈك 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ يولغا قويۇلدى، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن 4400دىن كۆپرەك يەسلى سېلىندى، يېزا- قىشلاقلاردىكى نۇرغۇن بالا شەھەردىكى بالىلارغا ئوخشاش مائارىپ ئادىللىقىنىڭ نۇرىدىن بەھرىلەندى. گۈلزىنات توقۇننىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچ يىل بۇرۇن، ئۇ ئىشلەۋاتقان ئاقچى ناھىيەلىك 3- يەسلىدە 320 بالا بار ئىكەن، ھازىر 400دىن ئېشىپتۇ، «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى ئون نەچچىدىن 28گە كۆپىيىپتۇ، بالىلارنىڭ ھەممىسى دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە ئامراق ئىكەن.
    مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىمىز
  دوكلاتتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى چىڭىتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش كېرەك، دەپ كۆرسىتىلدى. ۋەكىللەر مۇنداق دەپ قارىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىنىڭ ئۇل تېشى. بىز ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىناق ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇشىمىز كېرەك.
  ۋەكىل روشەنگۈل توختى مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى ھاۋا، قۇياش نۇرىغا ئوخشاش ھەر بىر شىنجاڭلىقنىڭ تۇرمۇشىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىبىي قىسمىغا ئايلاندى.
  ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ۋەكىل روشەنگۈل توختى تۇرۇشلۇق ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)ئوتتۇرا ئاسىيا جەنۇبىي يولى كوچا باشقارمىسى «گۇاڭجۇ» كوچىسى مەھەللىسى تېخىمۇ قاينام- تاشقىنلىققا چۆمدى. روشەنگۈل توختىنىڭ ئېيتىشىچە، «گۇاڭجۇ» كوچىسى مەھەللىسىدە خەنزۇ، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، قازاق قاتارلىق توققۇز مىللەتتىن بولغان 1395 ئائىلىلىك بار ئىكەن. مەھەللە ئاھالە كومىتېتى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، «سىرتقا چىقىش»، «تەكلىپ قىلىش» پىرىنسىپىغا ئاساسەن، «گۇاڭجۇ» كوچىسى مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى بىلەن قوشنا مەھەللە «يۇڭمۇ» مەھەللە پارتىيە ياچېيكىسى قوشماقلىشىپ ئورتاق قۇرۇپ، ئىككى مەھەللە ئارىسىدا كۆۋرۈك ئورنىتىپ، «ئەھۋال بولسا ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، خىزمەتتە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، پائالىيەت ئارقىلىق بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش»كە كاپالەتلىك قىلدى، ئىككى مەھەللىدىكى ئاھالىلەر تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، ئۆزئارا ياردەملىشىپ، دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى.
  ۋەكىل روزىمەمەت باقى مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى ئارقىلىق، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ۋە زور رولىنى تونۇتۇش، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىشىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقى، ھەر مىللەت ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغاندىلا، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش كېرەك. روزىمەمەت باقى خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: قاراماي شەھىرىدە بارلىق ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەر مىللىي- خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ بولدى، ھەر مىللەت كىچىك دوستلار كىچىكىدىن باشلاپ بىللە ئويناپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىللە ئۆسۈپ يېتىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقى ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى