قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇر

2017-11-01 12:29:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېسىل خىسلەت ۋە گۈزەل ئەخلاق- پەزىلەتلەرنىڭ بىرى.
بىر تامچە سۇ پەقەت پايانسىز دېڭىز، دولقۇنلۇق دەريا -ئېقىنلىرىغا قوشۇلغاندىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىغانغا ئوخشاش، ئادەملەرمۇ يالغۇزلۇق، يەككە-يېگانىلىق بىلەن ئەمەس، جەمئىيەت قايناملىرىدا كىشىلەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. شۇڭا ئادەم ياشاش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ھەرخىل ياردىمىگە، قوللاش، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش، تەقدىم قىلىشلىرىغا موھتاج بولۇپ تۇرىدۇ.
دۇنيا ئىللىقلىققا تولغان، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە جەمئىيەت مېھىر - مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ياخشىلىق، ياردەم بېرىش، كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ تەسىرلىك كۈيلىرى ياڭراپ، قەلبىمىزنى تەسىرات ۋە ھاياجانلىق ھېسلىرىنىڭ سۈيى بىلەن قاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، كېسەل ئازابىدا ئېڭىراۋاتقانلارغا ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىپ باشقىلارغا يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلىپ ئېسىل خىسلىتىنى نامايان قىلىۋاتقانلارنى كۆرىمىز. مېنىڭچە بۇلار ھەقىقىي مېھىر - مۇھەببەتلىك كىشىلەردۇر.
مىننەتدارلىقنى بىلمەسلىك، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر - مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشنى، شۇنىڭدەك بىر-بىرسىدىن نارازى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئەۋج ئالدۇرۈشنىڭ، مىننەتدارلىق تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ ئادىمىيلىك ۋە ئەخلاق - پەزىلەت تەربىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر -مۇھەببەتنى كۈچەيتكىلى، ئۇلارغا دۇنيانىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتقىلى، شۇنداقلا ئېلىشنىلا بىلىپ بېرىشنى، تەقدىم قىلىشنى بىلمەيدىغان خاھىشنى ئۆزگەرتكىلى، ئورۇنسىز رەنجىش ۋە ئاغرىنىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ.
شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مىننەتدارلىقنى بىلگەن كىشىنىڭ قەلبى چوقۇم مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ. ھەممىمىزنىڭ قەلبى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا، مېھىر- مۇھەببەتكە تولسۇن!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى