قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىشقا ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك

2017-11-10 19:01:15     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

سۇڭ شيۇيەن لېكسىيە سۆزلىدى، لى پېڭشىن ھەمراھ بولدى

 مۇخبىرىمىز لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 11- ئاينىڭ 7- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە لېكسىيە سۆزلەش قانات يايدۇرۇلغاندىن كېيىن، 11- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن 9- كۈنىگىچە، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس، شۇجىچۇسىنىڭ 1- شۇجىسى سۇڭ شيۇيەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاياللارغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىدە ھەمراھ بولدى.

  سۇڭ شيۇيەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شىڭپىڭ يېزىسى داشى كەنتى، بىڭتۈەن 2- شىسىنىڭ 27- تۈەنى تيەنخې بازىرى تيەنخې مەھەللىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى ئۇخاۋچۈ يېزىسىنىڭ ئارۇنچۈ كەنتىگە كېلىپ، ئاياللار ئاممىسى بىلەن سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى، ئاياللار ئاممىسىنىڭ پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى ھەم ئۆز تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىلدا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ باش تېمىسى ۋە ئاساسىي نەتىجىلىرىنى چۆرىدەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، تارىخىي تۆھپىسى ۋە مول مەزمۇنى، ئۆتكەن بەش يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر قاتارلىق كۆپلىگەن جەھەتلەردىن پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى مۇپەسسەل، جانلىق، توغرا چۈشەندۈرۈپ بەردى.

  سۇڭ شيۇيەن لېكسىيەسىدە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىلدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى، ئەڭ ئاساسلىقى شۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭدىن ئىبارەت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ بۇ يادروسى بارلىققا كەلدى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بارلىققا كەلدى. شىنجاڭدىكى ئاياللار ئاممىسى «تۆت ئاڭ»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك دەرىجىدە بىردەكلىكنى ساقلاپ، قەتئىي ئېغىشماي پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك.

  سۇڭ شيۇيەن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئاياللار مەملىكەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئاياللار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، سىياسىۋىلىك، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ فۇنكسىيەسى ۋە ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئىسلاھاتىدا ۋە ئاياللار بىرلەشمىسى خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەتنى تىرىشىپ يارىتىشى كېرەك. مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاياللار ئاممىسى ئارىسىدا «ئاياللارنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ. يېڭى دەۋرگە تۆھپە قوشايلى» دېگەن تېمىدا ئۆگىنىش- تەربىيە پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇردى، مەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللار ئاممىسىنىڭ مەملىكەتتىكى ئاياللار ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭى نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە تۆھپە قوشۇپ، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئاياللارنىڭ يېڭى بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاياللار ئاممىسى ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئەمەلىيىتىدە، ئاياللارنىڭ ئىرادىسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشۇپ، ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ، ئاياللار مارشىنى ياڭرىتىشى كېرەك. بولۇپمۇ دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ياخشى ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش جەھەتلەردىكى رولىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى يېزىشقا ئاياللارنىڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن رىزۋان ئەبەي، كۇڭ شىڭلۇڭ ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى