قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەنى قارشى ئالدى

2017-11-10 18:58:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن قاتارلىقلار زىياپەتكە قاتناشتى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- نويابىر تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 11- ئاينىڭ 9- كۈنى كەچتە خەلق سارىيىدا زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى مېلانىيەنى قارشى ئالدى. لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، جاڭ گاۋلى، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن زىياپەتكە قاتناشتى.

  خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك كاتتا زالى ناھايىتى ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئېسىل مېھمانلار بىلەن تولغانىدى، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى زىياپەتتە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنى دېڭىز- ئوكيانلار ئايرىپ تۇرسىمۇ، جۇغراپىيەلىك ئارىلىق ئىككى ئۇلۇغ دۆلەتنىڭ ئۆزئارا يېقىنلىقىنى توسۇپ قالالمىدى. ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ئالاقىسى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدىنىش تىرىشچانلىقى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. بۇنىڭدىن 45 يىل بۇرۇن، زۇڭتۇڭ نېكسون ئېلىمىزگە زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قايتا بېرىش- كېلىش قىلىش دەرۋازىسىنى ئاچقاندىن بۇيان، جۇڭگو- ئامېرىكىنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبىرى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدە تارىخىي تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىلدى، دۇنيا ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بىر- بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىگە ئايلاندى. ھازىر ئىككى دۆلەت دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ زور، تېخىمۇ مۇھىم ئورتاق مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە دۇنيادىكى تەسىرى يەنىمۇ ئاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى ئېلىمىزدىكى زىيارىتى مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى كۈندىن بۇيان، زۇڭتۇڭ ترامپ بىلەن ئىككىمىز بىرلىكتە جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى تۈزدۇق. بىز بىردەك: جۇڭگو- ئامېرىكا رەقىبلەشمەستىن شېرىكلەردىن بولۇشىمىز كېرەك، ئىككى دۆلەت ھەمكارلاشساق ئىككى دۆلەتكە ۋە دۇنياغا پايدىلىق نۇرغۇن چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدۇق. جۇڭگولۇقلاردا «ئىرادىلىكلەرگە مەنزىل يىراق بىلىنمەس، ئۇنى تاغ- دەريالارمۇ توسىيالماس»دېگەن گەپ بار. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇچ كەلگەن خىرىسلار چەكلىك، تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز. قەيسەر، بوشاشماس روھ بولغاندىلا، جۇڭگو- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى جەزمەن يېزىپ چىقالايمىز، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا جەزمەن ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشالايدۇ.

  زۇڭتۇڭ ترامپ مۇنداق دېدى: جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ دۆلەتكە زىيارەتكە كەلگىنىمدە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ئامېرىكا خەلقى جۇڭگونىڭ ئۇزاق مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەنلىكىگە ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدۇ. بۇ تارىخىي پەيتتە، ئامېرىكا- جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئامېرىكا- جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتالايدىغانلىقىغا ھەم دۇنياغا تىنچلىق، بىخەتەرلىك ۋە گۈللىنىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىمەن.

  زىياپەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، ئالتۇن رەڭلىك كاتتا زالىدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ مارالاگو قورۇقى، ھامبۇرگ ئۇچرىشىشى ۋە زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ بۇ قېتىم ئېلىمىزدىكى زىيارىتىگە دائىر ئېسىل كۆرۈنۈشلەر ئېكراندا كۆرسىتىلدى. زۇڭتۇڭ ترامپنىڭ ھەمدە نەق مەيداندىكىلەرنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن نەۋرە قىزىنىڭ خەنزۇ تىلىدا ئېيتقان جۇڭگو ناخشىسى، «ئۈچ خەتلىك دەستۇر» ۋە جۇڭگونىڭ قەدىمىي شېئىرىنى يادقا ئوقۇغان ۋىدىئوسى قويۇلدى. مەيداندا يەنە قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى.

  زىياپەتكە يەنە دىڭ شۆشياڭ، ۋاڭ چېن، ليۇ خې، ليۇ يەندۇڭ، ياڭ جيېچى، گو شېڭكۈن، سەي چى، خەن چىدې، دۇڭ جيەنخۇا، ۋەن گاڭ، جۇ شياۋچۈەن ۋە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى تىللېرسون قاتارلىق ئىچكى كابىنېتنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاقساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىدىن بىرنەچچىسى قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلېلىم ئېزىز

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]

نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى