قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەنىۋى دۇنيارىڭىز ساغلام بولسۇن

2017-11-10 20:17:22     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

مەنىۋى مەدەنىيەت ماددى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى. كىشىلەرنىڭ مەنىۋى ساپاسى، مەنىۋى دۇنياسى ساغلام بولمايدىكەن ماددى جەھەتتىن ھەر قانچە تەرەققىي قىلسىمۇ ئومۇمىيەت تۇيغۇسىنىڭ ئورنىنى شەخسىيەتچىلىك ئىگىلەپ كېتىدۇ. مەنىۋىيىتى تەرەققىي قىلمىغان ئادەمنىڭ ماددى جەھەتتىكى تەرەققىياتى شۇنچە تېز بولسىمۇ ئۇ ھامان يەنىلا مەنىۋى جەھەتتىن نامرات تۇرۇۋېرىدۇ. شۇڭا ماددى بايلىق بايلىق ئەمەس بەلكى مەنىۋى بايلىق ھەقىقىي بايلىقتۇر. كىشىلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى ماددى جەھەتتىن ئەمەس، بەلكى مەنىۋى جەھەتتىن يېتىلگەندىلا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىش، ئىلىم-پەن ئۆگىنىپ پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش، قالاق كۆز قاراش ۋە ناچار ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىماسلىقتەك ئاكتىپ ئېنېرگىيەگە ئىگە بولالايدۇ.
مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەم قانداق قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق، گەپ-سۆز، ھەرىكەتتە نېمىگە ئەھمىيەت بېرىشنى بىلەلەيدۇ.
ئادەمنىڭ تۈرلۈك پائالىيىتى، گەپ-سۆز، ئىش-ھەرىكىتى ئۇنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ كونتروللىقىدا بولىدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەم قانۇن -تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىپ ياخشى بولغان ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن جەمئىيەت ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇپ، ئىجىل -ئىناق تۇرمۇشنى قەدىرلەپ، ئۆزىنى تەرققىي قىلدۇرۇشنى، نۆۋىتىدە دەۋردىن مىننەتدار بولۇپ، ۋەتەنگە تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى بىلىدۇ.
مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەم ئاكتىپ ئېنېرگىيە تولۇقلاش، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تېپىش، دەۋر مىلودىيەسىگە جۆر بولۇش، ئەخلاق ھەم قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى ئىدارە قىلىش، ياخشى بولغان ئائىلە ئەخلاقى بىلەن پەرزەنت تەربىيلەشنى بىلىدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەمنىڭ ئىش-ھەرىكىتى يوللۇق، گەپ-سۆزلىرى ئورۇنلۇق، مۇناسىۋەت دائىرىسى ساغلام بولۇپلا قالماي، مۇھىمى، جەمئىيەتتە تېگىشلىك ھۆرمەت ھەم ئىززەتكە نائىل بولىدۇ.
مەنىۋىيىتى ساغلام بولمىغان ئادەمنىڭ تەپەككۈرى ساغلام بولمايلا قالماي، دۇنيا قارىشىمۇ ساغلام بولمايدۇ. شۇنداقلا شەيئىلەرنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولىدۇ، خارەكتېرىمۇ ساغلام بولمايدۇ. ئادەم مەنىۋىيىتىدىكى ئەخلەت-چاۋا، مىكروبلارنى ۋاقتىدا تازىلاپ تۇرمىغاندا روھى دۇنياسى غۇۋالىشىپ، ئاكتىپ كۆز قاراش يېتىلمەي ناچار ئىش-ھەرىكەت، ناچار قىلىقنى ئاسانلا ئۆزىگە يۇقتۇرۋالىدۇ. مەنىۋىيىتى ساغلام ئادەمنىڭ روھى -كەيپىياتىمۇ ساغلام، ئەقلىي تەپەككۇرىمۇ يۇقۇرى، پىسخىكىسىمۇ ساغلام بولىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەم مەنىۋىيىتىدىكى دەۋرگە ماسلاشمىغان ئەخلەتلەرنى تازىلاپ تۇرۇشى، ئاكتىپ ئېنېرگىيە تولۇقلاشقا سەل قارىماسلىقى كېرەك.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى