قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشىمىز

2017-10-21 19:28:14     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 
پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش كېرەك.   شىنجاڭدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتە. بۇ پائالىيەت قانات يايدۇرۇلغان بىر يىل مابەينىدە، مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشقان جانلىق كۆرۈنۈشلەر شىنجاڭنىڭ جاي- جايلىرىدا نامايان بولدى.

          19- قۇرۇلتاي ھەققىدە زىيارەت . ۋەكىللەرنىڭ ساداسى      «مەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەن تۇغقان بولدۇم»              سۆزلەپ بەرگۈچى: ۋەكىل ليۇ جىخۇەي   

مېنىڭچە، ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى دەل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تۇتقا.   بۇلتۇر ئاپتونوم رايون «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، قومۇل كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىمىزدىكى 329 ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇشقا قاتناشتى، مەكتەپتىكى 3000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تولۇق قاپلاشمۇ ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىلار، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى- خىزمەتچىلەر تۇغقان بولۇشتى، بەزىلەر ھەتتا بىر نەچچە ئائىلە بىلەن تۇغقانلاشتى. بېرىش- كېلىش قىلىش، ئۆزئارا يوقلاش جەريانىدا، كۆپچىلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى، دوستلۇقى كۈچەيدى، بىر- بىرىگە بولغان مۇھەببىتى چوڭقۇرلاشتى. ماڭا ئوخشاش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنىڭ ئەھمىيىتى تېخىمۇ زور بولدى، چۈنكى مېنىڭ شىنجاڭدىمۇ تۇغقىنىم بار بولدى.   مېنى بەك ھاياجانلاندۇرغىنى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، مەن قۇربان تۇلۇمنىڭ ئەۋلادى − مەلىكەم مەتتۇرسۇن بىلەن تۇغقان بولدۇم. مەلىكەم مەتتۇرسۇن قۇربان تۇلۇم تاغىنىڭ چوڭ قىزى توختىخان قۇرباننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ھازىر ئىنستىتۇتىمىزنىڭ ئېلېكتىر ئاپتوماتلاشتۇرۇش كەسپىنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇيدۇ. بۇ قىز مەن بىلەن تۇغقانلاشقاندىن كېيىن، مېنى سىرداش بىلىپ، ئىدىيەسىدە بىرەر تۈگۈن بولسا مېنى ئىزدەپ كېلىدىغان بولدى، مەنمۇ سەۋرچانلىق بىلەن تەربىيە بېرىپ يېتەكلىدىم. ئادەتتە، ئۇنىڭ بىلەن بىللە مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يەيمەن، ئۇ سىنىپىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىدۇ، ھېيت- بايراملاردا ئۇنى يوقلاپ تۇرىمەن. شۇنداق قىلىپ مەلىكەم مەتتۇرسۇن بىلەن يېقىن سىرداشلاردىن بولۇپ قالدىم.   تۇغقان بولغان ئىكەنمىز پات- پات بېرىش- كېلىش قىلىپ تۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە خوتۇنۇم بىلەن مەلىكەم مەتتۇرسۇننىڭ يۇرتى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ شەنبەبازار بازىرى ئورۇقچىلىق مەيدانى كەنتىگە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدۇق. بىز قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇق، يەنە توختىخان چوڭ ئانىنىڭ قۇربان تۇلۇم تاغا ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇق. مەلىكەم مەتتۇرسۇن ئۆيىمىزگە دائىم كېلىپ مېھمان بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى. مەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە، خېنەنگە بېرىپ مېھمان بولۇشىڭلارنىمۇ قارشى ئالىمىز، دېدىم. شۇنداق قىلىپ، مېھرىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ قالدۇق.   

(مۇخبىرىمىز لى ياڭ رەتلىگەن)    

 «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى چوقۇم بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك»           

  سۆزلەپ بەرگۈچى: ۋەكىل گۈلزىنات توقۇن  

 پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغان ۋاقتى دەل ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر يىللىقىغا توغرا كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا: «مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش كېرەك»، دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى. ئاز سانلىق مىللەت چېگرا رايونىدىن كەلگەن پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم.   مېنىڭ ئائىلەم ئالاھىدىرەك، مەن بۇ ئائىلىنى خەنزۇ مىللىتىدىن بولغان ئېرىم بىلەن بىللە قۇرغان. بىز تۇرمۇشتا ئۆزئارا ھۆرمەتلىشىمىز، ئۆزئارا چۈشىنىشىمىز، خىزمەتتە بىر- بىرىمىزنى قوللايمىز، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولىمىز، ئۆگىنىشتە ئورتاق ئىلگىرىلەيمىز، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىمىز.   مەن خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ئىزچىل يەسلىدە خىزمەت قىلدىم. بىزنىڭ يەسلىدە قىرغىز، خەنزۇ، ئۇيغۇر قاتارلىق ھەر مىللەتتىن بولغان 372 بالا بار. كۆپچىلىك بىللە ئۆگىنىپ، ئېجىل- ئىناق ئۆتىمىز. 2013- يىلى يەسلى باشلىقى بولغاندىن كېيىن، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى يەسلى خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتتۇم. مېنىڭچە، شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاق بولمىسا، مۇقىم ۋەزىيەت بولمايدۇ، ئەبەدىي ئەمىن بولغان جەمئىيەت تەرتىپىمۇ بولمايدۇ، خاتىرجەم ياشاشمۇ كاپالەتكە ئىگە بولمايدۇ. ھەر بىر كىشىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇتۇش ئۈچۈن، بۇ قائىدىلەرنى ئوقۇتقۇچىلارغا، بالىلارغا، ئاتا- ئانىلارغا تەكرار- تەكرار چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتىمەن.   بۇلتۇردىن بۇيان، بىزنىڭ يەسلى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، «ئۈچ كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقە باغلاش، بىرى بىلەن دوستلىشىش» باش تېما پائالىيىتىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك ئۆگىنىش- تەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇق. ھەممە كىشى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، دوستلىشىپ، ئالاقىلىشىپ، ئالماشتۇرۇپ، ئارىلىشىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى. بىز قەرەللىك ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى لېكسىيەسى ئۇيۇشتۇردۇق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە نۇتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىنى قانات يايدۇردۇق، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلارنى بىرلىكتە نومۇر كۆرسىتىشكە تەشكىللىدۇق، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغان ئائىلىلەر بىلەن «تۇغقىنىم بىلەن جەم بولدۇم» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدۇق. مەن باشلامچىلىق بىلەن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تۇغقان بولۇپ، ئۇلارغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلدۈم. ئوقۇتقۇچىلاردىن ئوقۇتۇش جەريانىدا، ھەر مىللەت بالىلىرىنىڭ بىللە ئوينىشى، بىللە ئۆگىنىشى، بىللە ئۆسۈپ يېتىلىشىكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى تېرىشىنى تەلەپ قىلدىم.   بىزنىڭ يەسلى ۋۇشى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەجرىبە يەسلىسى بىلەن نىشانلىق ياردەم بېرىش بويىچە قوشماقلاشقان يەسلى. بەش يىلدىن بۇيان، ھەر يىلى قوشماقلاشقان يەسلى بىزنىڭ يەسلىدىن ۋەزىپە بىلەن ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچىلارنى قوبۇل قىلدى ھەم خىزمەت، تۇرمۇش جەھەتتە ياردەم بەردى ۋە كۆڭۈل بۆلدى. ئىچكىرىگە ۋەزىپە بىلەن ئۆگىنىشكە ئەۋەتىلگەن ھەر بىر ئوقۇتقۇچى ۋۇشى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەجرىبە يەسلىسىدىكى ئوقۇتقۇچىلار، بالىلار ۋە ئاتا- ئانىلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، ئۇلار قايتىدىغان چاغدا، ئۆزئارا كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى جەزمەن بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىگىلى بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ.   (مۇخبىرىمىز ياۋ تۇڭ رەتلىگەن)

  

   پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 10- ئاينىڭ 19- كۈنى دوكلاتنى مۇزاكىرە قىلدى.   

  سۈرەتتە: ۋەكىل گۈلزىنات توقۇن (ئوتتۇرىدا) سۆز قىلماقتا

(مۇخبىرىمىز سۈي جىجيەن فوتوسى)
  

  19- قۇرۇلتاي ھەققىدە زىيارەت . يىغىن سىرتىدىكى زىيارەت     «بۇنداق ياخشى تۇغقاننى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن»   سۆزلەپ بەرگۈچى: ئەلى جېلىل، ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچىپو تەۋەلىك رايونىدىن، دېھقان  مەن تۇغقىنىم − ئاقسۇ شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى جاۋ پېڭنىڭ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە قىلغان ياردىمى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرەي. بۇ يىل 2- ئاينىڭ 15- كۈنى جاۋ پېڭ تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ئائىلىمىزگە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغىلى كەلدى. ئەينى چاغدا، ئۇ ماڭا بىر ئالاقىلىشىش كارتىسى بەردى، كارتىدا ئۇنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرى ۋە چىن كۆڭلۈمدىن سىز بىلەن دوست، تۇغقان بولدۇم؛ سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىزنى ھەل قىلىشىڭىزغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن، دېگەن بىر قۇر خەت بار ئىدى. بۇلارنى كۆرۈپ، ناھايىتى ئىللىقلىق ھېس قىلدىم.  بۇلتۇر 11- ئايدا، چوڭ ئوغلۇم نۇر ئەلى توكسىكلىت مىنىپ كېتىۋېتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ كېتىپ، پۇتى سۇنۇپ كەتكەنىدى، بۇ يىل 7- ئايدا ئوغلۇمنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ، ئىلگىرى سالغان پولات تاختىنى ئېلىۋېتىدىغان چاغدا، ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا پۇلىمىز يەتمىدى. جاۋ پىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ماڭا: بىز دېگەن تۇغقان، قىيىنچىلىقىڭلار بولسا ماڭا دەڭلار، ئوپېراتسىيە ھەققىدىن غەم قىلمىساڭلارمۇ بولىدۇ، دېدى. ئۇ ئەتىسىلا شەھەردىكى دوختۇرخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئوغلۇمنى ئوڭۇشلۇق ئوپېراتسىيە قىلدۇردى ۋە 4000 يۈەنگە يېقىن ئوپېراتسىيە ھەققىنى ھەل قىلىپ بەردى. ئوغلۇم ساقايغاندىن كېيىن، جاۋ پېڭ ئۇنىڭ كەسپىي مەكتەپلەرگە بېرىپ ھۈنەر ئۆگەنگۈسى بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنى ناھايىتى قوللىدى، ھەمدە بىزگە دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇيالمىغان، نامرات ئائىلىلەردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرگە ئالاھىدە ياردەم بېرىش سىياسىتى بارلىقىنى، ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايلا قالماي، يەنە ياردەمگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. ئارقىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا ئوغلۇمنىڭ شىنجاڭ تەمىنات- سودا مەكتىپىدە ئاشپەزلىك كەسپىنى ئۆگىنىشىنى ئالاقىلىشىپ بەردى.  بىزنىڭ ئالتە مو ئالمىلىق بېغىمىز بار. جاۋ پېڭ ئالمىلىرىمنى سېتىشىپ بېرىش ئۈچۈن، پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىپ خىزمەتداشلىرى، ھەرقايسى جايلاردىكى دوستلىرى بىلەن ئالاقىلاشتى، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى تەسىرلەندۇق.  جاۋ پېڭ ماڭا دائىم دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇشنى، چوقۇم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشنى تەكىتلەپ تۇرىدۇ. مەن بۇ سۆزلەرنى ئېسىمدە مەھكەم ساقلاپ، ئاھالە كومىتېتى ئورۇنلاشتۇرغان نۇرغۇن قېتىملىق دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش يىغىنلىرىدا لېكسىيە سۆزلىدىم. بۇ يىل 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مەن بىر قىزىل بايراقنى ئۆيۈمنىڭ ئۆگزىسىدىكى ئەڭ ئېگىز جايغا قادىدىم، مەن مانا مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، ۋەتەنگە مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۈم. چۈنكى مۇشۇنداق ياخشى تۇغقاننى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بىزگە ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن، ئۇلار بىزگە چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلگەن، ئۇلار بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز.  (مۇخبىرىمىز گەي يۇجۈن رەتلىگەن)    «مەن ئۇيغۇر ئانام بىلەن زىچ ئۇيۇشقان ئانارنىڭ دانىسىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتىمەن»  سۆزلەپ بەرگۈچى: ۋۇ شېڭخۇا، ئاپتونوم رايونلۇق قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش- قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى  10- ئاينىڭ 20- كۈنى مەن يەنە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى توپىلاڭجىران كەنتىگە بېرىپ ئۇيغۇر ئانام گۈلنىساخاننى يوقلىدىم. ئۇنىڭ كەنت ئېغىزىدا تۇرۇپ مېنى ساقلاۋاتقان ھالىتى ھېلىھەم ئېسىمدە.  «ئانام» بىلەن بولغان رىشتىمىز 2015- يىلى 3- ئايدىن باشلانغان. ئەينى چاغدا مەن ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلنى مايىل قىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش» بويىچە ئىككىنچى تۈركۈمدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، توپىلاڭجىران كەنتىگە كەلگەنىدىم.  كەنتتىكى 69 ياشلىق ئىگە- چاقىسىز موماي گۈلنىساخان دائىم بىزنى يوقلاپ، كۆكتات تېرىشنى ئۆگىتەتتى، كۆك ئېلىپ كېلىپ ئۆز قولى بىلەن بىزگە تۈگۈر تۈگۈپ بېرەتتى، ئۆزى يېيىشكە قىيمىغان تۇخۇملارنى بىزگە ئەكىلىپ بېرەتتى، مەن ئاغرىپ قالغاندا ماڭا ھەسەل سۈيى تەڭشەپ ئىچكۈزەتتى... مەن ئۇنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئاددىي كۆۋرۈك سېلىپ بەردىم، ئارقا ھويلىسىدىكى ئۈچ مو يېرىگە بېلىق كۆلچىكى كولاپ، 100 كىلوگىرام بېلىجان سېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ بېلىقچىلىق ئارقىلىق كىرىمىنى كۆپەيتىشىگە ياردەم قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مېنىڭدەك بىر خەنزۇ «بالا»نى ئوغۇل قىلىۋېلىپ، ماڭا «ئوسمانجان» دەپ ئىسىم قويۇپ قويدى.  ئاپتونوم رايون بۇلتۇر «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، مەن «ئانام» بىلەن يەنە قوشماقلىشىپ تۇغقان بولدۇم. مەن ئانام ۋە خوتۇن- بالىلىرىم بىلەن بىللە گۈلنىساخان ئانامنى يوقلاپ باردىم. بۇ يىل 1- ئايدا، «ئانام» دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، دەرھال ئۇنى يوقلاپ كەلدىم. 4- ئايدا يەنە تۇغقان يوقلىغىلى بارغاندا، قۇرۇلۇش ئەترىتىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ «ئانام»نىڭ ئەمىن ئۆي سېلىشىغا ياردەملىشىپ، ئۆينىڭ ئۇلىنى قوپۇرۇپ بولغاندا ئاندىن قايتتىم. «ئانام» 9- ئاينىڭ ئاخىرى يېڭىدىن تەگكەن ئېرى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ، مېھمان بولۇپ كەتتى...  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى ئارقىلىق قوشماقلاشقان تۇغقىنىم بىلەن بارغانسېرى يېقىنلىشىپ ئۆز بولۇپ كەتتۇق. پائالىيەتنىڭ داۋاملىق چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دېگەنىدى. مەن ئۇيغۇر ئانام بىلەن ھەقىقەتەنمۇ زىچ ئۇيۇشقان ئانارنىڭ دانىسىدەك يېقىن ئۆتۈۋاتىمەن.  (مۇخبىرىمىز شى شىن رەتلىگەن)
   19- قۇرۇلتاي ھەققىدە زىيارەت . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى  مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى مىللەت- دىن نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش- تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ دوتسېنتى گو يىخەي  «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىشنى كۈندىلىك تۇرمۇشتىن، كونكرېت ئىشلاردىن باشلاپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرى بىلەن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەت، ئۆگىنىش جەريانىدا دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى. ئائىلىلەرگىچە كىرىپ، شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول، ئويۇن شەكلىدىكى تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ بېجىرىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان، ھازىر بېجىرەلەيدىغان ئەمەلىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىغا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇشىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ئاممىۋى ئاساسى ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلىدى.  بىر يىلدىن بۇيانقى جانلىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى كۈچلۈك تۇتقا ۋە ئۈنۈملۈك يول، مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، ئارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە.  بىز «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى