قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى قانداق ئېلىنىدۇ؟

2017-11-02 18:09:20     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

بۇ قېتىمقى ئىمتىھاننىڭ ئاممىۋى پەن يېزىقچە ئىمتىھانى12-ئاينىڭ10-كۈنى ئېلىنىدىغان بولۇپ، مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە بەزى چوڭ شەھەرلەردە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىنىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھاندا، بىر قىسىم خىزمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىمتىھانىدا ئاممىۋى پەن تۈرى بويىچە ئىمتىھان ئېلىنغاندىن سىرت، يەنە «2+X» ئىمتىھان شەكلى بويىچە كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش، مۇھاكىمە ۋە باياندىن ئىبارەت ئىككى ئاممىۋى پەندىن ئىمتىھان ئېلىنىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر يەنە بىر تۇتاش كەسپىي پەن ئىمتىھان ياكى چەت ئەل تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئالاقە بۆلۈمى، مەركىزىي تەرجىمە - تەھرىرلىك ئىدارىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىدىكى ياپون تىلى، فىرانسۇز تىلى، رۇس تىلى قاتارلىق سەككىز خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلار يەنە چەت ئەل تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىغا، جۇڭگو ئاكسىيە نازارەتچىلىكى كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىدىكى ئالاھىدە كەسىپ ئورۇنلىرىغا، ج خ ئورگىنىنىڭ خەلق ساقچىسىلىق خىزمەت ئورنىغا تىزىملاتقانلار يەنە كەسپىي پەن ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى