قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

روھنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نەتىجە يارىتايلى

2017-10-23 20:02:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

 ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونى غالىبىيەت يولى تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى ياڭماۋخۇ مەھەللە ئاھالە كومىتېتىدىكى ئاھالىلەر 10- ئاينىڭ 20- كۈنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتى توغرىسىدا قىزغىن پىكىرلەشمەكتە. (مۇخبىرىمىز ئۆتكۈر نىجات فوتوسى)
  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، ئورۇنلار ھەر مىللەت ئاممىسىنى 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئۆگىنىشكە تېزدىن تەشكىللىدى. جايلار، ئورۇنلاردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 19- قۇرۇلتاي روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى نەتىجە يارىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشىدىغانلىقىنى بەس- بەستە بىلدۈردى.
           ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى:
   «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش كېرەك
  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 10- ئاينىڭ 20- كۈنى چۈشتىن كېيىن مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىرلارغا يىغىن ئېچىپ، 19- قۇرۇلتاي دوكلاتىنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى مەركەزلىك يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئورگاندىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى بىلەن كاللىسىنى تېخىمۇ ياخشى قوراللاندۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتكە يېتەكچى قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
  كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ ئىبارىلىرى جانلىق، يىراقنى كۆرەرلىككە ئىگە، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇ دوكلات جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، داۋاملىق ئىلگىرىلەيدىغان سىياسىي خىتابنامىسى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى يۈرۈش قىلىش بۇرغىسى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلاش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى.
  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: كومىتېتتىكى پارتىيە باش ياچېيكىلىرى، پارتىيە ياچېيكىلىرى، ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىلىرى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا تېزدىن تەشكىللىشى كېرەك. بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋەزىيەت توغرىسىدىكى تەھلىل- ھۆكۈمى ۋە قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، چۈشىنىپ ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ئەتراپلىق ئىگىلىشى؛ پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىشى؛ بايرىقى روشەن ھالدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى، كېڭەيتىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشكە يەنىمۇ كۈچەپ، قەتئىي ئىرادە ۋە غەيرەتنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، ئېگىلمەس- سۇنماس روھ بىلەن، چىڭ تۇرۇش جەريانىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى؛ بازغان سوققۇچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ ئىدىيە- سىياسىي سەۋىيەسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قوشۇننى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك.
                 شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى:
    مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، شىنجاڭ ھەققىدىكى ھېكايىنى ياخشى سۆزلەش كېرەك
  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى 10- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن كېيىن 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدىكى بىر قىسىم پارتىيەلىك كادىرلار، سەنئەتكارلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا كۆپچىلىك بەس- بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 19- قۇرۇلتاي دوكلاتى كىشىلەر قەلبىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش بۇرغىسىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تارىخىي مەسئۇلىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى روھىنى يېتەكچى قىلىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز خىزمىتىمىزگە پۇختا بولۇپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمىتىدە ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىمىز.
  شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئەنۋەر سەمەت مۇنداق دېدى: بىز ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك رايون قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئۆتكەن بەش يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى، بولۇپمۇ پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى چوڭقۇر تونۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى قەتئىي كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بۇنىڭدىن كېيىن، بىز 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتى، ئىشلەپچىقىرىش، تارقىتىش، باھالاش قاتارلىق پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى