قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دەريادىكى بېلىقلار

2017-11-10 20:18:59     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

دەريا بويىدىكى سازلىقتا بىر توپ قۇمچاقلار ئانىسىنىڭ ئەتراپىدا پىلتىڭلاپ، كۈنلىرىنى خۇشال خۇرام ئۆتكۈزىدىكەن.
بىر كۈنى قۇمچاقلار سازلىقتىكى سۇدىن دەريا بويىغا ئۆمىلەپ چىقىپ، سۇدا ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىقلارنى كۆرۈپتۇ، بېلىقلارنىڭ سۇنىڭ ئېقىشىغا ئەمەس، بەلكى ئېقىنغا قارشى ئۈزۈپ كېتىۋاتقانلىقى قۇمچاقلارنى بەكمۇ قىزىقتۇرۇپتۇ.
  - ئانا، -دەپ قۇمچاقلار ھەيران بولۇشۇپ، - بېلىقلار نېمىشقا ئېقىنغا قارشى ئۈزىدۇ؟ بۇنداق ئۈزسە ئۇلار ھېرىپ كەتمەمدۇ؟ - دەپ سورىشىپتۇ.
  - ئوماق قونچاقلىرىم، سىلەر بېلىقنىڭ ئېقىنغا قارشى ئۈزۈشكە ئامراق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەنسىلەردە،- دەپتۇ پاقا ئانا.
  - ياق بىلمەيدىكەنمىز ئانا، قۇمچاقلار تېرىقتەك باشلىرىنى چايقىشىپتۇ.
  - بېلىقنىڭ ئېقىنغا قاراپ ئۈزۈشنىڭ سەۋەبلىرى خېلى كۆپ،- دەپتۇ پاقا ئانا چۈشەندۈرۈپ، - مەسىلەن، ئۇلار ئوزۇقلۇق تۇتۇش ئۈچۈن ئېقىنغا قارشى ئۈزىدۇ، بەزى بېلىقلار لەيلىمە جانلىقلارنى ئوزۇقلۇق قىلىدۇ، بۇ لەيلىمە جانلىقلار ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، دولقۇنغا ئەگىشىپ لەيلەپ يۈرىدۇ، بېلىق ئېقىنغا قارشى ئۈزگەندە، ناھايىتى ئاسانلا ئۇلارنى تۇتۇۋالالايدۇ، بېلىقلار ژابراسىدىن ئۆتكەن سۇغا تايىنىپ نەپەسلىنىدۇ. مانا بۇ بېلىقلار ئۇخلىغاندىمۇ ئۈزۈپ يۈرۈشنىڭ سەۋەبىدۇر. بېلىقلار ئېقىنغا قارشى ئۈزگەندە سۇ ژابراسىدىن تېزرەك ئۆتىدىغان بولغاچقا، نەپەسلىنىشىگە پايدىلىق بولىدۇ. بەزى تۈردىكى بېلىقلاردا يۇقىرى ئېقىنغا كۆچىدىغان ئادەت بولىدۇ. بۇ تۈردىكى بېلىقلار تاتلىق سۇ يەنى دەريالاردا تۇغۇلۇپ دېڭىز-ئوكيانلاردىكى تۇزلۇق سۇدا چوڭ بولىدۇ، تۇغۇلغان چاغدا شۇ جاينىڭ ھىدىنى ئېسىدە تۇتۇۋالىدۇ، تۇخۇملاش مەزگىلىدە بولسا كوللېكتىپ ھالدا تۇغۇلغان جايغا بېرىپ تۇخۇملايدۇ. سۇ دەريادىن دېڭىزلارغا قويۇلىدىغان بولغاچقا، بېلىقلارنىڭ ئۇ چاغدىكى ھەرىكىتى ئېقىنغا قارشى بولىدۇ.
  بېلىقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېقىنغا قارشى ئۈزۈشكە ئامراق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى بىلىۋالغان قۇمچاقلار باشلىرنى ئىختىيارسىز تۈردە لىڭشىتىپتۇ.
  - يۈرۈڭلار ئوماق قۇمچاقلىرىم ئۆيگە قايتايلى، سىلەرگە ئالتۇن بېلىقنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىمەن،- دەپتۇ پاقا ئانا.
  ھېكايە ئېيتىپ بېرىمەن دېگەن گەپنى ئاڭلىغان قۇمچاقلار خۇشاللىقىدا قېن- قېنىغا پاتماي پىلتىڭشىپ سازلىقتىكى ئۆي تەرەپكە قاراپ ئۈزۈپ كېتىپتۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى كەسىپ ئىستىلى قىزىق لىنىيەسى پىروگراممىسىدا،  5 -  ئاينىڭ 25 -كۈنى بايىنغۇلىن مۇڭغۇل ئاپتۇنوم ئوبلاستىدا ـــ  ۋىلايەت-ئوبلاست رەھبەرلىرىنىڭ كۈتۈۋېلىش كۈنى ئالاھىدە پروگراممىسى؛ 5- ئاينىڭ 27- كۈنى  بۈگۈر ناھىيەسىدە « ناھىيە-شەھەر رەھبەرلىرىنىڭ كۈتىۋېلىش كۈنى» ئالاھىدە پىروگراممىسى نەق مەيداندىن بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ
 ئىستانسىمىز ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى كەسپتىكى ناتوغرا ئىستېللارنى تۈزىتىش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ ترانسپورت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىدىغان، كەسپ ئىستېلى قىزىق لېنىيىسى پروگراممىسىنىڭ «قاتناش 10 مىڭ چاقىرىملىق سەپىرى چوڭ تىپتىكى بىۋاستە ئاڭلىتىش پائالىيىتى» 10- ئاينىڭ 16- كۈنى يەنى ئەتە خوتەن ۋىلايىتىدە  ئۆتكۈزىلىدۇ
More>>
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى