ئۈرۈمچىئىلىچۆچەكئالتايبايىنغۇلىنبورتالاشىخەنزەسانجىقۇمۇلتۇرپانكۈيتۈنقارامايئاقسۇقىزىلسۇقەشقەرخوتەن
باش بەتخەۋەرلەر مەركىزىسۈرەت مەركىزىئەدەبىيات – سەنئەتمەدەنىيەتكىنولار– دىراممىلارئەسلىمە
ئۈنۋېرسال رادىيو سەنئەت رادىيوكەسىپ ئىستىلى  تاللاپ   ئاڭلاشئۇيغۇرچە ئۈگۈنۈشخەنزۇچە ئۈگۈنۈشئىستانسىمىز ھەققىدە
• ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى جايلار ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى• 1.مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى- تەرەققىياتى يىلى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى• «ئۇ كوماندا ئەزاسى، ھەم ترېنېر» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوچېرك•  يىپەك يولى خەلقئارا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ئېگىز تاغدا ئايلىنىپ چاڭغا تېيىلىش تۈرى بويىچە ئىككى ئالتۇن مېدال مەيدانغا كەلدى• ئاپتونۇم رايوننىڭ لىكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنى ۋە ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم 8-نۆۋەتلىك كومىتېتى 10-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ھەققىدە دوكلات بەردى• ئاۋامنىڭ كەڭ زىمىندا ئىگىلىك تىكلىشى• بىپايان جەنۇبىي شىنجاڭ زېمىنىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ گۈزەل كارتىنىسىنى يارىتايلى• ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى• ئاپتونوم رايونلوق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزى ئۆگۈنۈش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 10- ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلوق پارتكوم خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگەندى• مائارىپ ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش• شىنجاڭنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىدارە قىلىش سەۋىيىسىنى ئۆزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرمەكتە• ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش• «جەنۇپتا يىلتىز تارتقان بىر تۈپ يۇلغۇن» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئوچرىكىنىڭ «چىن ھىسىياتنى بېغىشلاش» دېگەن ئىككىنچى قىسىمى• گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىپ، ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرايلى• ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتر پاكىز ئېنېرگىيەلىك ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەشنى نوقتىدا سىناق قىلىش لايىھەسى تەستىقلاندى• جۇڭشىڭ ئېنېرگىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك كەسىپلەر بازىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان فوتوۋولت يۈرۈشلۈك ماددىي ئەشيالىرى پاكىستانغا يەتكۈزۈلدى• ئاپتونوم رايونىمىز بىر تۈركۈم زور قاتناش ئۇل ئەسلىھەلەر تۈرىنى يولغا قويدى• تەبەسسۇملۇق چىرايلار• ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرى خىزمىتى يىغىنى ۋە ئېلېكترونلۇق سودا ئىشلىرىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش خىزمىتى نەق مەيدان يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى• جاھان ئەھلىنىڭ دىققىتىنى تارتقان چولپان كەنت• شىنجاڭ ساياھەتچىلىككە مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ خۇڭيۈەن دەۋر مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى كېلىشىم ئىمزالىدى• ئاممىنى قەلبىدە ساقلاپ، پۈتۈن مۇھەببىتى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش• خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، جان- دىلى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش•  13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قىشلىق تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى• ئاپتونوم رايونىمىز دۇنيا ئىقتىسادى بىلەن بولغان جىپسىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى يادرولۇق رايونغا ئايلاندى• دۇنيا زوراۋانلىق، تېررورلۇقتىن قورقۇپ قالمايدۇ• ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش• «تېررورىزىمغا زەربە بېرىشتە جەزمەن ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش كېرەك» دېگەن ماۋزۇدىكى ئوبزور ئېلان قىلىندى• ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «يېزا- بازارلىق پونكىتلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» ئېلان قىلدى•  مىترو 1- نومۇرلۇق لىنىيەسى پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇنجى قوش لىنىيەسى تۇتاشتۇرۇلغان رايون ئارا تونىل بولۇپ قالدى• 5 چوڭ تەرەققىيات قارىشى ئىچىدە، يېشىل تەرەققىيات قارىشى يارقىن نوقتا بولۇپ قالدى• ئىقتىساسلىق كادىرلار جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاچقۇچى• 5 چوڭ تەرەققىيات ئۇقۇمى ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا يىتەكچىلىك قىلىش• ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسى خىزمەتلىرىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق ئاساسىنى پۇختىلاش• ئورتاق قاراشنى مۇجەسسەملەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى بەت ئاچايلى•  «13- بەشيىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى تەكلىپتە، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى 5 يىللىق تەرەققىيات خەرىتىسى كۆرسىتىپ بېرىلدى• ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ياڭاقچىلىققا تايىنىپ بېيىغان قېرىنداشلارنىڭ ھېكايىسى• «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتىنى ساياھەت قىلىش» قىش ۋە ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت ئاساسىي تېما پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىدۇ
• مىسىر زوڭتوڭ سايلىمىدا مۇسۇلمان بۇرادەرلەر جەمئىيىتىگە تەۋە ھەققانىيەت پارتىيېسىنىڭ رەئىسى مورشى بىلەن سابىق زوڭلى سەفىقنىڭ بېلەتكە ئېرىشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئىككى ئورۇننى ئىگىلىگەن• 2015 - يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىز ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 5 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن• ھىندىستاندا ئىسسىق ھاۋا 81 ئادەمنىڭ بېشىغا چىقتى• بىرمىدا ھەر يىلى تەخمىنەن 18 مىڭدىن 23 مىڭغىچە ئەيدىز بىمارى ئۆلۈپ كېتىدىكەن• كورىيە ئارمىيە دائىرىلىرى: چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىپ بولدى، دېدى
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كىتاپ ئوقۇش ۋە بەخت تۇيغۇسى

2017-11-10 20:15:54     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«كىتاپ ئىنسانىيەت قولىدا ئختىرا بولغان مەنىۋىيەت تۈۋرۈكىدۇر، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك يۈدۈگۈچىسى. كىتاپ مەڭگۈلۈك تېمىلارنىڭ بىرى، ئۇ قەدىمدىن تارتىپلا خۇددى مۇھەببەتكە ئوخشاش كۈيلەنگەن، ئاتا-ئانا مېھرىگە ئوخشاش مەدىھيە ئوقۇلغان...»
كۈتۈپخانىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقىنىمدىن بۇيان كۈندە كىتابلار بىلەن مۇڭدىشىدىغان ۋاقىتلىرىم كۆپەيدى، بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلىمەن. ئىنساننىڭ بەخت تۇيغۇسى ئوخشاش ئەمەس، ئەمما ھەممىسىنىڭ ئورتاق نۇقتىسى بار، ئۇ بولسىمۇ خوشاللىق ئوخچۇپ چىققان چاغدىكى كۆڭۈل ئازادىلىكىدۇر، كىتاپ ئوقۇش ھەقىقەتەن بەخت تۇيغۇسىدۇر.
كۈتۈبخانىغا كېلىپ كىتاپ ئارىيەت ئالىدىغان بىر قىز بار. ياسىنىشى ئاددى-ساددا، تەقى-تۇرقىدىن مۇلايىملىقى چىقىپ تۇرىدىغان بۇ قىز ئارىيەت ئالغان كىتابنى ۋاقتىدا قايتۇرىدۇ، پاكىز تۇتىدۇ، قايتۇرۇپ بولۇپ يەنە بىر مۇنچە كىتابلارنى ئارىيەت ئېلىپ قايتىدۇ. ئۇنىڭ ئارىيەت ئالىدىغان كىتابلىرىنىڭ تۈرى كۆپ، يەنە كېلىپ خەنزۇچە كىتابلارنىمۇ ئارىيەت ئالىدۇ. بۇ قىزغا دېققەت قىلىۋاتقىنىمغا ئۇزاق بولدى. ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشنى ئىستىسەممۇ پۇرسەت بولماي كەلگەنىدى. بىر قېتىم پۇرسەتمۇ كەلدى.
-كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەنسىز ھە،-دېدىم قىزغا تىزىملىكتىكى كىتابلىرىنى سۇنغاچ.
-ھەئە،-دېدى قىز بوش ئاۋازدا،-بىر خوشاللىقىم كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدۇ.
-مۇنداق دەڭ، ئۆيىڭىزدە ساقلاپ قويغان كىتابلىرىڭىز كۆپمۇ؟-دېدىم ئۇنىڭغا.
-ئانچە كۆپ ئەمەس، لېكىن ياخشى كىتابلىرىم بار،-دېدى قىز ،-ئارىيەت ئالغان كىتابلاردىن خاتىرە قالدۇرىمەن، بۇنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەسقېتىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
-كىتاب ئوقۇشتىن خوشاللىق تاپىدىكەنسىز-دە،-دېدىم مەن ئۇنىڭدىن كۆپرەك گەپ ئېلىش ئۈچۈن.
-ئەلۋەتتە،-قىزنىڭ كۆزى چاقناپ كەتتى،-كىتاب ئوقۇش چوڭ خوشاللىقىمنىڭ بىرى. كىتاب ئوقۇغىنىمدا ئۇنتۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۇنتۇيمەن، ئەمما يېڭى-يېڭى نۇرغۇن كىشى ۋە نۇرغۇن نەرسىلەر بىلەن تونۇشىمەن. ئويلايدىغىنىم كۆپ، پەقەت كىتابلا ماڭا ياردەم قىلالايدۇ.
-توغرا ئېيتتىڭىز،-دېدىم مەن ئۇنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلۇپ، كىتاب ئۆزىدە ھازىر قىلغان نۇرغۇن نەرسىلىرى بىلەن كىشىلەرگە مۇڭداش ۋە ئۇستاز بولالايدۇ.
قىز سۆزۈمگە قوشۇلۇپ بېشىنى لىڭشىتتى ۋە:
-ھەدە، يېقىندىن بۇيان دېققەت قىلدىڭىزمىكىن، مەن خەنزۇچە كىتابلارنىمۇ ئارىيەت ئېلىۋاتىمەن. ھازىر خەنزۇ تىلىدىنمۇ ئوبدانلا ساۋادىم چىقىپ قالدى، شۇڭا خەنزۇچە كىتابلاردىنمۇ بىۋاستە پايدىلىنىۋاتىمەن. سىزگە راست گەپنى ئېيتسام، كىتاب ئوقۇش بىلىدىغانلىرىمنى كۆپەيتتى، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا بۇ دۇنيادا مۇشۇنداق كۆپ ھېكايىلەرنىڭ بارلىقىنى، خىلمۇ-خىل كىشىلەر بىلەن دۇنيانىڭ جەلىپكار بولىدىغانلىقىنى بىلدىم،-دېدى.
مانا خوشاللىق، مانا ھوزۇر دېگەن! كىشى كىتاپ ئوقۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان ماكان-زاماندىكى باشقا كىشىلەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا كىرەلەيدۇ؛  كىتاپ ئوقۇغان كىشى تونۇش ۋە بىلىش دائىرىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتقانلىقىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلىدۇ.
كۈتۈپخانىمىزنىڭ بەس-بەستە كىتاپ ئارىيەت ئېلىۋاتقان كىشىلەر بىلەن ئاۋات بولۇشنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلىمەن. بۇنداق  ئۈمۈد-ئارزۇلاردا بولىدىغان كىشى بەكمۇ كۆپ. ھەر يىلى 23-ئاپرېل ئۆتكۈزىلىدىغان «دۇنيا كىتاپ ئوقۇش كۈنى» مۇشۇ ۋەجىدىن ئوتتۇرغا چىققان. ئومومىي خەلق ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە كىتاپ ئوقۇش بەكمۇ مۇھىم.
دەۋرىمىزدە كىتابنىڭ تۈرلىرى كۆپەيدى، بۇنى رەقەم بىلەن ئىپادىلەشمۇ بىر مەسىلە، ئەمما، كىتاب يۈزىگە چىقمىغان بوشلۇق يەنىلا نۇرغۇن. دەرۋەقە، كىتاپ«ۋاراقلىساقلا مەنپەئەت بېرىدۇ»، ئەما كىتاب دېڭىزىدا غەۋۋاس بولۇشنىڭ ئۆزى بىر ماھارەت.
كىتاب بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۈتۈبخانا خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتقىنىم ئۈچۈن تولا ھاللاردا دوست-يارەنلەرگە كىتاب ئوقۇشنى تەۋىسيە قىلىمەن.
-قانداق كىتابلارنى ئوقۇسام بولار؟-دېدى بىر دوستۇم.
-ئوقۇيمەن دېسەڭ كىتاب بەكمۇ كۆپ، ھەممىنى ئوقۇپ بولالىشىڭ مۇمكىن ئەمەس. تاللاپ ئوقۇغىن. ئۆزۈڭنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىڭغا ماس بولغان كىتابلارنى ئوقۇغىن؛چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك، زۆرۈر كىتابلارنى ئوقۇغىن،-دېدىم ئۇنىڭغا.
ئۇنىڭ:«بالام بىلەن شۇنچە ئالدىراش تۇرسام، كىتاب ئوقۇشقا نەدە چولا»دېيىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. مەن ئۇنىڭ گېپىنى ساقلىمايلا:
-دوستۇم، بالا تەربىيلەش توغرىسىدا نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ بولۇشۇڭ مۇمكىن ئەمەس. كىتابمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش قورالى، سەن پەرزەنت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابلارنى ئوقۇغىن، بالاڭ ھەققىدە كىتاب بىلەن مۇڭدىشىپ باققىن، شۇ چاغدا نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىڭنى ئويلىنىپ باقساڭ بولىدۇ. ئىشىنىمەنكى، چوقۇم ماڭا رەھمەت دەيسەن،-دېدىم.
كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە نىسبەتەن، كىتاب ئوقۇش تەسۋىرلىگۈسىز ھوزۇر؛ كىتابتا ئىپادىلەنگەن ئوي-پىكىر ئۇنىڭ ئۈچۈن شەكىلسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ، چوقۇم ئۇنىڭ ئىدىيەسىگە، كۆز قارىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە، كىتابنى ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش،خىزمەت، قىزىقىش ۋە كەسىپ نۇقتىسىدىن تاللاپ ئوقۇش بەكمۇ مۇھىم. ئېنىقكى، داڭلىق ئالىم ۋە دانىشمەنلەرنىڭ نۇرغۇن كىتاب ئوقۇغان بولۇشى ياكى نۇرغۇن كىتاب يازغان بولۇشى ناتايىن، شۇنداقلا چوقۇم شۇنداق بولۇشى كېرەك ئەمەس. ئۇ بىزگە كىتابلارنىڭ ئۆزىگە خاس تۈر ۋە خىلغا بۆلۈنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ئوقۇرمەندىنمۇ ئۆز ساھەسىگە ماسلاشتۇرۇپ تاللاپ ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
مەن توغرا ئېيتقانىدىم. ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ھېلىقى دوستۇم تېلېفۇن قىپتۇ.
-ئالدى بىلەن ساڭا رەھمەت ئېيتىۋالاي، سېنىڭ تەۋىسيەڭ بىلەن بالا تەربىيەسىگە ئائىت ئىككى پارچە كىتاب سېتىۋېلىپ ئوقۇدۇم. بىلەمسەن، ئۆزۈم يولۇققان بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاب تېپىۋالدىم،-دېدى ئۇ ھاياجان بىلەن.
مەن ئۇنىڭغا مۇشۇ كىتابلار بىلەنلا توختاپ قالماسلىقنى، كىتاب ئوقۇشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىشنى جېكىلىدىم، ئۇ ماقۇل بولدى.
مېنىڭچە كىتاپ ئوقۇش ئاڭلىق ھەركەتكە ئايلىنىشى كېرەك. كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرۈدىغان كىشىگە نىسبەتەن، ھايات بىلەن كىتاپ ئايرىغىلى بولمايدىغان دەرجىدە بىر-بىرىگە كىرىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ئادەم بىلەن كىتاپنىڭ مۇناسىۋىتى بەكمۇ يېقىن.
كىتاپ كۆرۈش زېھنىنى ئاچىدىغان ئەمگەك، شۇنداقلا كۆڭۈللۈك ساياھەت. كىتاپ ئوقۇش مۇستەقىل تەپەككۈر ئىقتىدارىنى تاۋلايدىغان ۋاستىدىن ئىبارەت. تەپەككۈرى ئويغاق ۋە چوڭقۇر كىشىلەردىن بولۇش، مۇھىمى ھەقىقىي ئادەم بولۇش، ھاياتتىن ھەقىقىي مەنە يارىتىش ئۈچۈن كىتاپنى دوست تۇتۇش، كىتاپ ئوقۇشنى كۈندىلىك ئاڭلىق ھەركىتىمىزگە ئايلاندۇرۇش تەرەققىيات تېز بولۇۋاتقان بۇ دەۋردە تولىمۇ مۇھىم.

كۆرۈپ قويۇڭ
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى