قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

پاكىز ھەم سۈزۈك بولغان تۇرۇبا سۈيى بىلەن نىمە ئۈچۈن گۈللەرنى سۇغۇرۇشقا بولمايدۇ؟

2017-11-11 20:52:30     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئەمەلىيەتتە، تۇرۇبا سۈيى بىلەن گۈللەرنى بىۋاستە سۇغۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى، تۇرۇبا سۈيى ئىشلەپچىقىرىلىش جەريانىدا ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە دېزىنفېكسىيىلىگۈچى دورىلار قوشىلىدۇ. سۇدىكى قۇم-لايلارنىڭ ئۇششاق دانچىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ چوڭراق دانچىلارنى ھاسىل قىلىپ ئاسان چۆكتۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرغۇچى دورىلار قوشۇلىدۇ. تۇرۇبا سۈيىدىكى باكتېرىيە ۋە مىكرو جانلىقلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن خلور گازى ئارقىلىق دېزىنفېكسىيەلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ. قىسقىسى- چۆكتۈرۈش، دېزىنفېكسىيەلەش، سۈزۈش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنغان تۇرۇبا سۈيى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا نىسبەتەن ئانچە چوڭ تەسىر ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا، تۇرۇبا سۈيى كىشىلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ ئورنىدا ئىشلىتىشىگە ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. ئەمما، ئۇ نىسبەتەن پاكىز بولغانلىقتىن، ئۇنىڭدا ھايۋانات- ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىغا كېرەكلىك بولغان قىسمەن مىكرو جانلىقلار ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولىدۇ. مەيلى بىز ئۆستۇرۋاتقان گۈللەر ياكى سۇ ئىدىشلىرىدا بېقىلىۋاتقان بېلىجانلار بولسۇن، ھەممىسى جانلىقلارغا تەۋە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھاياتلىق پائالىيىتى سۇغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. شۇنىڭدەك سۇنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئۇلارغا ئوزۇقلۇق ماددا ۋە مىكرو جانلىقلارنى تولۇقلاپ بەرگىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، تۇرۇبا سۈيى ئارقىلىق گۈللەرنى بىۋاستە سۇغۇرۇشقا بولمايدۇ.
بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بىر قىسىم تەجرىبىلىك كىشلەر يامغۇر سۈيىدىن پايدىلىنىپ گۈل سۇغۇرىدۇ ياكى بولمىسا ئاۋال تۇرۇبا سۈيىنى چىلەككە قاچىلاپ ھاۋاغا مەلۇم ۋاقىت ئوچۇق ھالەتتە قويۇپ قويغاندىن كېيىن سۇدىكى ئۇيۇشتۇرغۇچى ۋە دېزىنفېكسىيىلىگۈچى دورىلار چۆكۈپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن سۇدىكى ئارىلاشما ماددىلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا كۆپىيىپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بۇ سۇ بىلەن گۈل سۇغۇرۇپ بېلىق بېقىشقا بولىدۇ.

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى