قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

سىرتقا چىققاندا ماشىنىدىكى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟

2017-11-11 20:47:55     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

1. بالىلارنى ئارقىدىكى رەتتە ئولتۇرغۇزۇڭ.
بەزىلەر بالىلىرىنى شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغۇزىدۇ، لېكىن بالىلار تۇغما قىزىقىشچان بولغاچقا كۆپ ھەرىكەت قىلىدۇ، يەنە كېلىپ بۇ ئورۇندۇق شوپۇرنىڭ ئورنىغا ئىنتايىن يېقىن جاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بالىلار شوپۇرنىڭ يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرسا، ئۇنداقتا ناھايىتى ئاسانلا مەركىزىي كونترول سۇپىسى، قول تورمۇز، ئوت ئالدۇرغۇچ قاتارلىق ئورۇنلارغا تېگىپ كېتىدۇ، يەنە ئاسانلا شوپۇرنىڭ دىققىتى چېچىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر جىددىي ئەھۋال كۆرۈلسە، بىخەتەرلىك يەل خالتىسى سەپلەنگەن تەقدىردىمۇ بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى بىخەتەرلىك دائىرىسىگە يېتەلمەيدىغان بولغاچقا، ئوخشاشلا بالىلارغا زىيان-زەخمەت ئېلىپ كېلىدۇ!
2. بالىلار بىخەتەر ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشى كېرەك.
بەزى ئاتا-ئانىلار دائىم دېگۈدەك بالىلىرىنى قۇچىقىغا ئېلىپ ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خىل ھەرىكەت توغرا ئەمەس. ماشىنىنىڭ يۈرۈش سۈرئىتى تېز بولغاچقا، ئەگەر ئالدى تەرەپتە تۇيۇقسىز ئەھۋال كۆرۈلۈپ جىددىي تورمۇز قىلىشقا توغرا كەلسە ياكى جىددىي بۇرۇلغاندا مۇنداق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ، بىرىنچىدىن، كىشىلەر ئىنېرتسىيە تۈپەيلىدىن ئالدى تەرەپكە دۈم بولۇپ قالىدۇ، بۇ كۈچ قۇچاقتىكى بوۋاق ياكى بالىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزۈشى مۇمكىن؛  ئىككىنچىدىن، بالىلار چىڭ قۇچاقلانمىغانلىقى سەۋەبىدىن ھەتتا قولدىن ئاجراپ چىقىپ كېتىشى ھەمدە ئاسانلا خەۋپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ خىل ئەھۋاللارغا قارىتا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن ماشىنا ئورۇندۇقى ئۈستىگە بىخەتەر ئورۇندۇق ئورنىتىشنى تاللىسا بولىدۇ، بۇنداق ئورۇندۇق ئەڭ ياخشىسى ماشىنىنىڭ ئارقا رەتتىكى ئورۇندۇقىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەمدە ماشىنىنىڭ قۇيرۇق قىسىمىغا يۈزلەندۈرۈلۈشى كېرەك، بۇنداق بولغاندا بالىلارنىڭ تورمۇزلاش ۋە سۈرئەت تېزلىتىش قاتارلىقلارغا ياخشى تاقابىل تۇرۇشىغا ياردىمى بار.
3. بالىلارنى ماشىنىدا يالغۇز قويماڭ.
بۇ بىر كۆپ ئۇچرايدىغان مەسىلە، ئاتا-ئانىلار ماشىنىدىن ۋاقىتلىق ئايرىلىپ ئىش بېجىرىش ئۈچۈن چۈشۈپ كەتسە بالىلىرىنى ماشىنىدا ساقلاشقا قالدۇرۇپ قويىدۇ. سەللا دىققەت قىلمىسا بالا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن ۋە ياكى مەلۇم بىر مۇھىم ئىش سەۋەبىدىن بالىنىڭ تېخىچە ماشىنىدا ئىكەنلىكى ۋاقىتلىق ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ! مەيلى قانداق ئىش قىلماڭ، ماشىنا ئىشىكىنى قۇلۇپلىغاندا بالىلارنى بىللە ئېلىۋېلىڭ، ھەرگىزمۇ بالىلارنى ماشىنىدا يالغۇز قويماڭ!
4. بالىلىرىڭىز ماشىنىدىن ئۆزى يالغۇز چۈشمىسۇن.
كۆپچىلىك كىچىك بالىلارنىڭ كۈچىنىڭ ئادەتتە ناھايىتى كىچىك بولىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، سىز ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقاندا ياكى ياپقاندا، بالىلىرىڭىزنىڭ  قولى ناھايىتى ئاسانلا ماشىنا ئىشىكى تەرىپىدىن قىسىلىپ قېلىشى مۈمكىن، شۇڭا ئاتا-ئانىلار ئەڭ ياخشىسى ئۆزى ماشىنىدىن چۈشۈپ بالىلىرىغا ئىشىك ئېچىپ بەرگىنى تۈزۈك، بۇنداقتا بىر قەدەر بىخەتەر بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى