قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەھەللىدىكى ياخشى ئاچا- سىڭىللار

2017-11-10 12:16:25     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىزنىڭ «مەھەللىدىكى ياخشى ئاچا- سىڭىللار» ماۋزۇلۇق ماقالىسى
ئۈرۈمچى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇنخابا رايونى) 1- ئاۋغۇست يولى مەھەللىسىدىكى شۈ ۋېيلەن بىلەن ئامىنە ئابلىز ئۇدۇل قوشنىلاردىن. ئۇزۇن مۇددەت ئارىلىشىش، ئالاقىلىشىش داۋامىدا ئۇلار ئۆز ئارا ياردەم بېرىپ، بىر- بىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ يېقىن ئاچا- سىڭىللاردىن بولۇپ قالدى.
ئىككى كۈندىن بۇيان، ئامىنە ئابلىز سىرتقا تۇغقىنىنى يوقلاشقا بارماقچى بولدى. ئەمما، ئۆيدىكى گۈللەرگە سۇ قۇيىدىغان ئادەم بولۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاچقۇچىنى يېقىن قوشنىسى شۈ ۋېيلەنگە بەردى.ئۇ مۇنداق دېدى:- بىز 30 يىللىق قوشنا. ئاچقۇچنى ئۇنىڭغا بەرسەم خاتىرجەم بولىمەن.
   شۈ ۋېيلەن ئامىنە ئابلىزنىڭ بۇنداق ئىشلىرىغا كۈنۈپ قالغان ئىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:- بىز بىر- بىرىمىزگە ياردەم بېرىمىز، ئۇ مېنىڭ ھاجىتىمدىن چىقىدۇ، مەن ئۇنىڭغا ياردەم بېرىمەن.
   ئىككەيلەننىڭ بۇنداق چوڭقۇر مېھرى- مۇھەببىتى 30 يىللىق سىناقتىن ئۆتكەن. ئەينى ۋاقىتتا، بۇ ئىككەيلەن شۇ مەھەللىگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقاندا گەرچە خوشنا بولسىمۇ پەقەتلا تونۇشمايتتى. ئەمما، شۈ ۋېيلەن بىلەن ئامىنە ئابلىز بەك ئىشچان ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋاقتى بولسىلا كارىدور تازىلايتتى. ئۇلار بىر- بىرىنى ئۇچىرىتىپ قالغاندا كۈلۈمسىرەپ قويۇشاتتى. مانا بۇ كۈلۈمسىرەش ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېقىنلاشتۇردى.
1998- يىلى7- ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى شۈ ۋېيلەننىڭ يولدىشىنىڭ تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ھاجەتخانىدا يېقىلىپ قالدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى يېنىدا بولمىغاچقا، بۇ جىددىيچىلىكتە شۈ ۋېيلەن خوشنىسى ئامىنە ئابلىزنىڭ ئىشىكىنى چەكتى. ئامىنە ئابلىز دەرھال ئوغلى ئابدۇسېلىم قادىرنى چاقىرىپ ئۇلارغا ياردەم بەردى. شۈ ۋېيلەن ئەينى ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى:- يولدۇشۇم خېلى بەستىلىك ئادەم بولغاچقا ئابدۇسېلىم يولدۇشۇمنى يۈدەلمەي ئۇنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاپتوموبىل تېپىپ كېلىپ تاكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئېلىپ بارغۇچە ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلمىدى. ئەينى ۋاقىتتا شۇ ھامان دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىغان بولساق ئۇنى قۇتقۇزغىلى بولمايتتى.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار تاماقتىن كېيىن مۇڭدىشىدىغان، بىكار بولۇپ قالغاندا بىرگە ئايلىنىپ كېلىدىغان، قايسى ئائىلە بىرەر ئېغىرچىلىققا يولۇقسا  ياردەم بېرىدىغان بولدى. ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، ئىككى ئۆيلۈكنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ، ئىككى ئۆيلۈكنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ قېرىنداشلاردەك بولۇپ قالدى. «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، شۈ ۋېيلەن بىلەن ئامىنە ئابلىز ئاچا-سىڭىل بولۇشۇپ، ئىككەيلەننىڭ مېھرى- مۇھەببىتى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى