ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا بەرگەن خىزمەت دوكلاتى

2017-11-04 22:07:32     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

(2017- يىلى 10- ئاينىڭ 24- كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە 18- قۇرۇلتىيى ۋە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3- ، 4- ، 5- ، 6- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى زىچ چۆرىدەپ، مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى. ھازىر بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت ئەھۋالىمىز ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرگە دائىر تەكلىپلىرىمىزنى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك 19- قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىمىز، تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىشىڭلارنى سورايمىز.
                        1. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى خىزمەتلەرگە نەزەر
  18- قۇرۇلتايدا «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى بەلگىلەنگەندىن كېيىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرى ئېچىلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۈچلۈك تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى، كۈچلۈك كۈلپەت ئېڭى، قەيسەر ئىرادىسى ۋە خىسلىتى بىلەن پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى، بۇنىڭ بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر يارىتىلدى.
  (1) پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەۋقەنى مەركىزىي ۋەزىپىگە، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشكە قويۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇشتىن كەسكىن، چىڭ، قاتتىق بولۇشقا ئۆتۈشكە تۈرتكە بولدۇق
  «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، نىشان- ۋەزىپىنى توغرا ئىگىلىدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقى، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش سىنىقى، بازار ئىگىلىكى سىنىقى، تاشقى مۇھىت سىنىقى ۋە روھىي بوشاڭلىق خەۋپى، ئىقتىدارسىزلىق خەۋپى، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپى، پاسسىپلىق- چىرىكلىك خەۋپىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ ۋە كەسكىنلىكىنى، ئەڭ نېگىزلىك خەۋپ ۋە خىرىسنىڭ پارتىيە ئىچىدىن كېلىدىغانلىقىنى، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىسىنىڭ پارتىيە ئورگانىزمىنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتىدىغانلىقىنى چوڭقۇر كۆرۈپ يەتتى. شۇڭا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى مىسلىسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا ۋە ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بايراقنىڭ يېتەكچىلىك يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى نىشان- ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھادىسىدىن تۈزەش ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەش ئۈچۈن ۋاقىت ۋە ئەلرايىنى ئۇتۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.
  مەسئۇلىيەت دائىرىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتتۇق. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش دېگەن ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلىدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە نىزامنامىسىنى ئوقۇش ۋە تەتقىق قىلىشنى بىرىنچى دەرس قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى، پارتىيەنىڭ ئىنتىزامى ۋە قائىدىسىنى چىڭىتىش، كۆزىتىش خىزمىتى، شۇنىڭدەك تاشقى ئىشلار پائالىيىتىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە دائىر بايانلىرىنى ئۆگىنىش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن، شۇ بايانلاردىن تەرمىلەرنى تەھرىرلەپ نەشر قىلىپ، «ئۆگىنىش، پىكىر قىلىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈش» ناملىق مەخسۇس سەھىپە تەسىس قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ روھىنى چىڭ ئىگىلەپ، مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى توغرا ئىگىلەپ، فۇنكسىيە، ئۇسۇل ۋە ئىستىلنى ئۆزگەرتتى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى كېڭىشىش- ماسلاشتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان ئاپپاراتىنى 125تىن 14كە قىسقارتتى، ئىشتاتنى كۆپەيتمەسلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىش ئاساسىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنى سەككىزدىن 12گە كۆپەيتتى؛ ئۆلكە دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارەت(ئىدارە)لىرىمۇ كېڭىشىش- ماسلاشتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان ئاپپاراتىنى 4619دىن 460قا قىسقارتىپ، كۈچىنى ئاساسىي مەسئۇلىيەت ۋە ئاساسىي ئىشلارغا مەركەزلەشتۈردى. 3- ئومۇمىي يىغىننىڭ قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمنى يېڭىلاپ، كۆزىتىش ۋە ۋاكالەت نازارەتچىلىكى بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىلگىرى سۈردۇق. 4- ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇپ، نازارەت قىلىش- ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى تەتبىقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرى قۇرۇلۇشىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەتتۇق. 5- ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشى بىلەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا ئىگىلەپ، مەزمۇنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئايرىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى كۈچەيتتۇق.
  پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان مەخسۇس ئورگانغا خاس رولىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق. پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىز بولۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماي تاشلاپ قويۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا كۈچ چىقارماسلىق، پارتىيە ھەققىدىكى قاراش ئاجىز بولۇش، تەشكىلى چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئىنتىزام بوش بولۇش، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنىڭ چىڭ ۋە ساغلام بولمىغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ. 6- ئومۇمىي يىغىندا مەۋقە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشكە قويۇلۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يېڭى پەللىدىن ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىش بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىر قانچە مىزان، پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى نىزامى، كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش نىزامى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش ئەھۋالى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.
  (2) مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، پارتىيە رايى ۋە ئەلرايىنى ئۇتتۇق
  تېيىزدىن چوڭقۇرغا، ئاساندىن قىيىنغا ئۆتۈپ، تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك جاسارەت بىلەن ئىشلىدۇق. 18- قۇرۇلتايدىن كېيىن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ قائىدە چىقىرىشى بىلەن باشلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىشنىڭ ئېپىنى تاپتۇق، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۆزى ئۈلگە بولدى، پۈتۈن پارتىيە ئىنتىزام ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، بوشاشماي تىرىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەتتى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ھۆكۈمەت پۇلى ھېسابىغا بولۇشىغا يەپ- ئىچىش، ساياھەت قىلىش، سوۋغات بېرىش قاتارلىق ھەشەمەتچىلىك ئىستىلىنى تۈزەشنى تۇتقا قىلىپ، دىققەتنى ھۆكۈمەت پۇلىغا ئايتوقاچ، ئاتكرىتكا، پوجاڭزا- ساليوت سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىمۇ نۇقتا تۇتۇپ، يىلمۇيىل ئىشلەپ، كونكرېت مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىستىلدا ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولدى. پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتىدە ئاز ساندىكى رەھبىرىي كادىرلاردىكى تەربىيەلەش مەركىزى، خۇسۇسىي ئارامخانىلارغا سۇقۇنۇۋېلىپ ھەشەمەتچىلىك قىلىش، ئىشخانا ۋە ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ سەپلەش، توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراغ ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە پۇل- مال يىغىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق؛ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىشنى قالايمىقان قىلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يىغىننى يىغىن ئارقىلىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ھۆججەتنى ھۆججەت ئارقىلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىق خاھىشلىرىنى تۈزەتتۇق؛ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىدە پارتىيە نىزامنامىسى ئېڭى ئاجىز بولۇش، بىردەكلىك ئېڭى سۇس بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ئىدىيە، ئىستىل ۋە ئىنتىزام جەھەتتە يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۈردۇق.
  دائىم تۇتۇش، دائىملىق ئىشلارنى تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىنتىزامنى جەزمەن قاتتىق ئىجرا قىلىش كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتۇق. سىياسەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»نى چىڭ تۇتۇپ، 18- قۇرۇلتايدىن كېيىن، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىنمۇ قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيەلىك كادىرلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق. «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشتا دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىدا ئۆزىنى تەكشۈرتكۈزۈش، ئىسمىنى ئاتاپ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلاش يولىنى تۇتتۇق. يېڭى تاراتقۇ، يېڭى تېخنىكىنى قوللىنىپ، ئاشكارىلاش سۇپىسى بەرپا قىلىش، يان تېلېفوندا ھەر ۋاقىت سۈرەتكە تارتىپ يوللاش ۋە ئۈندىداردا يوللاش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاممىۋى نازارەتچىلىك تورىنى پۇختىلىدۇق. بەش يىلدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر 189 مىڭ مەسىلىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيەلىك كادىردىن 256 مىڭنى بىر تەرەپ قىلدى.
  تۈزۈم رامكىسىنى چىڭىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورناتتۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ خىزمەت- تۇرمۇش تەمىناتى، ئىقتىسادچىل بولۇپ ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش، دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمى قاتارلىقلار ھەققىدە ئېنىق قائىدە بېكىتتى. «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش تەلىپىنى يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا دائىر بىرنەچچە مىزان، پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى، پارتىيە ئىنتىزامى جازاسى نىزامى، جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش نىزامى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىغا كىرگۈزۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى تۈزۈم ئىجراسىنى نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىشنى چالا قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ قىلىش، كۈچلۈك ئىجرا قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈردى. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ياخشى پەزىلەت، ياخشى ئادەت، ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ياخشى پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق خەلق ئىستىلى ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتقا تۈرتكە بولدى.
  (3) پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەپ، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت ۋە نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدۇق
  پارتىيە ھەققىدىكى قاراشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھىنى ئۇرغۇتتۇق. پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە پارتكوم سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى رەھبىرىي يولداشلار چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز تارماقلىرى ۋە مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانا، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىپ، ئىشنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۆلۈم- كومىتېتلىرى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ئورۇنلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى پارتىيە- ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تەشكىلات، تەشۋىقات، بىرلىك سەپ، سىياسىي- قانۇن قاتارلىق خىزمەت تارماقلىرىغا ئايرىپ بېرىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى دائىملىق باشقۇرۇش- نازارەت قىلىش داۋامىدا نامايان قىلدى. مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى كۆزىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، پارتكوم شۇجىسىدىن كۆزىتىش خىزمىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قىلغان سۆزىدە ئابستراكت پىرىنسىپلار بىلەنلا پوزىتسىيە بىلدۈرمەستىن، نۇقتىلىق مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلدى.
  جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى كۈچەيتتۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، پارتىيە ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، تەكشۈرۈش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش، تەنبىھ بېرىش، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىش، ئىنتىزام جازاسى بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەت، نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردۇق. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى، مەركىزىي كومىتېتنىڭ بۆلۈم- كومىتېتلىرى پارتكومى (پارتگۇرۇپپا) ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرى كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەت ۋە پاكلىق مەلۇماتى بېرىش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «ئىككى مەسئۇلىيەت» تەپسىلىي قائىدىسى ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش نىزامىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەرىجىمۇدەرىجە تۇتۇش، قاتلاممۇقاتلام بېسىم قىلىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.
  بىرنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپ مىڭغا ئىبرەت قىلدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەنشىدىكى ساھە بويىچە يۈز بەرگەن گۆمۈرۈلمە چىرىكلىك مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆلكىلىك پارتكوم رەھبەرلىك بەنزىسىنى زور دەرىجىدە تەڭشىدى. خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش دېلوسىدىكى جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، 467 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى. سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ نەنچۇڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارا بېرىپ سايلىنىش دېلوسىغا چېتىشلىق 477 كىشىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلدى. لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى ساھە بويىچە يۈزبەرگەن پارا بېرىپ سايلىنىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، جەمئىي 955 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان كادىردىن 34ى بار. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپىسى، سابىق ئىنتىزام ۋاكالەت گۇرۇپپىسىنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشقا كۈچ چىقارماسلىق مەسىلىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، سابىق پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، مەسئۇل مۇئاۋىن مىنىستىرى، ئىنتىزام ۋاكالەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسىنىڭ كادىرلار خىزمىتىدىكى تەكشۈرمەسلىك ۋە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش ئېغىر مەسىلىسىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى. گەنسۇ ئۆلكىسى چىليەنشەن تېغى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىش تىپىك دېلوسىدىكى ۋەزىپىسى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 18 كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى. 2014- يىلىدىن بۇيان، مەملىكىتىمىز بويىچە 7020 ئورۇننىڭ پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)، پارتىيە باش ياچېيكىسى، پارتىيە ياچېيكىسى، 430 ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى(ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى) ۋە 65 مىڭدىن ئارتۇق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلدى.
  (4) كۆزىتىش خىزمىتىنى بىر ۋاكالەت مۇددىتىدە تولۇق ئورۇنداپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، ھەيۋە شەكىللەندۈرۈپ، كۆزىتىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ شەمشىرىگە ئايلاندۇردۇق
  مەركەزنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچلۈك ھەيۋە شەكىللەندۈردۇق. كۆزىتىش پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش نەزەرىيەسى، ئەمەلىيىتى ۋە تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم نەتىجىلىرىنىڭ مۇجەسسىمى بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك نازارەتچىلىكنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى بېكىتكەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى يىغىنى كۆزىتىش خىزمىتىنى 23 قېتىم مۇھاكىمە قىلدى، ھەر نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى ئەھۋالىدىن بېرىلگەن دوكلاتنى ئاڭلىدى، كۆزىتىش ئەھۋالى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى قاراپ چىقتى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ فاڭجېنى ۋە ۋەزىپىسىنى ئەتراپلىق، سىستېمىلىق شەرھلىدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى نىزامى»غا ئىككى قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزدى، مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزدى، شەھەر- ناھىيەلىك پارتكوملارنىڭ تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ماسلىشىشى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 115 قېتىم يىغىن ئېچىپ، كۆزىتىشنى 12 نۆۋەت تەشكىللەپ، جەمئىي 277 پارتىيە تەشكىلاتىنى كۆزەتتى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانا- كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، مەركەز باشقۇرىدىغان ئالىي مەكتەپ قاتارلىقلارنى كۆزىتىشنى تاماملاپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى بىر ۋاكالەت مۇددىتىدە تولۇق ئورۇنداشنى پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇردى؛ 16 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە «كېيىنكى تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزدىكى تۆت ئورۇننى «جانلىق» كۆزەتتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەكشۈرگەن دېلولار ئىچىدە %60تىن ئارتۇق دېلونىڭ يىپ ئۇچى كۆزىتىشتىن كەلگەن. كۆزىتىشنىڭ سالمىقى ۋە ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، شەمشەرلىك رولى نامايان بولدى.
  مەۋقەنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قويۇپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، سىياسىي كۆزىتىشنىڭ دائىرىسى بارغانسېرى ئايدىڭلىشىپ، يۆنىلىشى بارغانسېرى توغرىلاندى. 18- قۇرۇلتايدىن كېيىن، مەۋقەنى پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە قويۇپ، «تۆتكە كۈچەش»نى دەۋر قىلىش ئاساسىدا مەسىلىلەرنى بايقاپ، ۋەزىپە تارقاق، مەزمۇن چېچىلاڭغۇ بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدۇق؛ پارتىيە ئىنتىزامى دۆلەت قانۇنىدىن چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىشتا كەڭ، بوش، يۇمشاق بولۇش مەسىلىلىرىنى كۈچەپ تاپتۇق؛ مەۋقەنى پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا قويۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان- تۇرغۇزمىغانلىقىنى، پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرگەن- ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى، ئىدېئولوگىيە مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرگەن- ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدە ياخشى سىياسىي ئېكولوگىيە شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق. «كېيىنكى تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇپ، قايتا كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزەش- ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش بىلەن بىللە، يېڭى مەسىلىلەرنى بايقاشقىمۇ كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ بىردەملىك شامال ئەمەسلىكى توغرىسىدا كۈچلۈك سىگنال بەردۇق.
 شەكىل ۋە ئۇسۇلنى يېڭىلاپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئامما نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈردۇق. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، كۆزىتىش ئوبيېكتى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت «ئۈچ مۇقىم بولماسلىق»نى يولغا قويۇپ، مەسىلىنى نىشانلاپ بېرىپ، تۆۋەنگە چۈشۈپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق. دائىملىق كۆزىتىش بىلەن مەخسۇس كۆزىتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كۆزىتىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ئادەم، نۇقتىلىق ئىش، نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەسىلىلەرنى جانلىق، توغرا بايقىدۇق. سىياسىي ساۋاتتىن سىناق ئېلىشنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئارخىپى ۋە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ، پارتىيە بەدەل پۇلى يىغىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، كۆزىتىش ئوبيېكتىنىڭ ساھە ئالاھىدىلىكى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى ئىگىلەپ، شەپىسىدىنلا يۆنىلىشىنى بىلىپ، ھادىسىدىن ماھىيىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، سىياسىي «مىكروسكوپ» ۋە «پىروژېكتور»لۇق رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 1 مىليون 590 مىڭ پارچە ئەرزىيەت تاپشۇرۇۋېلىپ، كادىرلار ۋە ئامما بىلەن 53 مىڭ ئادەم (قېتىم) سۆھبەتلەشتى.
  ھەربىر مەسىلىنى تۈزىتىش، ھەربىر پارچە خەتنىڭ جاۋابى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردۇق. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى جاۋاب قايتۇرۇشقا قاتنىشىپ، تۈزىتىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم قىلىشنىڭ جاۋابكارلىقتىن قاتلاممۇقاتلام باش تارتىشقا ئايلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ۋە كۆزىتىش ئىشخانىسى مەخسۇس دوكلاتتىن 230 نى تەييارلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەندىكى مەسئۇل رەھبەرلەرگە كۆزىتىش ئەھۋالىدىن 59 قېتىم مەلۇمات بەردى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھات ئىشخانىسىغا مەخسۇس دوكلاتتىن 89نى سۇنۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى ۋە مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى تاپشۇرۇۋالغان مەسىلە يىپ ئۇچلىرىنى تۈرگە ئايرىپ ئالدىن بېجىردى. تۈزىتىش ئەھۋالىنى پارتىيە ئىچىدە ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جەمئىيەتكە ئاشكارىلىدى.
  كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مەملىكەت بويىچە «بىر تاختا شاھمات» قىلىپ شەكىللەندۈردۇق. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە مەركەزدىكى ئورۇنلارنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوم شۇجىسىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى ھەققىدىكى سۆزىنى مەركىزىي كومىتېت كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈملەرنى ئورناتتۇق. ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار كۆزىتىش خىزمىتىدە تولۇق قاپلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ، شەھەر- ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، مەركەزدىكى 67 ئورۇن كۆزىتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە ئىزدىنىپ، مەركەز كارخانىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ، كۆزىتىش- تەكشۈرۈشتە يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان ئەندىزىنى شەكىللەندۈردى.
  (5) ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساپلاشتۇردۇق
  ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇپ، ئىنتىزامنى چىقىرىپ ۋە چىڭىتىپ، جايىدا ئىجرا قىلدۇق. ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇش، ئىنتىزام قانۇننىڭ ئالدىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ئايرىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «ئىنتايىن ئاز سانلىقلارنى جازالاش»تىن «كۆپ سانلىقلارنى باشقۇرۇش»قا ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىش مەزمۇنى ۋە پارتىيە مەكتەپلىرىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزدۇق، قانۇن- ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ تۆۋىنامىسىنى بېسىپ تارقىتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردۇق. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى مەسئۇلىيەت دائىرىسىنى ئاساس قىلىپ، دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشتىن دائىملىق نازارەتچىلىك- ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىشكە بۇرۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ گەپ- سۆز، ئىش- ھەرىكىتىنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئورگانىزمىنى ساپلاشتۇردى.
  سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ مەركەزلەشكەن بىرلىكىنى قوغدىدۇق. مەركەزنىڭ روھىغا خىلاپ گەپ- سۆزلەرنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ۋە قىل دېگەننى قىلماسلىق، قىلما دېگەننى قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى كۆزگە ئىلمايدىغان «يەتتە خىل قىلمىشنى سادىر قىلغانلار»نىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ سىياسىي ھوشيارلىقى ۋە سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇردۇق. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا سىياسىي ئىنتىزامنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ تۇرۇش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان كەيپىيات ياراتتۇق. سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى كۆزىتىش ۋە ۋاكالەت نازارەتچىلىكىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە ئالدى بىلەن پارتىيەگە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىنى تەكشۈردۇق. بەش يىلدىن بۇيان، سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر 15 مىڭ دېلونى دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈپ، 15 مىڭ ئادەمگە جازا بەردۇق، بۇنىڭ ئىچىدە مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان كادىردىن 112سى بار.
  «دەرەخ» بىلەن «ئورمان»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتىكى «تۆت خىل ھالەت»نى ياخشى تەتبىقلىدۇق. يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش، سۆھبەتلىشىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈشتىن دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاش، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈش، قاراپ چىقىش دوكلاتىنى تەييارلاشقىچە بولغان ھالقىلاردا پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆلچەم قىلىشتا، ئىنتىزامغا خاس سۆز- ئىبارىلەر بىلەن تەسۋىرلەشتە چىڭ تۇردۇق. ئەرزىيەت ئارقىلىق پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئەرزىيەت ۋەزىيىتىنى قەرەللىك تەھلىل ۋە مۇھاكىمە قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەسىلىسىنى ئىنكاس قىلغان يىپ ئۇچىنى ئاشكارىلاپ، مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش، دەسلەپكى قەدەمدە ئېنىقلاش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن ماتېرىيالنى ۋاقتىنچە ساقلاش، يەكۈن چىقىرىپ تۈگىتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن بىر تەرەپ قىلدۇق. بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بايقىغان بىخ ھالىتىدىكى مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىش، ئىنكاس قىلىنغان ئادەتتىكى مەسىلىلەردە ۋاقتىدا سۆزلىشىپ سەمىگە سېلىش، كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش، ئۆزى چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈش، تۇرۇشلۇق پارتىيە كومىتېتى (پارتگۇرۇپپىسى)نىڭ شۇجىسىغا ئىمزا قويدۇرۇش يولىنى تۇتتۇق؛ ئەينەن چۈشەنچە بەرگەنلىرىنىڭكىنى قوبۇل قىلىپ، يەكۈن چىقىرىپ تۈگەتكەندىن كېيىن ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈلگەن كىشىگە ئەھۋالنىڭ ئايدىڭلاشقانلىقىنى قايتما ئىنكاس قىلىپ، پارتىيەنىڭ كادىرلارغا ئىشىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلدۇق؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسى بارلارنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئاساسىي پاكىتىنى ئېنىقلاپ چىققاندىن كېيىن، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنىڭ خاراكتېرى، جەريانى ۋە خاتالىقىنى تونۇش، توۋا قىلىش پوزىتسىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە كۆزدە تۇتۇپ، تەنقىد- تەربىيە بېرىپ، تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلىپ ياكى ئىنتىزام جازاسى بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىتىنى نامايان قىلدۇق. 2015- يىلىدىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلدە كۆرسەتتى، قاتتىق ئىنتىزام بىلەن پۈتۈن پارتىيەنى باشقۇردى ۋە ئىدارە قىلدى، جەمئىي 2 مىليون 48 مىڭ ئادەم (قېتىم)نى بىر تەرەپ قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرىنچى خىل ھالەت قوللىنىلىپ تەنقىد- تەربىيە بەرگەن، سۆھبەتلەشكەن، ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈلگەنلەر 955 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %46.7نى ئىگىلىدى، قىزارتىش، تەرلىتىش نورماللىققا ئايلاندى؛ ئىككىنچى خىل ھالەت قوللىنىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە يېنىك جازالانغانلار، تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەلگەنلەر 818 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %39.9 نى ئىگىلىدى، ئۈچىنچى خىل ھالەت قوللىنىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئېغىر جازالانغانلار، ۋەزىپىسى زور دەرىجىدە تەڭشەلگەنلەر 156 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %7.6نى ئىگىلىدى، ئىنتىزامنىڭ سۈرى كۈچلۈك قوغدالدى؛ تۆتىنچى خىل ھالەت قوللىنىلىپ، ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى تۇغدۇرۇپ، دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلگەنلەر 119 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىپ، %5.8نى ئىگىلىدى، پارتىيەدىن قوغلاپ، ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلەر ھەقىقىي تۈردە ئىنتايىن ئاز سانلىققا ئايلاندى.
  پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغدىدۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىشتىن باشلاپ تۇتۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش مىزانىنى ئاساس قىلىپ، «تۆت ئاڭ» بويىچە ئۆلچەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەك بولۇش جەھەتتە پەرق بار- يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ، مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىزچىللاشتۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدۇق. دىققەتنى «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي پوزىتسىيە ۋە سىياسىي يۆنىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، رايونلار، تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ سىياسىي تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق روشەن سىياسىي يۆنىلىش تۇرغۇزدۇق.
  نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئۆتكەلنى، پاكلىق ئۆتكىلىنى ياخشى ئىگىلىدۇق. ئادەم تاللاش- ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى باشتىن- ئاخىر كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ، مەركەز ۋە يەرلىكتىكى «ئىككى كومىتېت» ئەزالىرىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلارنى سايلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى پىكىرگە جەزمەن قۇلاق سېلىشى، ئەرزىيەتتە پاش قىلىنغان كونكرېت يىپ ئۇچى بار مەسىلىنى جەزمەن تەكشۈرۈشى شەرت» دېگەن تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە مەسىلىسى بارلارنى بىر چاتاق بىلەن ئىنكار قىلىپ، پاكلىقىغا داغ تەگكۈزۈۋالغانلارنى قەتئىي چىقىرىپ تاشلاپ، «چاتىقى بار كادىرنى ئۆستۈرۈش»، «چاتاق كادىرنى ئىشلىتىش»نىڭ ئالدىنى ئالدۇق. مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان كادىرلار، ئۆلكىلىك پارتكوم باشقۇرىدىغان كادىرلارنىڭ سىياسىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇردۇق، مۇھىم ئورۇندىكى بىرىنچى باشلىقلار ۋە زاپاس كادىرلارنىڭ پاكلىق ئارخىپى ئامبىرىنى قۇرۇپ، جانلىق يېڭىلاپ تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردۇق. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىغا دائىر پىكىرگە جەمئىي 6631 ئادەم (قېتىم) جاۋاب قايتۇردى. نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىلەن بىرلىكتە ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە شەھەر- ناھىيە، يېزا رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىستىلىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ ۋە نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، سايلامدا پارا بېرىپ سايلىنىش، ئەمەل كويىدا قاتراش، ئەمەل تەلەپ قىلىش قاتارلىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنى مەنبەدىن پاكلىدۇق.
  (6) چوڭىغىمۇ، كىچىكىگىمۇ تېگىشتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى شەكىللەندۈردۇق، مۇستەھكەملىدۇق ۋە راۋاجلاندۇردۇق
  ۋەزىيەتكە سوغۇققانلىق بىلەن سەگەك ھۆكۈم قىلىپ، مەيدان- يۆنىلىشنى چىڭىتتۇق. چىرىكلىك پارتىيەمىز ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ تەھدىت، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى ئېغىر دەرىجىدە چىرىتىدۇ، خەلق ئاممىسى ئۇنىڭدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 1993- يىلىدىن بۇيان ئىشلىتىپ كەلگەن «ھېلىھەم كەسكىن» دېگەن سۆزگە يەنە «مۇرەككەپ» دېگەن سۆزنى قوشۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرغاندىلا پارتىيەنى گۈللەندۈرگىلى، دۆلەتنى گۈللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى، چىرىكلىككە جەزمەن قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلەرنى جەزمەن تازىلاش، بوشلۇق قالدۇرماسلىق، ھەممىنى قاپلاش، قىلچىمۇ يول قويماسلىقنى تەكىتلىدى. چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش بايرىقىمىز، مەيدانىمىز باشتىن- ئاخىر قەتئىي بولدى. چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇش نىشانىمىز، ۋەزىپىمىزدىن ئەزەلدىن تەۋرەنمىدۇق.
  چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاپ، داۋاملىق قاتتىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈردۇق. سىياسىي چىرىكلىك بىلەن ئىقتىسادىي چىرىكلىك ئۆزئارا گىرەلىشىپ مەنپەئەت گۇرۇھىنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي خەۋپسىزلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى. جۇ يۇڭكاڭ، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلار پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلدى، ئۇلارنىڭ سىياسىي قارا نىيىتى كۈچىيىپ، سۇيىقەستلىك ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋاقتىدا سېزىپ، كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ قارانىيەتچىلەر، سۇيىقەستچىلەرنى قەتئىي سۈپۈرۈپ تاشلاپ، زور سىياسىي يوشۇرۇن ئاپەتنى تۈگەتتى؛ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى زور چىرىكلىك مەسىلىسىنى كەسكىن، توغرا ئېنىقلاپ چىقىپ، دېلوغا چېتىلغانلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇلار تارقاتقان زەھەرنىڭ تەسىرىنى تولۇق تازىلىدى. جۇ يۇڭكاڭ، بو شىلەي، گو بوشيۇڭ، شۈ سەيخۇ، سۈن جېڭسەي، لىڭ جىخۇا قاتارلىقلارنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلوسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدىن چوڭقۇر ساۋاقنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مۇستەھكەملەپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى. سىياسەتنى ئىگىلەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 18- قۇرۇلتايدىن كېيىنمۇ قىلمىشىنى توختاتمىغان، قولىنى تارتمىغانلار، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلە يىپ ئۇچى مەركەزلىك، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغانلار، ھازىر مۇھىم خىزمەت ئورنىدا تۇرۇۋاتقان ھەمدە ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىش ئېھتىمالى بار رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ ھەممىسىگە چۈشىدىغانلارنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويدۇق. پىرىنسىپ ۋە ئىنتىزامنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەي، ئاستىرتىن ھەدەپ ھوقۇق- پۇل سودىسى قىلغان، سودىگەرلەر بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزگەن تىپلارنى، قارىماققا غايە- ئېتىقادى چىڭدەك تۇرغان بىلەن، ئاستىرتىن ئۇستاز تۇتۇپ، دەرمە مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن، ماركسىزم- لېنىنىزمغا ئىشەنمەي جىن- شاياتۇنلارغا ئىشەنگەن تىپلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چۆچۈتۈش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش رولىمىزنى جارى قىلدۇردۇق.
  مەۋقەنى تەربىيە بېرىپ قۇتقۇزۇۋېلىشقا قويۇپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ سىياسيلىقىنى گەۋدىلەندۈردۇق. ئىدىيەۋى- سىياسىي خىزمەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىشنى تەكشۈرۈش ۋە سۆھبەتلىشىشتىكى بىرىنچى دەرس قىلىپ، تەكشۈرۈلگۈچىگە پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى، پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسىنى قايتا ئوقۇتۇپ، غايە- ئېتىقاد ئارقىلىق تەربىيەلەپ، ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ قايناق يىللاردىكى ئەسلىمىسىنى ئېسىگە سېلىپ، ئۇلارغا خاتالىقىنى تونۇتقۇزۇپ، تەكشۈرۈش ماتېرىيالى يازغۇزۇپ، پارتىيە ئالدىدا ھەقىقىي توۋا قىلدۇردۇق. تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلىپىدە ھوشىنى تاپالمىغانلارغا تەشكىلىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى توغرىلاپ، ھوشىنى تاپقۇزۇپ، تەشكىل ئىگىلىمىگەن مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ھەربىر توۋىنامە تارىخنىڭ ھەقىقىي خاتىرىسى بولۇپ، تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئىدىيەسىدىكى بۇرۇلۇش ياساش جەريانىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ پارتىيەمىزنىڭ مەسىلىگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان جاسارىتىنى ۋە ئۆزىنى ئۆزى پاكلاش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.
  ئامما ئەتراپىدىكى چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ساھەسى بويىچە نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنى چاقىرىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 263 مەسىلىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ۋە بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى، 42 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلىدى. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتكوملار ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەۋقەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىگە قويۇپ، مەخسۇس تېمىدىكى كۆزىتىش- تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەسىلە يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، دەل جايىدا پەرقلەندۈردى، دەل جايىدا مۇھاكىمە قىلدى. تەكشۈرۈش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «كۆپ خىيانەت قىلغان كىچىك ئەمەلدار»لارنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، خىيانەت قىلىش، يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىپ ئاستىرتىن بۆلۈشۈۋېلىش، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بېرىش، يالغان مەلۇم قىلىپ كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، «شىلىۋېلىش»، زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش، تالان- تاراج قىلىش مەسىلىلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش پۇل- مېلىغا قول سالغانلارنى قاتتىق جازالىدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا سان ئويۇنى ئوينىغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ساختىپەزلىك قىلغان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىي، پۇختا ئىشلىمىگەن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىسى راست بولمىغان، بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزەتمىگەنلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق. 2014- يىلىدىن بۇيان، قالايمىقان ئىش قىلغان، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئاساسىي قاتلامدىكى 32 مىڭ پارتىيەلىك كادىرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق. بەش يىل مابەينىدە، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەملىكەت بويىچە كەنت پارتىيە ياچېيكىسى شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتى مۇدىرىدىن 278 مىڭنى جازالىدى.
  18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقى بىلەن دېلو ئېچىپ تەكشۈرۈلگەن ئۆلكە، جۈن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيەلىك كادىر ۋە مەركىزىي كومىتېت باشقۇرىدىغان باشقا كادىر 440قا يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كاندىدات ئەزاسىدىن 43ى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئەزاسىدىن توققۇزى بار. مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى جەمئىي 12 مىليون 186 مىڭ پارچە (قېتىم) ئەرز قوبۇل قىلىپ، مەسىلە يىپ ئۇچىدىن 2 مىليون 674 مىڭ پارچىنى بىر تەرەپ قىلىپ، 1 مىليون 545 مىڭ دېلو ئېچىپ، 1 مىليون 537 مىڭ كىشىگە چارە كۆردى، بۇنىڭ ئىچىدە نازىر، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىر 8900دىن ئاشىدۇ، ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىردىن 63 مىڭ كىشى بار، جىنايەتكە چېتىلىدىغان 58 مىڭ كىشىنى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
 (7) چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەن قاچقۇنلارنى چۈشۈرىدىغان «ئاسمان تورى»نى زىچ توقۇپ، مەنىۋى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، چىرىكلەشكەنلەرنىڭ جازادىن پاناھلىنىدىغان جەننەتكە قېچىپ كىرىۋېلىشىغا قەتئىي يول قويمىدۇق
  قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇشنىڭ مۇھىم ھالقىسى قىلدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىشنى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە دىپلوماتىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزدى. مەركەز ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىدا چەت ئەلدە قېچىپ يۈرگەن قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىش خىزمىتى ئىشخانىسى قۇرۇپ، مەركەزلەشكەن، بىرلىككە كەلگەن ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئۇل خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي ساننى ئېنىقلاپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەر مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئورنىتىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەنلەر تۇرۇشلۇق پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش جاۋابكارلىقىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. چەت ئەلگە قاچقان 100 قاچقۇننى تۇتۇش قىزىل بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ، «ئاسمان تورى ھەرىكىتى»نى ئۇدا تەشكىللەپ، قاچقان دۆلەتلەرگە، شۇ دېلوغا قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن چىرىك ئۇنسۇردىن بىر تۈركۈمنى تۇتۇپ كەلدۇق. 2014- يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 90 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن 3453 قاچقۇننى تۇتۇپ كېلىپ، 9 مىليارد 510 مىليون يۈەن ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇپ كەلدۇق. «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان 100 كىشى»دىن 48ى تورغا چۈشتى.
  چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. خەلقئارا بويىچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش يېڭى تەرتىپىنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك قائىدىلەرنى تۈزۈشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، دۇنيا بويىچە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈزەش ئىشىغا جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدۇق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلاردا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولدۇق، «بېيجىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىتابنامىسى» ۋە «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قاچقۇنلارنى تۇتۇش − ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىش ئالىي پىرىنسىپى»نى باشلامچىلىق قىلىپ تۈزدۇق، 20 دۆلەت گۇرۇھى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قاچقۇنلارنى تۇتۇش، ھارام پۇل- مالنى قايتۇرۇۋېلىش تەتقىقات مەركىزى تەسىس قىلىندى، ئاسىيا- تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىشتا ھەمكارلىشىش تورى بەرپا قىلىشقا ماسلاشتۇق. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپلىك قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى مېخانىزمى ئورنىتىپ، بىرلىشىپ تەكشۈرۈش، تېزدىن قايتۇرۇپ كېلىش، مۈلۈكنى قايتۇرۇۋېلىشتىكى قولاي يولنى بەرپا قىلدۇق.
  قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توسمىسىنى پۇختا سېلىپ، چىرىكلەشكەن ئۇنسۇرلارنىڭ جازادىن قۇتۇلۇش يوللىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدۇق. قاچقۇنلارنى تۇتۇپ كېلىش، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئىككى قولدا تۇتۇپ، قېچىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەرتىپىنى ئورنىتىپ، «سالتاڭ ئەمەلدار»لارنى تازىلاشنى قەرەللىك قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى دوكلات قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، چېگرادىن كىرىش- چىقىش كىنىشكىسىنى باشقۇرۇش ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش- مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، يوشۇرۇن سەرراپخانا ۋە چەت ئەللىكلەر شىركەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ھارام پۇل يۆتكەشكە زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خادىملارنىڭ سىرتقا قېچىپ كېتىشى ۋە ھارام پۇلنىڭ سىرتقا ئېقىپ كېتىشىنى كۈچلۈك توسۇپ، قېچىشقا پېتىنالمايدىغان، قاچالمايدىغان ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلدۇق. يېڭى قاچقۇنلار 2014- يىلىدىكى 101 كىشىدىن 2015- يىلى 31 كىشىگە، 2016- يىلى 19 كىشىگە، 2017- يىلى 1- ئايدىن 9- ئايغىچە تۆت كىشىگە ئازايدى.
  (8) فۇنكسىيەنى، ئۇسۇلنى، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش روھى بىلەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق
  مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلىشىپ ئىش بېجىرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلگە ئاشۇردۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1993- يىلى چىقارغان مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر يۈرۈش خىزمەت ئاپپاراتىدا ئىككى ئورگان نامى بولۇشنى يولغا قويۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىشلىكتىن ئىبارەت ئىككى فۇنكسىيەنى ئادا قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالدىدا ئومۇميۈزلۈك جاۋابكار بولدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل- ئەمەلىيەتچىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىچكى ئامىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساقلانما مىقدارنى جانلاندۇرۇپ، تەشكىلىي تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسى، خەلقئارا ھەمكارلىق ئىدارىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئىشخانىسىنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنى نازارەت قىلىش ئىشخانىسىنى قۇرۇپ چىقتۇق. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئىچكى ئاپپاراتلارنى تەڭشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، نازارەت قىلىش- ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى تازا زورايتتۇق.
  قوش رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى كونكرېتلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتتۇق. بۇزۇش بىلەن بەرپا قىلىش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىگىلەپ، تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەۋقەنى مۇشۇ نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى، دەرھال يولغا قويۇش، دەرھال ئىسلاھ قىلىشقا قويدۇق. يىپ ئۇچىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاساس قىلىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن يوليورۇق سوراش ۋە ئۇنىڭغا دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى بەرپا قىلدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن شۇجىسىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش ۋە تەكشۈرۈشتە يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن تەشكىلات بۆلۈمىنى ئاساس قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر، مەركەز باشقۇرىدىغان كارخانىلاردىكى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋە مۇئاۋىن شۇجىسىنىڭ نامزاتىنى كۆرسىتىش- تەكشۈرۈش چارىسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نازارەتچىلىك نوپۇزىنى كۈچەيتتۇق.
  بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، جامائەت پىكرى بازىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى ۋە سۆز ھوقۇقىنى چىڭ ئىگىلىدۇق. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى پۈتۈن پارتىيەنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئەندىزىسىگە سىڭدۈرۈپ، تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، مەركەزدىكى تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك جامائەت پىكرى كەيپىياتىنى ياراتتۇق. «مەڭگۈلۈك كۈرەش» ۋە «كۆزەتچىلىك شەمشىرى» ناملىق چاتما تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىملىرىنى ئىشلەپ كۆرسەتتۇق، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور، گېزىت، ژۇرناللىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال تارقىتىش كۈچىنى زورايتتۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ، مەركەزدىكى تارماقلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لىرىنىڭ شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى) توردا زىيارەت قوبۇل قىلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ تور بېكىتىدە يېڭىچە جامائەت پىكرى بازىسىنى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى ئائىلە قائىدىسى، ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتتۇق؛ خىزمەت تەرتىپىنى ئاشكارىلاپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش ئۇچۇرىنى دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، سىرلىقلاشتۇرماي، جەمئىيەت نازارەتچىلىكى يوللىرىنى كېڭەيتتۇق.
  دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ پارتىيە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئاپپاراتىنى قۇرۇپ، ئومۇمنىڭ ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدىغان بارلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈستىدىن مەمۇرىي تەپتىشلىك قىلىشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىشىنى كۈچەيتتۇق. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 26 قېتىم يىغىن ئېچىپ، چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، ئىسلاھات لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتتى. مەركەزنىڭ دۆلەت مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ، بېيجىڭ، سەنشى، جېجياڭدا ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردۇق. سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلار ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ئورۇنداپ، مەمۇرىي تەپتىش، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك- پارىخورلۇق جىنايىتى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق- مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش جىنايىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ۋەزىپىگە مۇناسىۋەتلىك جىنايەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەيدىغان كۈچلەرنى بىرىكتۈرۈپ، خادىملارنىڭ تەۋەلىكىنى ئۆزگەرتىپ بىرلەشتۈرۈش، ئاپپارات فۇنكسىيەسى ۋە خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش شارائىتى ئاستىدا ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش تارمىقى بىلەن ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈش تارمىقى، قانۇن بويىچە تەكشۈرۈش تارمىقىنى ئايرىم تەسىس قىلىش، قانۇن يۈرگۈزگۈچى ئورگانلار بىلەن ھەم ئورگانىك جىپسىلاشقان، ھەم بىر- بىرىنى چەكلەپ تۇرىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەشكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سالمىقىنى ئاجىزلاشتۇرماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى پۈتۈن مەملىكەتتە قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبە توپلىدۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا زىچ ماسلىشىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك قانۇنى (لايىھە)»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىغا نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى يۈكلەپ ۋە سۆزلىشىش، گەپ سوراش، ئاختۇرۇش، قالدۇرۇۋېلىش قاتارلىق تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى بېرىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق.
  (9) ئالدى بىلەن ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىپ، ئاندىن يەكۈنلەپ ۋە تاۋلاپ، پارتىيەنى قائىدە- نىزام بويىچە ئىدارە قىلىپ، قەپەزنى چىڭىتىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق
  تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئالغا سىلجىتتۇق. 3- ، 4- ئومۇمىي يىغىننىڭ قوشماقلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ مىزان قىلىپ، سەۋەبىنى تەتقىق قىلىپ، نەزەرىيە مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىچكى قائىدە- نىزامىدىن 11نى تۈزۈشكە تەشكىللىدۇق. مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل ۋە ئەمەلىي تەدبىرنى تاللاپ چىقىپ، تۈزۈمنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى كۈچەيتتۇق. ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىشنى ئالدىن يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا قولغا كەلگەن يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى نىزام- تۈزۈمگە ئايلاندۇردۇق. غايىلىك بولۇش، لېكىن غايىۋىلەشتۈرۈۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، زۆرۈرلۈك ۋە مۇمكىنچىلىككە تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئايرىم نىزام تۈزۈشنى تۈزۈم سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئورنىغا قويۇپ ھەر تەرەپلىمە ئويلىشىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نىزاملارنى دۆلەتنىڭ قانۇنلىرى بىلەن ماسلاشتۇردۇق ۋە جىپسىلاشتۇردۇق، بۇنىڭ بىلەن پارتىيەنى قائىدە- نىزام بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، بىر- بىرىگە ئۈنۈملۈك ماسلىشىدىغان بولدى.
  ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئاساسنى تىكلەپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەپ، پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇشىغا دائىر بىر قانچە مىزانى»نى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك- تەلەپچان بولۇش مىزانى»غا ئۆزگەرتىپ، پاك- تەلەپچان بولۇش باش تېمىسىنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، ئىجابىي تەشەببۇس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇرەككەپلىكنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، تەتبىقلىنىش ئوبيېكتىنى پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىغىچە كېڭەيتىپ، ئومۇم بىلەن شەخسنىڭ، پاكلىق بىلەن چىرىكلىكنىڭ، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئىسراپچىلىقنىڭ، رىيازەت بىلەن راھەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلدۇق؛ رەھبىرىي كادىرلارغا ھۆكۈمەت ئىشىدا پاك بولۇش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش، پاك تەربىيەلىنىش، ئائىلىنى پاك باشقۇرۇش توغرىسىدا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبىرىي كادىرلارغا يۇقىرى ئۆلچەم قويدۇق.
  پارتىيەنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ئايرىشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇش، ئىنتىزام قانۇننىڭ ئالدىدا تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە قائىدىسىدىكى ئىنتىزام تەلىپىنى كونكرېتلاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامى قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك ئىنتىزامنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. سىياسىي ئىنتىزامنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلماسلىق، گۇرۇھۋازلىق قىلىش، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشى بىلەن قارشىلىشىش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلارغا ئىنتىزام جازاسى بېرىش توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىنى ئىنتىزامغا ئۆزگەرتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە چېقىلىش، ئاممىنىڭ تەلىپىگە سەل قاراش قاتارلىق ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر ماددا- تارماقلارنى يېڭىدىن قوشۇپ، ئىنتىزامنى پارتىيەنى باشقۇرىدىغان، پارتىيەنى ئىدارە قىلىدىغان ھەقىقىي ئۆلچەم قىلدۇق.
  ئىشەنچنى نازارەتچىلىكنىڭ ئورنىغا قويۇۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، نەزەرىيە، ئىدىيە، تۈزۈمنى چۆرىدەپ سىستېما بەرپا قىلىپ، ھوقۇق، مەسئۇلىيەت، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىنى چۆرىدەپ تۈزۈم لايىھەلەپ، مەركىزىي كومىتېت، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان تەشكىلىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، تەڭ دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆزئارا نازارەت قىلىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) ۋە ئۇنىڭ خىزمەت تارماقلىرى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى (ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى)نىڭ نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلارنىڭ نازارەتچىلىكى، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكى، جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكىنى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق.
  (10) تۆمۈر سوقۇشتا بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش كېرەك دېگەندە چىڭ تۇرۇپ، تەلەپچان، ئەستايىدىل، ئىنچىكە بولۇش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان قوشۇن قۇرۇپ چىقتۇق
  سىياسىي ئاڭنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتتۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنى كىم نازارەت قىلىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، «چىراغ تۈۋى قاراڭغۇ» بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تەربىيەسى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، يىغىن ئىستىلى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ئۆزگەرتىپ، يىغىن ۋە ھۆججەتنى قىسقارتتى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلار ئورگاندىكى پۈتۈن پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە دەرسى ئۆتتى، ئورگاندىكى ئىدارە باشلىقى، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار ئەرزىيەتنى قەرەللىك قوبۇل قىلدى، دائىم ئائىلىلەرگە بېرىپ سىرداشتى، مەقسەت ئېڭى ۋە ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى. كۆزىتىش گۇرۇپپىسى، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدا ۋاقىتلىق پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.
  كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا، ئەخلاقلىق ھەم قابلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشتە چىڭ تۇردۇق. ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئادەم تاللاش- ئىشلىتىشتىكى نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنى پارتىيەنىڭ كادىرلار قوشۇنىدا تۇرغۇزۇپ بىرتۇتاش ئىشلەتتۇق، چېنىقتۇردۇق ۋە تەربىيەلىدۇق. ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك، يېزىلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، ئىستىلى چىڭ، مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئالالايدىغان، ئىش قىلالايدىغان كادىرلارنى تاللاپ، ئىشلىتىپ، مۇنەۋۋەر كادىرلارنى تاللاپ رەھبەرلىك بەنزىسىنى كۈچلۈك سەپلىدۇق. ئىشلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە سىستېمىنىڭ ئىچى- تېشىدىكى كادىر ئالماشتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، خىزمەت ئورنىنى ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىزمەت ئورنىدا چېنىقتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىر مەنبەسى ۋە ئۇلارنىڭ يېتىلىش يوللىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتتۇق. قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئۆزى كۆيۈنۈش دېگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ۋە كەسپىي تەربىيەلەشنى كۈچەيتتۇق. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى ۋە ئەۋەتكەن ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنى 1314 ئادەم (قېتىم) ئالماشتۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىدىن 178 مىڭ ئادەم (قېتىم) تەربىيەلەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنىڭ روھىي قىياپىتى، ئىقتىدارى ۋە ساپاسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردۇق.
  ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نازارەتچىلىك كۆزىنى ئۆتكۈرلەشتۈردۇق. مەركەز دەرىجىلىك پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت ئاپپاراتى تەسىس قىلىش، ئىسىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، بىر تۇتاش باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. يەككە ئەۋەتىش بىلەن ئورتاق ئەۋەتىشنى بىرلەشتۈرۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىسىدىن جەمئىي 47نى تەسىس قىلىپ، 139 ئورۇننى نازارەت قىلدۇق. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىسىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت دوكلاتىنى قەرەللىك ھالدا ئاڭلاپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلەشتى. نازارەت قىلىنغۇچى ئورۇننىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىغا بولغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، مەسىلە بايقاش ۋە ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈردۇق. ئەۋەتىلىدىغان كادىرلارنى تاللاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالمايدىغان، نازارەت قىلىشنى خالىمايدىغانلارنى تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشەپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردە ئۆلكە دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇشنى تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، شەھەر، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق.
 نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش قائىدىسىنى تۈزۈپ ۋە يولغا قويۇپ، ئۆز- ئۆزىنى چەكلەپ تۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسى (سىناق نۇسخا)»نى تۈزۈپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ھوقۇقىنى تۈزۈم رامكىسىغا سېلىپ، پارتىيە ئىچىدىكىلەر كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇردۇق. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش سىستېمىسىدا ئەزالىق كارتىسىنى قايتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدۇق ۋە ئاشكارىلىدۇق. كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەر ھەم جورىلىرىنىڭ سودا قىلىش، كارخانا ئېچىش، كادىرلارنىڭ جورىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ چەت ئەل (چېگرا سىرتى)گە كۆچۈپ كېتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، كادىرلار ئارخىپىنى مەخسۇس تەكشۈردۇق ۋە دوكلات قىلغان ئالاقىدار شەخسىي ئىشلىرىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈپ ئۇدۇللاشتۇردۇق. «تۆمۈر سوقۇشتا بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇش كېرەك» دېگەن مەخسۇس فىلىملەرنى ئىشلەپ كۆرسەتتۇق، ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنىڭ توۋانامىسىنى بېسىپ تارقاتتۇق. تەكشۈرۈش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، «بىر دېلونى ئىككى تەكشۈرۈش»نى قانات يايدۇرۇپ، ئۆز قوشۇنىمىزنى قەتئىي تازىلاپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىپ تۇرۇپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدۇق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈردۇق، ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كەلمەيدىغانلارنى كەسكىن يۆتكىۋەتتۇق. 18- قۇرۇلتايدىن بۇيان، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئورگىنى 22 ئادەمنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى، 24 ئادەمنى تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشىدى، 232 ئادەم بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈردى؛ مەملىكەت بويىچە ئىنتىزام تەكشۈرۈش سىستېمىسىدىن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى جازالىدى، 7600دىن ئارتۇق ئادەمنى تەشكىلىي جەھەتتىن بىر تەرەپ قىلدى، 11 مىڭ ئادەم بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈردى.
  بەش يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا ياردەملىشىپ تاۋلاندى ۋە سىناقتىن ئۆتتى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش قىياپىتى يېڭىلاندى، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيە كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان قىممەت يېتەكچىلىكى تىكلەندى؛ ئىنتىزام قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، خەلق ئاممىسى ئىستىل قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلگەن نەتىجىلەرنى بىردەك ئالقىشلىدى؛ چىرىكلىكنىڭ يامراپ كېتىشى كۈچلۈك تىزگىنلەندى، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە مۇتلەق ئۈستۈنلۈك شەكىللەندى، مۇستەھكەملەندى ھەم زورايدى، پارتىيەمىز ئىنقىلابىيلىقنى يېتىلدۈرۈش داۋامىدا قايتا باش كۆتۈرۈپ، يېڭى ۋە قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئارقىلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداپ، پارتىيەمىزنىڭ قىياپىتىنى تامامەن يېڭىلاپ، پارتىيە قەلبى ۋە خەلق قەلبىنى تېخىمۇ مۇجەسسەملەپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىغا، نەزەرىيەسىگە، تۈزۈمىگە ۋە مەدەنىيىتىگە بولغان ئىشەنچنى تېخىمۇ چىڭىتتۇق.
  نەتىجىلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە ۋەزىيەت ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ، چىرىكلىكنى پەيدا قىلىدىغان مۇھىت يەنىلا مەۋجۇت، ساقلانمىنى تۈگىتىپ، كۆپەيمىنى توسۇش ۋەزىپىسى يەنىلا ئىنتايىن مۈشكۈل، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ھېلىھەم ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق. پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇش، سىياسىي ئېكولوگىيەگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پاسسىپ ئامىللار تېخى تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىلغىنى يوق، پارتىيە رەھبەرلىكى ئاجىزلىشىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتماي تاشلاپ قويۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا كۈچىمەسلىك مەسىلىلىرى تېخى تەلتۆكۈس ھەل بولغىنى يوق، بەزى پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى جايىدا، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرمايۋاتىدۇ، بەزى جايلار ۋە تارماقلاردا ناتوغرا ئىستىللار ۋە چىرىكلىك مەسىلىسى يەنىلا كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈش يوشۇرۇن خەۋپى ھېلىھەم مەۋجۇت. بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيەت ئېڭى ئاجىز، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى كەمچىل، بېسىم قىلىشتا قاتلاممۇقاتلام ئاجىزلاش ئەھۋالى مەۋجۇت، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا چىرىكلىك مەسىلىلىرى يەنىلا كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ. «تۆت خىل ھالەت»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، بولۇپمۇ بىرىنچى خىل ھالەتنى ياخشى تەتبىقلاپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدىن تۇتۇشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يەنە نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. بەزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى ئىستىلدا تەلەپچان ۋە راستچىل ئەمەس، ئىدىيەۋى- سىياسىي سەۋىيەسى ۋە سىياسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى جىددىي ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئاز ساندىكى كادىرلار تەكشۈرۈش ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ قويۇۋاتىدۇ، ئارىغا ئادەم قويۇپ دېلونى يوق قىلىپ، دېلو بېجىرىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ نەپسانىيەتچىلىك قىلىۋاتىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش خىزمىتىدە يەنىلا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى ۋە ئاممىنىڭ ئارزۇسى بىلەن مەلۇم پەرق ساقلىنىۋاتىدۇ، بۇ مەسىلىلەرگە چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇنى ئەستايىدىل ھەل قىلىشىمىز كېرەك.
                         2. بەش يىلدىن بۇيانقى خىزمەت تەسىراتىمىز
  تېگى- تەكتىدىن ئالغاندا، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىدە قولغا كەلگەن نەتىجىلەر − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، ئىرادە پەزىلىتى قەتئىي، رەھبەرلىكىنىڭ قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك بولغانلىقىدىن كەلگەن؛ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن كەلگەن؛ خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ۋە تولۇق قاتنىشىشىدىن كەلگەن؛ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ۋە ئەقىل- پاراسىتىدىن كەلگەن.
  بىرىنچى، پارتىيە رەھبەرلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىپ، يېڭى دەۋر ئاتا قىلغان بۇرچنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تۈپ كاپالەتكە ئىگە قىلىشىمىز لازىم. پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلات ۋە مەدەنىيەت- مائارىپ قاتارلىق ھەممە ساھەگە، ھەممە تەرەپكە پارتىيە رەھبەرلىك قىلىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكى تارىخىي مۇقەررەرلىك، خەلقنىڭ تاللىشى. 1840- يىلىدىن باشلاپ، ھاقارەتلىنىشكە تەن بەرمەيدىغان جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش سەپىرىگە ئاتلاندى، سانسىزلىغان زەكىي زاتلار بىرىنىڭ ئىزىنى بىرى بېسىپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مىللەت ئازاب- ئوقۇبەتكە پاتقان ئوڭۇشسىز مۇھىتتا دۇنياغا كېلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنى قايتىدىن دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرگۈزدى. تيەنئەنمېن مەيدانىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان خەلق قەھرىمانلار خاتىرە مۇنارىدىكى يادنامە ۋە قاپارتما نەقىشلەر − جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەپيۈن ئۇرۇشىدىن بۇيانقى قان كېچىپ كۈرەش قىلغان جاپا- مۇشەققەتلىك مۇساپىسىنى ئېنىق نامايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلار توختاۋسىز كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ شانلىق كەلگۈسىنى كۈتۈۋالدى. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش − پارتىيەمىزنىڭ تەنتەنىلىك ۋەدىسى، جۇڭگو ئارزۇسى 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى بىر دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ، بىرىنچى 100 يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي، ئىككىنچى 100 يىللىق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈنمۇ پۇختا ئاساس سالماقتا. جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش − ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەڭ ئالىي سىياسىي پىرىنسىپى، بۇنى چوقۇم غايە- ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەتنى چىڭىتىشتا، پارتىيەنىڭ لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلىشتا، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇشتا، ئادەمنى ياخشى تاللاش، ياخشى ئىشلىتىشتە، روشەن قىممەت قارىشى ۋە سىياسىي يېتەكچىلىك تۇرغۇزۇشتا ئىپادىلەش شەرت. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلغاندىلا، پۈتۈن پارتىيەنى ئۇيۇشتۇرغىلى، ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت- فاڭجېنلىرىنى ۋە تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىنى، ئىشىنىشىنى ۋە تايىنىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتكىلى بولىدۇ. پارتىيەنىڭ تارىخىي بۇرچىنى ئېسىمىزدە مەھكەم تۇتۇپ، پارتىيە ۋە ۋەتەن ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، پارتىيە ۋە ۋەتەن يولىدا جان پىدا قىلىدىغان مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ باشتىن- ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
  ئىككىنچى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسى − قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالىمىز ۋە ھەرىكەت قىبلىنەمامىز، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ياخشى ئۆگىنىش ئىستىلىنى تۇرغۇزۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر قىلىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشنى ئىدىيەمىزگە سىڭدۈرۈشىمىز ۋە ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇشىمىز شەرت. بەش يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، چىڭ تۇرۇش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەريانىدا چىڭ تۇرۇش − پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەربىر قەدەم تەرەققىياتىغا ھەمراھ بولۇپ كەلدى. پارتىيە نىزامنامىسى بىر قاتار مۇھىم سۆزنىڭ مەنبەسى، ئۇنىڭدا پارتىيەنىڭ غايە- ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتى ۋە لۇشيەن- فاڭجېن- سىياسەتلىرى ئىپادىلەنگەن؛ ئۇ دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى ۋە پارتىيە ئەھۋالى بىلەن زىچ باغلانغان، گەۋدىلىك زىددىيەت، رېئاللىقتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغان؛ ئۇ پارتىيە تارىخى، دۆلەت تارىخى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيلىك تارىخىنى مەنبە قىلغاچقا، «تۆت ئىشەنچ» ھەممە تەرەپتىن نامايان بولدى. بىر قاتار مۇھىم سۆز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر ئالاھىدىلىكى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە نەزەر بىلەن، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قانداق داۋاملاشتۇرۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى، بۇ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، يېڭى، ئىلمىي نەزەرىيە بىلەن كاللىمىزنى قوراللاندۇرۇپ، يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش ئىستىلى پارتىيە ئىستىلىغا چېتىلىدۇ. ئۆگىنىش ئىستىلىنى ھەقىقىي توغرىلاپ، ئۆزىمىزنىڭ ئورنىنى تېپىپ، ئەمەلىيەت بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەنى تولۇق، ئىلمىي، توغرا ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيەۋى نەزەرىيە تومۇرى ۋە تارىخىي مەدەنىيەت مەنبەسىنى، بۇ ئىدىيە ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلسەپەۋى ئۇسۇل ۋە ئىلمىي روھنى ئىگىلىشىمىز كېرەك. ئۆگىنىش، پىكىر قىلىش، ئەمەلدە كۆرسىتىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتە مۇھىمى − ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىشىمىز، ئەتراپلىق ئۆزلەشتۈرۈشىمىز، ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشىمىز، بىلىش بىلەن قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشىمىز، ئۆز مەسئۇلىيىتىمىزنى «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز، سىياسىي يۈكسەكلىك ۋە سىياسىي ئاڭنى ئاشۇرۇشىمىز، تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز، ھەرىكەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش ھەرىكەت جەريانى، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈشنى مەڭگۈ توختاتماسلىقىمىز، ئىدىيە جەھەتتە ۋە ھەرىكەتتە باشتىن- ئاخىر يادروغا توغرىلىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.
  ئۈچىنچى، ئىرادە ئىشەنچتىن كېلىدۇ، غايە- ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتتىن ئىبارەت سىياسىي روھنى چىڭىتىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ھەقىقىي تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك. مىللىي ئىشەنچنىڭ مەنبەسى مەدەنىيەت ئىشەنچىدۇر، يول تاللاشنى تارىخ- مەدەنىيەت ئەنئەنىسى بەلگىلەيدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن بۇيان ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان ئۇزاق تارىختىن داۋاملىشىپ كەلگەن، مەزمۇنغا باي، مول ھەم چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى يارىتىپ، دۇنيادا بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالمىغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى ئاپىرىدە قىلغان. ۋاپادارلىق، قەدىردانلىق، ساداقەت، ئىخلاس، ئەدەپ، ئىنساب، پاكلىق ۋە نومۇستىن ئىبارەت مەدەنىيەت گېنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە قويۇق ئېتىكا مەسئۇلىيىتى ۋە دۆلەت ھېسسىياتىنى سىڭدۈرۈپ، مىللىتىمىزگە قۇدرەتلىك بىرلىك، ئىچكى ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە ئېگىلمەس- سۇنماس پەزىلەت ئاتا قىلغان. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن تارىخىي ئەنئەنىنى چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوغا كىرگەن ھەرقانداق تاشقى مەدەنىيەتنى ئەڭ ئاخىرى جۇڭگوچىلاشتۇرۇۋەتكەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزىغا، تومۇرىغا ۋە روھىي ئىستىكىگە ۋارىسلىق قىلدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى − جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىنىڭ داۋامى. ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش جەريانى − ئۇنىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇش، جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلىشىش جەريانىدۇر، مەدەنىيەت ئىشەنچى «جۇڭگو ئالاھىدىلىكى»نىڭ ئەڭ ياخشى چۈشەندۈرۈلۈشىدۇر. تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە ئەتە، تارىخ، رېئاللىق ۋە كەلگۈسى يىلتىزداشتۇر. جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ھەرگىزمۇ غەربلىشىش ئەمەس، بەلكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشتۇر، بۇ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى پەرق ئەمەس، مەدەنىيەت گېنىنىڭ ئوخشىماسلىقى بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبىدۇر. ئۆزىگىمۇ ئىشەنچ يوق ئادەمگە كىم ئىشىنىدۇ؟ جۇڭخۇا ئېسىل مەدەنىيىتى مىللىتىمىزنىڭ يىلتىزى ۋە جېنى، كوممۇنىستلار كۈرەش قىلىدىغان غايە ۋە نىشان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەت ئىستىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىدىن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەت ئېلىپ، ماركسىزمغا بولغان ئېتىقاد، سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزمغا بولغان ئەقىدىنى، جان- دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىنى چىڭىتىشىمىز، باشتىن- ئاخىر پارتىيەنىڭ ئىشلىرى، دۆلەتنىڭ تەقدىرى ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ باغلىشىمىز لازىم.
  تۆتىنچى، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى، پارتىيە نىزامنامىسىگە ھۆرمەت قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇش بىلەن تۆۋەن چەكنى ساقلاشنى بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشىمىز لازىم. پارتىيە نىزامنامىسى − پارتىيەنى باشقۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتىكى باش نىزامنامە بولۇپ، ئۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن، ھەربىر ماددىسىغا پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرى مۇجەسسەملەنگەن. پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن غايە- ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەت كوممۇنىستلارنىڭ «ئەخلاق»ىنى، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى كوممۇنىستلارنىڭ «دىلىنى ساپلاشتۇرۇش»نى كۆرسىتىدۇ. جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىنلا ئەخلاققا يۇقىرى ئۆلچەم قويۇپ كەلگەن. دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا پۇقرالار قانۇننىڭ تۆۋەن چېكىگە چېقىلسا بولمايدۇ؛ پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا پارتىيە ئەزالىرىمۇ ئىنتىزامدىن چەتنەپ كەتسە ھەرگىز بولمايدۇ. يۇقىرى ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە- ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، ئالىيجاناب ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز لازىم. ئىنتىزام بىلەن قائىدە ئەخلاقنىڭ كاپالىتى، ئەخلاقنى قەدىرلەپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىش بىلەن قائىدىلىك- ئىنتىزامچان بولۇشنى ئۆزئارا ماسلاشتۇرۇشىمىز لازىم. پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش، پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىر- بىرىگە تۈرتكە قىلىش − 18- قۇرۇلتايدىن بۇيانقى پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش ۋە پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەجرىبە، ئۇ پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىپ، ھەم پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەۋىلىك تەربىيەسى ۋە ئەخلاق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسنى پۇختىلىشىمىز، ھەم تۈزۈم رامكىسىنى چىڭىتىپ، تۈزۈمنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ، مۇتلەق چەكلىمىنى كۈچەيتىشىمىز لازىم. قىلچە تەۋرەنمەي يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامنىڭ تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاپ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇش بىلەن باشقىلار قاتتىق تەلەپ قويۇشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھادىسىدىن تۈزەش ئارقىلىق ماھىيەتتىن تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھادىسىدىن تۈزەشنىڭ نەتىجىلىرىنى ماھىيەتتىن تۈزەش ئارقىلىق مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشىمىز لازىم.
  بەشىنچى، ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش − پارتىيەمىزنىڭ ئۆزگەرمەس فاڭجېنى، ئىنتىزام قانۇندىن چىڭ بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خىل ھالەت»نى تەتبىقلاپ، ئاز سانلىقلارنى جازالاپ، كۆپ سانلىقلارنى تەربىيەلىشىمىز لازىم. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى تۇغدۇرغان ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرنى جازالاپلا قالماي، پۈتۈن پارتىيەنى چىڭ ئىنتىزام ئارقىلىق باشقۇرۇشىمىز ۋە ئىدارە قىلىشىمىز لازىم. پارتىيە قائىدىسى ۋە ئىنتىزامىنىڭ دۆلەت قانۇنىدىن چىڭ بولۇشىنى پارتىيەنىڭ ئاۋانگارتلىق خاراكتېرى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنى بەلگىلىگەن، پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى لازىم. قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىغانلار ئالدى بىلەن ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىدۇ. ئىنتىزامنى قانۇننىڭ ئالدىغا قويۇپ، مەسىلىنى بايقىغان ھامان تۈزەتسەكلا سەۋەنلىكنىڭ خاتالىققا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى − پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغدايدىغان سىياسىي ئورگان، ئۇ پارتىيە ئىچىدىكى «جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى، تەپتىش مەھكىمىسى ۋە سوت مەھكىمىسى»گە ئوخشىمايدۇ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش − سىياسىي خىزمەت، ئۇنىڭدا ئىدىيەۋى- سىياسىي سەۋىيەنى نامايان قىلىشىمىز لازىم. خاتالىق ئۆتكۈزگەن يولداشلارنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن تەربىيەلىشىمىز، تەسىرلەندۈرۈشىمىز، غايە- ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەت بىلەن ئېڭىنى ئويغىتىشىمىز، ئۇلارغا ئېتىقادى ۋە ئاساسىي مەقسىتىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇتۇپ، ئۇلارنى توغرا يولغا قايتۇرۇپ كېلىشىمىز لازىم. سىياسەت ۋە تاكتىكا − پارتىيەنىڭ ھاياتى؛ نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنىڭ «تۆت خىل ھالىتى» پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىياسەت ۋە تۇتقا بىلەن تەمىنلىدى. ئىشەنچنى نازارەتچىلىكنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ، ئىشەنچ − ئالدىنقى شەرت، نازارەتچىلىك − كاپالەت. دائىملىق باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، بىرىنچى خىل ھالەتنى تەتبىقلاشقا باش قاتۇرۇپ، ئىنتىزامسىزلىقنىڭ بىخلىرىنى بايقىغان ھامان ۋاقتىدا سىردىشىپ سەمىگە سېلىشىمىز، مەسىلە ئىنكاس قىلىنغان ھامان كەسكىن ۋە ئەستايىدىل تەھلىل قىلىپ، بىرىنچى خىل ھالەتكە ياتىدىغان ئەھۋاللاردا كېلىشىپ قويۇپ سۆھبەتلىشىش- ئالاقە ئەۋەتىپ سۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇشىمىز، كىچىكىدىن تۇتۇشىمىز، ھە دېگەندىلا دەشنەم بېرىدىغان ئىشنى قىلماسلىقىمىز لازىم. ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان يولداشلارنى قاتتىق تەنقىدلەپ ۋە ئۇلارغا تەربىيە بېرىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشتا پاكىتنى ئاساس، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆلچەم قىلىپ، خاتالىقىنى تونۇپ توۋا قىلغانلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئەتراپلىق نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. «دەرەخ» بىلەن «ئورمان»نىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، «تۆت خىل ھالەت»نى ياخشى تەتبىقلاپ، «قىزارتىش، تەرلىتىش»نى نورماللىققا ئايلاندۇرۇش؛ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغانلاردىن پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە يېنىك جازالىنىدىغان ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن تەڭشىلىدىغانلار كۆپ سانلىق بولۇش؛ پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە ئېغىر جازالىنىدىغان ۋە ۋەزىپىسى زور دەرىجىدە تەڭشىلىدىغانلار ئاز سانلىق بولۇش؛ ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى تۇغدۇرۇپ، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلىدىغانلار ئىنتايىن ئاز سانلىق بولۇش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈشىمىز لازىم.
 ئالتىنچى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇپ، رېئاللىقنى دىيالېكتىكىلىق ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزم ئارقىلىق ئىگىلەپ، ئىشەنچنى تارىخىي تەپەككۇر، پەلسەپەۋى تەپەككۇر ۋە مەدەنىيەت تەپەككۇرى ئارقىلىق مۇستەھكەملىشىمىز لازىم. ماركسىزم- لېنىنىزم پارتىيە نىزامنامىسىگە شۇنىڭ ئۈچۈن كىرگۈزۈلگەنكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئىشەنچىسى شۇنىڭدىن كەلگەن، بىلىش نەزەرىيەسى بىلەن مېتودولوگىيەسىمۇ شۇنىڭدىن كەلگەن، شۇڭا ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىينەزەر ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق رېئاللىقنى كۆزىتىش، كەلگۈسىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇشىمىز لازىم. تارىخ − ئەڭ ياخشى ئۇستاز، تارىختىن بۈگۈن يولۇققان ئىشلارغا ئوخشاش نۇرغۇن ھادىسىلەرنى تاپقىلى بولىدۇ، رېئاللىقتا ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىنىڭ تارىخىي سەۋەبى بار. مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تارىخنى ئەينەك قىلىش ئاساسىدا ئىزدەپ، نۆۋەتتە يولۇققان مەسىلە ۋە خىرىسلارنى تارىخىي بوشلۇققا قويۇپ تونۇشىمىز لازىم. دىيالېكتىكىنى تەتبىق قىلىپ، «ئىككى نۇقتىچىلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، نەتىجىنى تىلغا ئالغاندا مەسىلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز، مەسىلە ئۈستىدە توختالغاندا غايەت زور نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئارقا كۆرۈنۈشنى تېخىمۇ نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. چىرىكلىك ئىنسانىيەت مەدەنىيلىك تارىخىغا قەدەم قويغاندىن بۇيان ئىزچىل مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگودىن تارتىپ چەت ئەللەرگىچە ھېچقاچان ئۇنىڭدىن خالىي بولالمىغان، پەقەت بەزىدە ئاز، بەزىدە كۆپ يۈز بەرگەن. ھەرقانداق ھۆكۈمەت ھوقۇقى چىرىتىشنىڭ خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشكە ئەبەدىي دۇچ كېلىدۇ. بىزنىڭكىدەك ئۇزاق مۇددەت يالغۇز ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن پارتىيە ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزىنى پاكلاش غايەت زور سىناق ھېسابلىنىدۇ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش دادىللىقى بىلەن نازارەتنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈش- شەكىللەندۈرەلمەسلىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيەسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى مۇنداق ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش، يەنى پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامى ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ۋە قۇرۇش؛ دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، يەنى ئاساسىي قانۇن، قانۇن ۋە نىزاملار ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش. پارتىيە ھەم ئۆزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى، ھەم دۆلەت ماشىنىسىغا بولغان نازارەتچىلىكنىمۇ كۈچەيتىشى، ئۆز- ئۆزىنى نازارەت قىلىش بىلەن ئاممىنىڭ نازارىتىنى بىرلەشتۈرۈشى، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىكىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنى پاكلاش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆزىنى يېڭىلاش، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن شارائىتتا ئۆز- ئۆزىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىنى تېپىپ چىقىشى لازىم.
  يەتتىنچى، خەلق رايىنىڭ مايىل بولۇش- بولماسلىقى ئەڭ چوڭ سىياسىي، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، كۈچلۈك بۇرچ مەسئۇلىيەتچانلىقىمىز بىلەن نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىشىمىز لازىم. ھەرقانچە ئۇزۇن سەپەر بىرىنچى قەدەمدىن باشلىنىدۇ؛ قىيىنچىلىق ۋە جاپا- مۇشەققەتنى يەڭگەندە ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن باشلاپلا غايە- ئېتىقاد بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئەڭ ئۇلۇغ ئىستەك ئۈچۈن قىلغاچقا مەردلەر جان پىدا، يېڭى بىر دۇنيا ياراتتى مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن» دېگەندەك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن مىڭبىر جاپا- مۇشەققەتلەر قوينىدا پولاتتەك تاۋلىنىپ، پارتىيە ئىشلىرىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. مەسئۇلىيەتچانلىق − كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى تۈۋرۈكى. ھوقۇقنىڭ ئۆزى مەسئۇلىيەت، مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن ئىكەن ئۇنى چوقۇم ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز لازىم، ھوقۇق قانچە چوڭ بولسا، خىزمەت مەسئۇلىيەتچانلىقىمىزمۇ شۇنچە چوڭ بولۇشى كېرەك. گەپ جىق ئەلدىن بەرىكەت قاچىدۇ، ئىش جىق ئەلگە بەرىكەت ياغىدۇ. 10 مىڭ يوللۇق ئۇزۇن سەپەرنى بىرقەدەم- بىرقەدەمدىن مېڭىپ تاماملىغانمىز؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىمۇ بىرقەدەم- بىرقەدەمدىن مېڭىپ ئاچقانمىز. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇزاق مۇساپىدە باسقان ھەربىر قەدىمىمىزنىڭ ھەممىسى يېڭى باشلىنىش ۋە قايتا ئاتلىنىش بولىدۇ. شۇڭا ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات نەزەرىيەسى بىلەن تەرەققىيات باسقۇچلىرى نەزەرىيەسىنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ يىراقنى كۆرۈشىمىز، ئەمەلىي ۋە ئىنچىكە ئىشلىشىمىز، ئاز- ئاز يىغىلغان غەلىبىلەردىن زور مۇۋەپپەقىيەت ھاسىل قىلىپ، توختاپ قالماي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز لازىم. خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۇتالىغانلار جاھان سورايدۇ. ھەرقانچە ئۇزاپ كەتسەكمۇ، نېمە ئۈچۈن ئاتلانغانلىقىمىزنى ئۇنتۇماسلىقىمىز، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىزچىل كۈرەش نىشانىمىز دەپ تونۇشىمىز لازىم. ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى. شۇڭا خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ خۇشال بولغان- بولمىغانلىقى، رازى بولغان- بولمىغانلىقى، ماقۇل بولغان- بولمىغانلىقىنى خىزمىتىمىزنى سىناش ئۆلچىمى قىلىپ، مەۋقەنى مەركىزىي ۋەزىپىگە قويۇپ، مەسئۇلىيەت ئورنىمىزدا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئېتىقاد ۋە خالىس، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان جاسارەت بىلەن، سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ مۇھاپىزەتچىسى بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىش ئارقىلىق پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىمىزنى بىلدۈرۈشىمىز لازىم.
                    3. بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق خىزمەتلەر ھەققىدە تەكلىپ
  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى − ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغان ھالقىلىق پەيتتە چاقىرىلغان ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي. پارتىيە خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئۇلۇغ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، پارتىيە رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئۆزىنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئىجادىيلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيەنى ياخشى قۇرۇشىمىز، كۈچەيتىشىمىز لازىم.
  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ماركسىزم- لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، 19- قۇرۇلتايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى مۇستەھكەملەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداشنى يېقىندىن دەۋر قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي ئېكولوگىيەنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە يۈكلەنگەن نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش ۋە جاۋابكارلىق سۈرۈشتۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى ۋە يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھارماي- تالماي كۈرەش قىلىشىمىز لازىم.
  (1) 19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلەشكەن بىرتۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇش ۋە ئۇنى قەتئىي قوغداش لازىم
  19- قۇرۇلتاينىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى 19- قۇرۇلتاينىڭ دوكلاتى ۋە پارتىيە نىزامنامىسىنى ئەينەن ۋە تولۇق ئۆگىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، 19- قۇرۇلتايدا چىقىرىلغان مۇھىم ھۆكۈم، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىستراتېگىيە ۋە مۇھىم ۋەزىپىلەرنى توغرا ئىگىلەپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى 19- قۇرۇلتاينىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى لازىم. ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلەرگە بولغان رەھبەرلىكىدە بايرىقى روشەن ھالدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش تەلىپىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلەشكەن
  بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، 19- قۇرۇلتاينىڭ روھى ۋە پارتىيە نىزامنامىسى، قائىدىسىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تاكتىكىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم. سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىشقا، باشباشتاقلىق قىلىشقا، قىل دېگەننى قىلماسلىق ۋە قىلما دېگەننى قىلىشقا قەتئىي يول قويماي، مەركىزىي كومىتېت پەرمانىنىڭ توسالغۇسىز ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم.
  (2) پارتىيەنى ئىدىيە جەھەتتىن قۇرۇش بىلەن پارتىيەنى تۈزۈم ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش لازىم
  پارتىيەنى قائىدە- نىزام ئارقىلىق ئىدارە قىلىش بىلەن ئەخلاق ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى غايە، ئېتىقاد ۋە ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشقا يېتەكلەش كېرەك. مەۋقەنى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشقا قويۇپ، تەنقىد ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىد قىلىش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپ قىلمىشلار بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىش لازىم. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش- ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بولغان نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش- ئىنتىزام ئىجرا قىلىشنىڭ «تۆت خىل ھالىتى»نى تەتبىقلاش لازىم. دىققەتنى «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»، بولۇپمۇ بىرىنچى باشلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، سىياسىي ئۆتكەل ۋە پاكلىق ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، قاتتىق ئىنتىزام ۋە كۈچلۈك نازارەتچىلىك ئارقىلىق پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى ھېيىقىدىغان، ھەزەر ئەيلەيدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىش كېرەك.
  (3) مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاڭلىق ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، ئىستىل ياخشىلاشتا بوشاشماي چىڭ تۇرۇش لازىم
  مىخ قېقىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىزچىل ئوبدان تۇتۇپ، دىققەتنى راھەتپەرەسلىك ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىنى تۈزەشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىپ، يېڭى يۈزلىنىشكە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، «تۆت خاھىش»نىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە قەتئىي يول قويماسلىق كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىكتىكى ئاكتىپ كۈچىنى قوزغاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، چىنلىق، ياخشىلىق ۋە گۈزەللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ساختىلىق، يامانلىق ۋە رەزىللىككە قارشى تۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى ياخشى ئائىلە ئىستىلى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، يېزا ئاھالىسى قائىدىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياخشىلىققا تەلپۈنىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.
  (4) پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك تۈزۈلمىسى- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم
  پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىككە دائىر تۈرلۈك تۈزۈملەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي كۆزىتىشنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر نۆۋەتلىك ۋاكالەت مۇددىتى ئىچىدە باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى جايلار، تارماقلار، كارخانىلار ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىنى قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، قاراتمىلىقلىقنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، ھەيۋىنى ساقلاش لازىم. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزگە قاراشلىق ئورۇنلارنى كۆزىتىش ۋە شەھەر- ناھىيەلەرنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان نازارەتچىلىك تورىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم. نازارەتچىلىك يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى دۆلەت ئورگانلىرى نازارەتچىلىكى، دېموكراتىك نازارەتچىلىك، قانۇن يۈرگۈزۈش نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى ۋە جامائەت پىكرى نازارەتچىلىكى بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
  مەركەز بېكىتكەن ۋاقىت جەدۋىلى ۋە يول خەرىتىسىگە ئاساسەن، دۆلەتنىڭ مەمۇرىي تەپتىشلىك تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا قانات يايدۇرۇلىدۇ، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك، ناھىيەلىك مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتلىرى قۇرۇلىدۇ؛ 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا دۆلەت مەمۇرىي تەپتىشلىك قانۇنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىدۇ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتى تەسىس قىلىنىپ، دۆلەت مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بارلىققا كەلتۈرۈلىدۇ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ بىرلىشىپ ئىش بېجىرىشى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆز رايونىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات سىنىقىدا ھاسىل قىلىنغان تەجرىبىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپپاراتلارنى بىرىكتۈرۈش، خادىملارنى بىرلەشتۈرۈش ۋە خىزمەت تەرتىپىگە كۆندۈرۈش ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى لازىم. مەمۇرىي تەپتىش كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىچكى ئاپپاراتلارنى بىرتۇتاش تەسىس قىلىپ، بىرلىشىپ ئىش بېجىرىش شارائىتىدا ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىش بىلەن ئىنتىزام ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنىڭ بىر- بىرىنى چەكلەپ تۇرۇشىنى، ئىنتىزام ئىجراسى بىلەن قانۇن ئىجراسىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈش كېرەك.
  (5) چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلدۇرمايدىغان ھەيۋىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشكە يول قويدۇرمايدىغان قەپەسنى مۇستەھكەملەپ، چىرىكلىشىشنى خىيال قىلدۇرمايدىغان ئاڭلىقلىقنى ئۆستۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش لازىم
  چىرىكلىككە قارشى كۈرەشتە ۋەزىيەتنىڭ ھېلىھەم كەسكىن ۋە مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيەنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، چەكلەنگەن رايون بولماسلىق، تولۇق قاپلاش، قىلچە يول قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، توسۇشقا ئەھمىيەت بېرىش، قاتتىق بېسىم قىلىش، ئۇزاققىچە ھەيۋە كۆرسىتىش، سالماقنى ئاجىزلاشتۇرماسلىق، رىتىمنى ئۆزگەرتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىش سانىنى ئازايتىپ، چىرىكلىكنىڭ كۆپىيىشىنى نۇقتىلىق توسۇپ، پارتىيەگە سادىق بولماسلىق، كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇۋېلىپ ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىنى كەسكىن تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؛ سىياسىي مەسىلە بىلەن چىرىكلىشىش مەسىلىسىنىڭ مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزئارا گىرەلىشىۋېلىشىنى، پارتىيە ئىچىدە شەخسىي تەسىر كۈچىنى يېتىلدۈرۈشنى، مەنپەئەتدار گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇشنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالىدىغان چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىش كېرەك. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قېچىپ كەتكەنلەرگە مۆكۈنگىدەك جاي قالدۇرماي، قاچماقچى بولغانلارنىڭ خام خىيالىنى بەربات قىلىش لازىم. ئىبرەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تىپىك دېلو مىساللىرى ۋە ئىنتىزامغا- قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنىڭ توۋانامىلىرىنىڭ سەلبىي ماتېرىياللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، دائىملىق ھەيۋە شەكىللەندۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلدۇرماسلىق مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەش؛ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىلھام بېرىش ۋە چەكلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تايىنىپ چىرىكلىشىشكە يول قويدۇرماسلىققا تۈرتكە بولۇش؛ غايە- ئېتىقاد، ئاساسىي مەقسەتنى مۇستەھكەملەش، ئادەمنى توغرا تاللاش، ئوبدان ئىشلىتىش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، «تۆت ئىشەنچ»نى مەھكەم تۇرغۇزۇشقا تايىنىپ، چىرىكلىشىشكە خىيال قىلدۇرماسلىق مېخانىزمىنى كۈچەيتىش لازىم.
  (6) پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئىشىنىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش قوشۇنى قۇرۇش لازىم
  كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى پارتىيەگە باشتىن- ئاخىر سادىق بولۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش- ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى- سىياسىي سەۋىيەسىنى ۋە سىياسەتنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىدىن بولۇشى كېرەك. كادىرنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپى ۋە ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەگە ھەقىقىي سادىق، ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك ياخشى كادىرلارنى ئىشلىتىش لازىم؛ كادىرلارنىڭ خىزمەت ئورنى، ئىش ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورگان پارتكومى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە كادىرلار نازارەتچىلىكى ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش لازىم. نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجرا قىلىش خىزمەت قائىدىسىنى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، ئۆزىنى ئۆزى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىك بىلەن ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش كېرەك. بەنزىنى ياخشى يېتەكلەپ، قوشۇننى ياخشى باشلاپ، مۇستەھكەم غايە- ئېتىقاد ۋە پولاتتەك ئىنتىزام ئارقىلىق پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش لازىم.
  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى- پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى بوشاشماي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!
  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 29- ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى)

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى