قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئۇستاز ھېكمىتى

2017-11-10 20:18:21     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

يېقىن كىشىلىرىنىڭ چىن يۈرىكىدىن قىلغان سەمىمىي تەكلىپى ياكى بىرەر ھېكمەتلىك سۆزى ئادەمنىڭ ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر قىلىدىكەن، ماڭىمۇ نۇرغۇن ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ خالىس، سەمىمىي تەكلىپلىرى تەسىر قىلغانىدى. شۇلارنىڭ ئىچىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلىمنىڭ بىر قېتىملىق ئايرىم سۆھبەتتە قىلغان سۆزى تا ھازىرغىچە ئېسىمدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق.
باشلانغۇچ مەكتەپنى ئوتتۇرىھال نەتىجە بىلەن پۈتكۈزۈپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققان مەندەك ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرسلىرى ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. بۇ يەردە باشلانغۇچ مەكتەپتىكىدەك يىگىرمە نەچچە بالا بىر سىنىپتا ئوقۇمايتتۇق، سىنىپىمىزدا ئەللىك ئاتمىش ئوقۇغۇچى بار ئىدى. شۇڭا ئارقىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى، تۆتىنچى بولۇپ ئاران ئوقۇۋاتاتتىم. دەرسكە يېتىشەلمىگەننى ئاز دەپ، ھەر كۈنى ھەممە دەرس ئوقۇتقۇچىلىرىدىن دېگۈدەك دەشنام يەيتتىم. بارا - بارا دەرسكە قىزىقماس بولدۇم، مەكتەپتىكى بىر قىسىم بالىلار ھە دېسىلا خەنزۇتىلى، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق دەرسلەرگە قاتناشمايتتى، مەكتەپتىن قېچىپ بىليارت ئوينايتتى. مەنمۇ شۇلارنىڭ توپىغا قوشۇلدۇم، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۆيۈمگىمۇ قايتقۇم كەلمەيتتى، چۈنكى ئۆيگە قايتسام ئاخىرى چىقماس ئائىلە ئەمگىكى ۋە دېھقانچىلىق، تېرىقچىلىق ئىشلىرى مېنى كۈتۈپ تۇراتتى. كېيىن دادام ئاپامدىنمۇ دەشنام يەيدىغان بولۇپ قالدىم.
روھىم چۈشكۈن ئۆتۈۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىپىمىزغا ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، يېڭىدىن خىزمەتكە چىققان ياش بىر مۇئەللىم مەسئۇل بولدى، ئۇنىڭ چىرايىدىن كۈلكە كەتمەيتتى، ھەمىشە بىزگە ئىلھام بېرەتتى. سىنىپ مەسئۇلىمىزغا فىزىكا دەرسى تەقسىم قىلىنغان بولۇپ، جەمىئيەتتە بولۇۋاتقان يېڭىلىقلار، ئىختىرالارنى دەرسكە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بىزنى رام قىلىۋالاتتى.
بىر كۈنى دەرستىن چۈشۈپ بىرنەچچە دوستۇم بىلەن ئۆيگە قايتايلى دەپ تۇراتتۇق، بىرىنىڭ «ئۇبۇلجان» دەپ چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئارقامغا قارىمىدىم، يېڭى سىنىپ مەسئۇلىدىن باشقىلار مېنى «ئۇبۇلجان» دەپ چاقىرمايتتى. باشقىلارنى چاقىردى بولغاي دەپ مېڭىۋەردىم. «سېنى دەۋاتىمەن!» بىرى غولۇمغا يېنىك ئۇردى، بۇ يېڭى سىنىپ مەسئۇلىم ئىدى، ئۇ مېنى ئايرىم ئېلىپ قالدى.
  - تاماق يەمسەن؟ بىردەم پاراڭلىشايلى! - دېدى ئۇ سەمىمىيلىك بىلەن.
  -يا... ياق، قورسىقىم ئاچمىدى! - دېدىم مەن خىجىل بولۇپ.
  - ماڭە بولدى!
  بازارنىڭ چېتىدىكى يېڭىدىن ئېچىلغان بىر ئاشپۇزۇلغا كىردۇق، ئاشخانىدا بىرمۇ خېرىدار يوق ئىدى، تاماقنى بۇيرۇتقاندىن كېيىن، ئارىمىزدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، تۇيۇقسىز مۇئەللىم:
  - دەرس ئوقۇتقۇچىلىرى سېنى دەرسكە قاتناشمايدۇ دەپ كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلدى، نېمىشقا مېنىڭ دەرسىمدىن باشقا دەرسلەرگە قاتناشمايسەن؟ - دېدى.
  نېمە دەپ جاۋاب بېرىشىمنى بىلەلمىدىم، مۇئەللىم بىردەم تۇرۇۋېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش ھاياتىنى قىسقىچە سۆزلەپ بەردى، ئۆزىنىڭمۇ باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ياخشى ئوقۇمىغانلىقىنى، كېيىن ئۇستازنىڭ ئايرىم تەربىيە بېرىشى، يېتەكلىشى بىلەن تىرىشقانلىقىنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا ئاساسى ئاجىز بولغاچقا، باشقىلار بىر قېتىمدا ئۆگىنىۋالغان مەزمۇننى بەش - ئالتە قېتىم ئۆگىنىپ ئاندىن ئۆزلەشتۈرگەنلىكىنى، شۇڭا ھازىردىن باشلاپ ئاساسنى ياخشى سېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئېيتتى. مۇئەللىم ئاخىرىدا مۇنۇ سۆزلەرنى ئالاھىدە ئۇرغۇلۇق ئېيتتى: « ئادەم ئۈچۈن بىلىم پۇلدىنمۇ مۇھىم، سەن ئىگىلىگەن بىلىم ھامان ئەسقاتىدۇ! ئوغۇل بالىدا يا بىلىم يا ھۈنەر بولمىسا بىر ئۆمۈر خارلىقتا ئۆتىدۇ.»
  شۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن باشقا دەرسلەردىن قاچمايدىغان بولدۇم. «تىرىشىپ باقاي، باشقىلار بىلگەننى مەن نېمىشقا بىلمەيمەن دەپ ئويلىدىم، مۇئەللىمنىڭ «سەن ئىگىلىگەن بىلىم ھامان ئەسقاتىدۇ!» دېگەن سۆزى بويىچە تىرىشتىم، بارا - بارا مەندە، نەتىجەمدە، ئوقۇتقۇچى،ساۋاقداشلىرىمنىڭ ماڭا تۇتقان پوزىتسىيىسى، بەرگەن باھاسىدا ئۆزگىرىش بولدى.
  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بازىرىمىز بويىچە بىرىنچى، ناھىيە بويىچە ئالتىنچى بولۇپ ئۆتتۈم. ئالىي مەكتەپتىمۇ ئۇستازىمنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئۇنتۇمىدىم. دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىنگلىز تىلىنى ياخشى ئىگەللىدىم.
  ئوقۇش پۈتكۈزۈپ خىزمەتكە چىقتىم. كېيىن يۇقىرىلاپ ئوقۇماقچى بولۇپ ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانغا قاتناشتىم. ئۇستازىم ئېيتقاندەك ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگەن ئىنگلىز تىلى ئەسقىتىپ ئىمتىھاندىن ئۆتتۈم، ئۇستازىمنىڭ سۆزلىرى ھەقىقەتەن ھاياتىمغا تەسىر كۆرسەتتى، مېنى ئۆگەنگەن بىلىمنىڭ ھامان بىر كۈنى ئەسقاتىدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى