قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى

2017-11-11 21:04:26     مەنبەسى: شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى   

ئىستانسىمىز خەۋىرى:
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، تۈرلۈك ئاماللار بىلەن نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇتەللىپ تەۋەككۇلنىڭ ئېتىزلىقىدا ئاگرانوملار مۇتەللىپ تەۋەككۇلگە ياردەملىشىپ، بۇ يىلقى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم قېرىنقۇلاقلارنى ئۈزۈۋاتاتتى.
   بۇ يىل، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، مۇتەللىپ تەۋەككۇل ئېتىزلىقىغا قېرىنقۇلاق تېرىدى. ئۇمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش ئۈلگىسىگە ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «يېڭى قېرىنقۇلاقلارنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ باھاسى تەخمىنەن 20 يۈەن، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىنكى ھەر كىلوگىرامنىڭ باھاسى 100 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. بۇ يىل مۇشۇ تەرىقىدە ماڭساق، كىرىمىمىزنى ئاز دېگەندىمۇ 7 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شەرت - شارائىت يار بەرسە، مەن قېرىنقۇلاق تېرىلغۇ كۆلىمىنى يەنە ئىككى مو كېڭەيتىمەن. ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشكە ئىشەنچىم بار.
 مۇتەللىپ تەۋەككۇل تېرىغان قېرىنقۇلاق شۇ جايدا خېلى بازار تاپتى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسى قېرىنقۇلاق تېرىشقا قىزىقىپ قالدى. كەنت ئاھالىسى گۈلنىسا راخمان مۇنداق دېدى: مۇتەللىپنىڭ يېرى دېگەندەك ياخشى ئەمەس تۇرۇپ، كۆپ كىرىم قىلدى، مەنمۇ قېرىنقۇلاق ئۆستۈرۈپ كېلەر يىلى كىرىمىمنى ئاشۇرماقچى بولىۋاتىمەن.
پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق قۇرۇش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش داۋامىدا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ ئۇتتۇرىغا قۇيۇلدى. نۆۋەتتە، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى پېشقەدەم كادىرلار ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنتنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق ئويلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋېي يۈەن مۇنداق دېدى: بىز ناھىيەگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئۈستىدە كوللېكتىپ كېڭىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدىن پىلانلاپ، دەل جايىدا كۈچەيمىز. ئىشنى ئۆستەڭ ئۆزگەرتىش، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ئورمانلىقتا قېرىنقۇلاق تېرىشنى كېڭەيتىش، ياڭاقنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، دۆلەت تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرۇلۇشى، يېزىلاردا ئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش قاتارلىق 10 جەھەتتىن باشلاپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى كۆپرەك بېجىرىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىنى ئاممىغا يەتكۈزىمىز.
تەرجىمان: ئامىنە نۇرئەخمەت

[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
[an error occurred while processing this directive]
نادىر ناخشا – مۇزىكىلار
تور بېتىمىزدىكى يېڭىلىقلار
رادىيو دىراممىسى
بۇ بەتنىڭ نەشىر ھوقۇقى شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىغا تەۋە
ئالاقىلىشىش نومۇرى: 2571553، 2578492
ئادرىسىمىز: ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى 830- نومۇر شىنجاڭ خەلق رادىيو ئسىتانسىسى تور مەركىزى