قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تىل ئەۋزەللىكى ئارقىلىق كۆۋرۈك ۋە تۈگۈنگە ئايلاندى

2017-11-11 20:36:47     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلار يېڭى سالاھىيەتكە ئىگە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى كىچىك تەرجىمانلار بولدى. بالىلار ئۆزلىرىنىڭ تىل ئەۋزەللىكى ئارقىلىق، ئۇرۇق- تۇغقانلار ئارىسىدىكى كۆۋرۈك ۋە تۈگۈنگە ئايلاندى.
دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى گۈلچىمەن ئەيسا پات- پات ئۈرۈمچىدكى تۇغقىنى ليۇ چۈن ھەدىگە تېلىفون بېرەتتى. بۇلتۇر 10- ئايدا ئاپتونوم رايون قانات يايدۇرغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، گۈلچىمەن ئائىلىسى ليۇ ھەدە بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولغانىدى. ليۇ ھەدە ھەر قېتىم كەنتكە كەلگەندە، گۈلچىمەن ئاتا- ئانىسىغا تەرجىمان بولۇپ، ئىككى ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بېرەتتى.
گۈلچىمەن ئەيسا پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: ئاتا- ئانام بەكمۇ خۇش. ئۇلار ليۇ ھەدىنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سورىدى ھەم ئۆزلىرىنىڭ ليۇ ھەدىگە دېمەكچى بولغان يۈرەك سۆزلىرىنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشىمنى ئېيتتى، ئۇلار مەندىن ئىنتايىن پەخىرلىنىدۇ.
دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى تۇغقانلارنىڭ ئالاقىسىدە مۇھىم رول ئويناپلا قالماي، ئۆزلىرىنىڭ كەنتلىرىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترەتلىرى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئالاقىسىدىمۇ تۈگۈنلۈك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازىرى دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى خۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئىشنىڭ ھەقىقەتەن زور ياردىمى بولدى. بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭىيىپ، تىل ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياخشى ئۆگەنگەن- ئۆگەنمىگەنلىكى، توغرا تەرجىمە قىلغان- قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ، دۆلەت تىلى ئۆگىنىشكە تېخىمۇ قىزىقىدىغان بولدى.
دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بالىلىرى بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئۆزلىرىنىڭ تىل ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئاتا- ئانىلىرىنىڭ بازار ئەھۋالىنى چۈشىنىپ، تىجارەت قىلىشىغا ياردەم بەردى. بۇ يىل 12 ياشقا كىرگەن ساجىدە ئابلەت بۇ بىر قانچە كۈندە، دادىسىغا ئۆز بېغىدىن چىققان ياڭاقلارنى سېتىشىغا ياردەملىشىۋاتقانىدى. ساجىدەنىڭ دادىسى ئابلەت نامەت مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دۆلەت تىلى بىلمىگەچكە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشتا بەك قىينىلاتتىم، بەزىدە ساتالماي قالاتتىم. ھازىر قىزىم تەرجىمانلىق قىلىپ بەرگەچكە، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشىم ۋە باشقا ئىشلىرىم قولايلاشتى، بەك خۇش بولدۇم.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى