قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كەيپىياتىڭىزنى ھەر ۋاقىت ياخشى تۇتۇڭ

2017-11-10 17:30:37     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەكسىچە كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن بولغاندا، تۇرمۇش گويا ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاچچىق ۋە شەپقەتسىزدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ غۇۋالىقىنى ھېس قىلىسىز. ھەمدە ئەتراپتىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىڭىز، ھەتتا خاتا نەزىرىڭىز بىلەن قارايسىز. بۇ چاغدا سىزنى ناچار روھىي كەيپىياتىڭىز قايمۇقتۇرغان بولىدۇ.
ئەتىگەندە روھىي كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان بولسا، ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، كۈڭۈلدىكىدەك خىزمىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن خۇرسەن ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىيغىنە پىكاپىڭىزدىن مەمنۇن بولغان بولىسىز، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قارايسىز.
دەرۋەقە، تۇرمۇش دېگەن ھەرگىزمۇ كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا قارىغىنىڭىزدەك ئادەمنى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ناچار ئەھۋالىڭىزغا دىياگونوز قويۇپ تۇرۇشىڭىز، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. كەلسە-كەلمەس ئاچچىقلانماڭ، ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان گەپ- سۆزلەرنى قىلماڭ. ئىنچىكە ئويلاپ باقسىڭىز، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاچقا، مەيۈسلىنىسىز.
دېمەك، «بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ» دەپ دائىم ئويلاپ تۇرسىڭىز، ئۇ راستىنلا سىزنى قىينىمايدىغان بولىدۇ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولغاندا تۇرمۇشقا رەھمەت- ھەشقاللا ئېيتىڭ. كەيپىياتىڭىز ناچارراق بولغاندا، ئۆزىڭىزنى سالماق، ئادەتتىكىدەك تۇتۇڭ. تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن سەگەك ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولىسىز.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى