قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كۆمەچ

2017-11-07 17:25:35     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كۆمەچ ئۇيغۇرتىلىدا قاقلاپ پۇشۇرۇلىدىغان نان دېگەن مەنىدە، ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان، يېيىشلىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. كۆمەچ بولسا ئاق ئۇن، زىرە، سۇ، قارىمۇچ، گۆش، خېمىرتۇرۇچ، پىياز، تۇز قاتارلىق ماتېرىياللاردىن تەييارلىنىدۇ.
تەييارلاش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە،  ئالدى بىلەن گۆش بىلەن پىيازنى ئۇششاق توغراپ، سوققان قارىمۇچ، زىرە، تۇز ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلىنىدۇ. ئاندىن خېمىرتۇرۇچلۇق خېمىر يۇغۇرۇپ، خېمىر بولغاندا مۇۋاپىق مىقداردا زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، ئەتراپىنى نېپىز، ئوتتۇرىسىنى قېلىنراق قىلىپ جىلتا ئېچىپ، ئىچىگە قىيما سېلىپ، تۆت بۇرجەك سامسا شەكلىدە ياكى يۇمىلاق تۈگۈپ، قۇرۇق ئۇن بىلەن قۇرغۇنلانغاندىن كېيىن، ئوتۇن قالىغان ئوچاقنىڭ ياكى تونۇر ئاستىغا قويۇپ، قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدۇ.
كۆمەچ ئۆزگىچە، تەملىك يېمەكلىك بولۇش بىلەن بىرگە، خەلقىمىز ئارىسىدا كۆمەچ ھەققىدە مۇنداق مۇھەببەتلىك رىۋايەتمۇ ساقلانغان:
ئۆتمۈشتە بىر جۇپ قىز- يىگىت ئۆز- ئارا ياخشى كۆرۈشۈپ قالغان، يىگىت دادىللىق بىلەن قىزنىڭ ئاتا- ئانىسىغا توي قىلىش تەلىۋىنى ئېيتقاندا يىگىتنىڭ ئەقىل- پاراسىتىنى سىناش ئۈچۈن، قىزنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنىڭغا بىر قىيىن مەسىلىنى يەنى ئائىلىگە يۈز مېھمان چاقىرىپ بىر قوي گۆشى ئارقىلىق سۆڭەكسىز تاماق، ھەم سەي تەييارلاپ، مېھمانلارنى رازى قىلىش، ئەگەردە بۇ ئىش ئىشقا ئاشۇرۇلسا توي ئىشىغا ماقۇل بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. يىگىت ئۆيگە قايتىپ نۇرغۇن كىشىلەردىن سورىغان بولسىمۇ جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. كېيىن نەچچە كېچە- كۈندۈز ئويلىنىش ئارقىلىق ئاخىرى بىر ئامالنى ئويلاپ چىققان. قىزنىڭ ئۆيىگە مېھمان كەلگەن شۇ كۈنى، يىگىت ئەتتىگەن تۇرۇپ بىر قوينىڭ پۈتۈن گۆشىنى شىلىپ توغراپ، ئۇنىڭغا پىياز، زىرە، قارمۇچ، تۇز قاتارلىق تەم- تەڭشىگۈچلەرنى قوشۇپ قىيما قىلىپتۇ ھەم 20 نەچچە جىڭ ئۇننى خېمىر قىلىپ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن چوڭراق بولغان شەكىلدە تەييارلاپ، ئىچىگە قىيمىنى سېلىپ ئەتراپىنى گۈل شەكىلىدە تۈگۈپتۇ. ئەمما پاتقۇدەك چوڭ قازان ياكى چوڭ تونۇر بولمىغاچقا قانداق پىشۇرۇشنى بىلەلمەپتۇ. كېيىن ئۇ مۇنداق بىر ئامال ئويلاپ چىقىپتۇ. ئۇتۇننى بىر يەرگە دۆۋىلەپ كۆيدۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، چوغىغا تەييار قىلغان خېمىرنى كۆمۈپتۇ. ئىككى چەينەك سۇ قاينىغۇدەك ۋاقىتتىن كېيىن نان پىشىپتۇ. ئارقىدىن بۇ چوڭ ناننى كۆتۈرۈپ قىزچاقنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، ئىچى پۇشۇپ تۇرغان قىزچاقنىڭ ئاتا- ئانىسى ناننىڭ چوڭلىقىنى، ئىچىدىكى قوي گۆشىنىڭ سۈڭەكسىز ئىكەنلىكىنى، تەمىنىڭ مېزىلىك بولۇپ، 100 مېھمانغا يېتىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىگىتنىڭ ئەقىل- پاراسىتىگە قايىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ توي ئىشىغا قوشۇلۇپتۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ كىشىلەر بۇ خىل ناننى «كۆمەچ» دەپ ئاتاپ ھازىرغا قەدەر تارقىلىپ كەپتۇ. كۆمەچنىڭ بىرقانچە  خىل بولۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىي تەجرىبىگە ئاساسەن كۆمەچ «پېتىر قىيما كۆمىچى»، «خېمىرلىق قىيما كۆمىچى»، «پېتىر كۆمەچ»، «خېمىرلىق كۆمەچ»، «قىيمىلىق قوناق كۆمىچى»، «قىيمىسىز قوناق كۆمىچى» ۋە «ياڭاق، شېكەر، پىياز، كۆكمۈچ، شوخلا قاتارلىقلار قىيما قىلىنغان كۆمەچ» قاتارلىق يەتتە خىلغا ئايرىلغان.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى