قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

تەمكىنلىك سىزگە يار بولسۇن 

2017-11-11 20:55:00     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

تەمكىنلىك مىجەزدىكى ئوچۇق- يورۇقلۇق، كەيپىياتتىكى كۆتۈرەڭگۈلۈك، مۇئامىلىدىكى ئىللىقلىق، مۇناسىۋەتلەردىكى ماھىرلىق بىرگەۋدىلەشكەن قەلب گۈزەللىكىنىڭ يەنە بىر مۇھىم نامايەندىسى، ئۇ كىشىلەرگە گۈزەللىك، ئەخلاق- پەزىلەت، خۇشاللىق، مۇۋەپپەقىيەت ئاتا قىلىدىغان مەنىۋى بايلىقىمىزنىڭ بىرىدۇر. شۇڭا تەمكىن بولۇش بىر خىل ئېسىل خىسلەت ھېسابلىنىدۇ.
تۇرمۇشنى كۆزىتىدىغان بولساق، تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەتتىكى تۈرلۈك مۇناسىۋەت ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىدا ئالدىراقسانلىقتىن، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىپ، ئىشلارغا توغرا، ئىلمىي قاراپ، تەمكىنلىكنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان كىشىلەر دائىم ئازادە، خۇشال- خۇرام ياشايدۇ. چۈنكى ئۇنداق كىشىلەر كىچىك پېئىل، ئوچۇق - يورۇق بولىدۇ، ھەر قانداق ئىشلاردا ئۆزىنى تۇتۇۋالىدۇ، بىرەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسىمۇ، ئالدىراپ مەيۈسلەنمەيدۇ، تىلى بىلەن دىلى بىر بولىدۇ، دائىم ھاياتقا كۈلۈپ باقىدۇ.
ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئادەم تەمكىن بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئوخشىمىغان ئاڭ، پىسخىك ھېسسىيات، خاراكتېر بىر قىسىم كىشىلەرنى تۇرمۇشقا، ھاياتقا، كىشىلەرگە ئوخشىمىغان مۇئامىلىدە بولۇپ ياشاشقا ئادەتلەندۈرۈپ قويىدۇ. بەزىلەر باشقىلارنىڭ سەمىمىي پىكىر بېرىشى، شۇنداقلا ئۆز- ئۆزىنى بايقىشى، ھېس قىلىشى نەتىجىسىدە، مەيلى مىجەز- خاراكتېر، باشقىلارغا باھا بېرىش ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ئىشلىرىدا بولسۇن ياكى خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىش، كەسىپ، نىكاھ، ئىگىلىك تىكلەشتەك ئىشلاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان بولسۇن، ئۆزىدىكى ئالدىراڭغۇلۇق، جاھىللىق، تەكەببۇرلۇق، روھىي چۈشكۈنلۈككە ئوخشاش يېتەرسىزلىكلىرىنى دادىللىق بىلەن تۈزىتىدۇ، مەسىلىلەرنى ياخشى تەرەپتىن ئويلاپ، كەيپىياتىنى قايتا تەڭشەيدۇ، تەمكىنلىكى بىلەن خېلى ئىشلارنى جايىدا يۈرۈشتۈرۈپ كېتىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق كۆپنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ كىشىنى تولىمۇ سۆيۈندۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. شۇڭا بىز بۇ تەرەپلەردىكى يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كىشىلەرنىڭ، بولۇپمۇ بالىلارنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنى تەربىيەلەش، نورمال پىسخىك كەيپىيات يېتىلدۈرۈش، كەيپىياتىنى تەڭشەش قارىشىنى تىكلەپ، جۇشقۇن، سالماق روھىي ھالەتنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىشىمىز لازىم.
تەمكىنلىك بىر خىل گۈزەل خىسلەت، ھەر قانداق ئادەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەت. شۇڭا دوستۇم، كۆڭۈل- كۆكسىڭىز كەڭ، مېھىر- مۇھەببىتىڭىز ساپ بولسۇن، تەمكىنلىك بىلەن قىلغان ھەر بىر سۆزىڭىزدىن، پەزىلىتىڭىزدىن، باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىزدىن گۈل ئۈنسۇن!

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
2018-يىلى 1-ئاي
2018-يىلى 2-ئاي
2017-يىلى 11-ئاي
2017-يىلى 12-ئاي
2018-يىلى 3-ئاي
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى