قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ھېكمەتلىك ئۈنچىلەر

2017-11-08 19:41:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

كىشىلىك ھاياتتا ھوزۇرلىنىشنى بىلىش كۆز بىلەن كۆرۈشتىنمۇ مۇھىم. چۈنكى، ھايات ھوزۇرسىز بولسا، ئۇنىڭدىكى لەززەتمۇ يوقاپ كېتىدۇ، ياشاش مەنىسىز تۇيۇلىدۇ. ھوزۇرلىنىشنىڭ ئۆزى بىر خىل قەدىرلەش، بەھىر ئېلىش. باشقىلارنىڭ ئېرىشكەن شەرەپلىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىر خىل ھۆرمەت، نەتىجىلىرىڭىزدىن باشقىلارنىڭ ھوزۇرلىنىشى ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىك. ئەگەر كىشىلىك ھاياتىڭىزدا ھوزۇرلىنىشنى بىلمىسىڭىز، گۈزەللىككە تويۇنغان كىشىلىك تۇرمۇشىڭىزمۇ، رەڭدار ۋە مەنىلىك ھاياتىڭىزمۇ بولمايدۇ. ھەر بىر كۈنىڭىز سىزگە ھوزۇرلۇق بولسۇن.
بىزدە «ياخشىلىق ئۇنتۇلمايدۇ» دەيدىغان سۆز بار. ياخشىلىق قانداقتۇر بىر خىل بېسىم ۋە مەجبۇرىيەت سەۋەبىدىن بارلىققا كەلمەستىن، بەلكى خالاش، ئىختىيار قىلىش ئارقىلىق مېھىر- مۇھەببەت ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا پەرۋا قىلماسلىق ياكى مەجبۇرىيىتى، دەپ قاراش تولىمۇ بىمەنىلىك. ياخشىلىق- رەھمەت ئېيتىش، مىننەتدارلىق بولۇش، ياخشىلىق قايتۇرۇش ئارقىلىق روناق تاپسۇن.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ئوخشاش بولمايدۇ، ئېرىشكەن بەختىمۇ ھەم ئوخشاش بولمايدۇ. ھايات مۇساپىمىزدە بىز ئۇچرىغان  قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلار ھاياتنىڭ ئەڭ زور بەخت ئىكەنلىكىنى بىزگە ئۇقتۇرىدۇ. چۈنكى، ھاياتلا بولساق نۇرغۇن ئىشلارنى قىلالايمىز، نۇرغۇن نەرسىلەردىن بەھرىمەن بولالايمىز. شۇڭا كىشىلىك تۇرمۇشنى، ھەر بىر كۈننى قەدىرلىشىمىز، ھاياتىمىزنى گۈزەل مەنەلەرگە ئىگە قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم.
دۇنيا ئۆز ئارا چۈشىنىش بىلەن تېخىمۇ ئىللىق، تېخىمۇ گۈزەل. چۈشىنىش بار يەردە كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچانلىق بولىدۇ. ئۆزئارا چۈشىنىش كىشىلەر قەلبىگە مېھىر- مۇھەببەت ئاتا قىلىدۇ. مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان دۇنيا بەئەينى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەن ئازادە بىر ماكان. ئۇنىڭ قوينىغا بەرىكەتلىك ئىزلار، مېھىر- شەپقەتلىك سېخىي قوللار، ساپ، خالىس نىيەتلىك دىللار مۇجەسسەم بولغان بولىدۇ.
سىز ئەينەككە كۈلۈپ باقسىڭىز، ئەينەكتىكى ئەكسىڭىزمۇ سىزگە كۈلۈپ باقىدۇ. بۈگۈن سىزنىڭ ئىلكىڭىزگە تەقدىم ئېتىلگەن ھاياتقا خوشاللىق ۋە رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈپ باقسىڭىز، ھاياتمۇ سىزگە خوشاللىق ۋە بەخت ئاتا قىلىدۇ. شۇڭا دوستۇم، ھاياتنى سۆيۈڭ، ھاياتقا دائىم كۈلۈپ بېقىڭ!
كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئىشىڭىزنىڭ ھەمىشە كۈتكىنىڭىزدەك ئوڭۇشلۇق روياپقا چىقىشى ناتايىن. مۇنداق چاغلاردا ئوشۇقچە ئىككىلەنمەڭ، سەمىمىي بولۇڭ، تەجرىبە يەكۈنلەڭ، ئەتراپىڭىزدا تىنىم تاپماي ئىشلەيدىغانلار، ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىدىغانلارنى ئۇچراتقىنىڭىزدا، ئۇلارنىڭ ياخشى تەرەپلىرىنى ئۆزىڭىزگە ئۈلگە قىلىڭ.
مېھىرلىك قەلبلەردىن تۆكۈلىۋاتقان يېقىملىق كۈيلەر گاھ ھاياتتىن چارچىغان كۆڭۈللەرنى بەزلىسە، گاھ ئەبەدىيلىك خىسلىتىنى نامايان قىلىپ، قەلبىدىكى بىگانىسى بىلەن ئاپئاق بۇلۇتلارغا ئولتۇرۇپ پارلاق ئىقبال يايلاقلىرىنى، بۈيۈك ۋېسال تاغلىرىنى، لىرىكىلىق چىمەن باغلارنى، مۇھەببەتلىك ئوكيانلارنى ۋە ئىنسانىي روھنىڭ ئەڭ نازۇك تۇيغۇلىرىنى بۇ يېقىملىق كۈيلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلايدۇ.
قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ئىرادىسىزلىك قىلىش - قىيىنچىلىقنى ئىككى ھەسسىلىگەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بەزىلەر ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا روھى چۈشۈپ، ھەممە ئىشتىن رايى يېنىپ كېتىدۇ، بۇنداق چاغدا تۇرمۇشنىڭ بېرىدىغىنى تېخىمۇ ئارتۇقراق ئەلەم ۋە ئازاب بولىدۇ، خالاس. تۇرمۇش كۈلكىگە موھتاج، بولۇپمۇ ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا كۈلۈشكە جۈرئەت قىلىش، كۈلۈش كېرەك. شۇ چاغدىلا ھايات سىزگە ئۆزىنىڭ يېقىملىق كۈلكىسى بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ. كۈلۈڭ، ھاياتنىڭ پەللىسىگە قاراپ ئەبەدىل ئەبەد كۈلۈڭ... بۇ دۇنيا بەك گۈزەل.
ھاياتتا كىشىگە ئەڭ ياخشى ياردەم شۇ كىشىنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ. ئۆزىنى تۇتىۋىلىش، ئۆز- ئۆزىنى باشقۇرۇش، سۆزدە ئىھتىياتچان بولۇپ، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ پايدىلىق سۆزلەرنى قىلىش، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۇسۇلغا دىققەت قىلىش كىرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى