ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

يېڭى ئىدىيەنى يېتەكچى قىلىپ، ئۇلۇغ يېڭى سەپەرگە ئاتلىنايلى

2017-10-22 19:02:03     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگەندى ۋە قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى

 
  دەۋر ئىدىيەنىڭ ئانىسى، ئەمەلىيەت نەزەرىيەنىڭ مەنبەسى. جۇڭگونىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ياسىيالىشى، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى، يېڭى دەۋرگە قەدەم قويالىشىدىكى ئاچقۇچ يېڭى ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكى بولغانلىقىدا. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئەڭ چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە مۇۋەپپەقىيەت، شۇنداقلا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ روھىي ماھىيىتى، مول مەزمۇنىنى تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشىمىز.
            ئىدىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچىنى نامايان قىلىمىز
  ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر دولقۇن توختى مۇنداق دېدى: ئىدىيە ھەرىكەتنىڭ قىبلىنەماسى، نەزەرىيە ئەمەلىيەتنىڭ يېتەكچىسى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزم- لېنىنىزمنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتىكى يەنە بىر قېتىملىق تارىخىي سەكرەش. دەل مۇشۇ يېڭى ئىدىيە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى بۇرچىنى مۇجەسسەملىدى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېڭى سەپىرىنى باشلىدى.
  «شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى پارتىيەمىزنىڭ ئۇلۇغ ئىجادچانلىقىنى كۈچلۈك نامايان قىلىپ بەردى». ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋ مۇنداق قارىدى: چوڭ تەرەپتىن ئېيتقاندا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسيالىزمى ئىدىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەت قىبلىنەماسى؛ كىچىك تەرەپتىن ئېيتقاندا، ھەممىمىزنىڭ گۈزەل، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.
  ئاساسىي قاتلامدىكى نۇرغۇن كادىر يۇرتىدىكى بەش يىلدىن بۇيانقى تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلەر ئۈستىدە توختىلىپ بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدىن بولدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەرچى يېزىسى ئۇرۇقچىلىق يۇقارقى كۆكباش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى تۇنىياز باقى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقان ھەر بىر جۈملە سۆزنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ناھايىتى روھلاندىم ۋە ھاياجانلاندىم. 2012 - يىلى كەنتىمىزنىڭ كىشى بېشى كىرىمى 9800 نەچچە يۈەن ئىدى، بۇلتۇر 16 مىڭ 321 يۈەنگە يەتتى، كۆپچىلىكنىڭ كۈنلىرى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇلارنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈردۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دوكلاتى ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى.
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇنىۋېرسال باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دىڭ نىڭ مۇنداق قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، 21- ئەسىردىكى جۇڭگودا ماركسىزمنىڭ شانلىق ئەمەلىيىتى ئۆز نۆۋىتىدە تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھەقىقەت كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغانلىق يېڭى ھۆكۈمىنى، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسلىق زىددىيەتنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىدەك يېڭى ئالاھىدىلىكنى، ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى نىشانىنى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنى ئالغا سىجىلىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك.
             ئۇلۇغ ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىمىز
  يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى سەپەرگە ئاتلىنىش يېڭى ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىگە موھتاج. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيە سىستېمىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى گو تەيشەن مۇنداق قارىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «سەككىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى شەرھلىدى، «ئۈچ مىسلىسىز» ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئورنىنى بېكىتتى، «14تە چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى تەدبىرىنى شەكىللەندۈردى، «ئىككى باسقۇچ»قا بۆلۈش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش، ئاندىن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش» يېڭى سەپىرىنى باشلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ئۇلۇغ كۈرەشنى ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇشلارنى قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى يول باشلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتەك غايەت زور رولىنى جارى قىلدۇردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.
  «ئاساسىي قاتلامغا بارغانسېرى ئىلغار نەزەرىيەنىڭ كونكرېت خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى شۇنچە ھېس قىلغىلى بولىدۇ». ئارشاڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇكا مۇنداق قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش − باش نىشانغا يېتىشنىڭ ئاچقۇچى. دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ يادرونى زىچ چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىمىز؛ جەمئىيەتتىكى بارلىق كۈچنى داۋاملىق سەپەرۋەر قىلىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2020- يىلىغا بارغاندا ھازىرقى ئۆلچەم بويىچە ناھىيەمىز يېزىلىرىدىكى نامرات ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا، نامرات كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز؛ يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئارشاڭ ناھىيەسىنى تىرىشىپ ئېكولوگىيەسى ياخشى رايونغا، ساياھەت مەنزىرىگاھى ۋە كۈتۈنۈش ماكانىغا ئايلاندۇرىمىز.
  لياڭ چاۋ مۇنداق دېدى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا سىڭدۈرۈلگەن، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش دوكلاتتا قويۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مائارىپ خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نەزەرىيەۋى قاراش، ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيە، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئىسلاھات- تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، پارتىيە ۋە خەلق رازى بولىدىغان مائارىپ بەرپا قىلىدۇ.
  بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن شىگۇي مۇنداق قارىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى ئەستە مەھكەم ساقلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەتلىك ۋە ياراملىق بولۇشىمىز كېرەك. بىز جەزمەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، «تۆت ئاڭ»نى خىزمەت ئورنىمىزدا، ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم- كوتسىز ئىجرا قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، تەلەپچان ۋە راستچىل بولۇش ئىستىلىمىز بىلەن خىزمەتلەرنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلىشىمىز، ئامما بىلەن تەڭ ئىشلىشىمىز كېرەك.
           جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىمىز
  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ چۈەنشەن مۇنداق قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئېيتقان «بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق دەۋردىكىدىن بەكرەك يېقىنلاشتۇق» دېگەن سۆزىنىڭ ۋەزنى تولىمۇ ئېغىر. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىنى يېڭى مەنزىلگە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەم باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، توغرا ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىدە پارتىيەنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسى يۈكلەنگەن پاراخوتنى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىتىپ، شانلىق قىرغاققا غەلىبىلىك يۈرۈش قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە مەكتىپى خىزمەتچىسى، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيە خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، كادىرلارنىڭ غەيرىتىنى ئاشۇرۇپ، ئاۋامنى چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
  دولقۇن توختى مۇنداق دېدى: ھازىر، ئۇلۇغ دەۋر بىزنى گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىرماقتا. ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، غايە- ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، زېھىن ۋە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت، تۇراقلىق مۈلۈك، نۇقتىلىق تۈر، ئىجتىمائىي تەرەققىيات، باھا باشقۇرۇش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئېنېرگىيە بايلىقى، يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك خىزمەت نىشانلىرىنى سۈپەتلىك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
  ئۈرۈمچى تاموژنىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، تاموژنا باشلىقى جاۋ گې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ نۇقتىلىق ئىسلاھات تۈرلىرىنى شىنجاڭدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە كېڭەيتىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. «ئۈچ ئۆزئارا» راۋانلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر كۆزنەك»نىڭ تاموژنا رايونى، پورتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ تاموژنا رايونىنىڭ «ئىككى سۇپا، تۆت مەركەز» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش؛ شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل شەكىلدىكى ئۇلانما تىرانسپورت تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، غەربكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ شىنجاڭدىكى مەركەزلىك گۇرۇپپىلاش، مەركەزلىك توشۇش كەسپى سىنىقىنى تېزلىتىش؛ شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىسىدا بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسىنىڭ تېز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئۈرۈمچى تاموژنىسى مەركەز ۋە تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ.
  تۇنىياز باقى مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ بەختلىك، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشكە ئىشەنچىمىز كامىل. يېقىندا، بىز كەنتنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدۇق، بۇ، قانداق قىلغاندا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك زامانىۋى پەن- تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ باغ- ئورمان پەرۋىشىنى كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟ ھويلا- ئاران ئىگىلىكىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ؟ دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەنت پارتىيە ياچېيكىسى كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى ئۇرۇقچىلىق يۇقىرىقى كۆكباش كەنتىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، مېۋە بەرگۈزىدۇ.
  شېن شىگۇي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يېتەكچى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلەيمىز؛ ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىناق- ئىتتىپاق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز!
  (مۇخبىرلىرىمىز فەن خۇڭيى، شى شىن، جاۋ شىيا، چېن چياڭۋېي، گې يۇجۈن، دۇڭ لياڭ، جاڭ تىڭ ، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز چېن ۋەنلۇ، لۈ نا)

 
    يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىڭتۈەن 10- شى 101- تۈەنى كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، ھەممە ئائىلىنى 19- قۇرۇلتاي روھىدىن خەۋەردار قىلدى. سۈرەتتە: تۈەننىڭ نەزەرىيە تەشۋىقاتچىسى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى ئېتىز بېشىدا ئىشچى- خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئۆگەنمەكتە. (شىنجاڭ سۈرەتلەر ئامبىرىدىن ۋېي شىنجياڭ فوتوسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى